د ئۇ ق «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» دە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.06.20
dolqun-eysa-musapir-uyghur.jpg د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى» يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 26-ئاپرېل، بېرلىن.
RFA/Erkin Tarim

20-ئىيۇن دۇنيا مۇساپىرلار كۈنىدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، دېموكراتىك ئەللەرنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىشقا چاقىردى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ جىددىيلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

20-ئىيۇن كۈنىدىكى «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» 2001-يىلىدىن بېرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بېسىم ۋە زۇلۇم تۈپەيلىدىن يۇرتلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر قالغان مۇساپىرلارنى خاتىرىلەيدىغان كۈندۇر. بۈگۈن خەلقئارا تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە يۇرتىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان مۇساپىرلارنىڭ سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇساپىرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 68 مىليون ئىكەن، ياۋروپا ئەللىرىگە بېرىۋېلىش ئۈچۈن يولدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 38 مىڭ ئىكەن. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە ئىككى خىل مۇساپىرلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرىنچىسى تۈركىيەدە پاناھلىق تىلىگەنلەر، ئىككىنچى خىلى بولسا تۈركىيەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇپ، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشنى كۈتۈۋاتقان مۇساپىرلاردۇر. د ئۇ ق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەدىن ئۈچىنچى دۆلەتكە كېتىشى ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

«خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى» نىڭ 33-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن مۇساپىرلار ئۆزلىرى كەلگەن دۆلەتلەردە بېسىم ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسا قايتۇرۇۋېتىشكە بولمايدىكەن. ھازىرغىچە تۈركىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار يوق ئىكەن. لېكىن تۈركىيەدە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشنى كۈتۈۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن رەسمىيەتلىرى سوزۇلۇپ كەتكەچكە بەزى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ئابدۇللا جامال ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەسلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ ئۇنى تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر ۋىلايىتىگە تەقسىم قىلغانلىقىنى، ئۇ ۋىلايەتتە جېنىنى باقالماي ئىستانبۇلغا كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ۋە تۇرمۇشىنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بەزى ئۇيغۇر مۇساپىرلار تەقسىم قىلىنغان رايوندا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، تۈرك خەلقىنىڭ ياردىمى بىلەن خېلى ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇلاردىن بىرى تۈركىيەنىڭ قارابۈك ناھىيەسىگە تەقسىم قىلىنغان مەخمۇتجان تۇرسۇندۇر. ئۇ تۈرك خەلقىنىڭ ياردىمى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈۋاتقان 100 ئائىلە ئۇيغۇر بار ئىكەن. بۇلار قايسى دۆلەتلەرگە كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن تۈركىيەدە قالمايدۇ؟ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن مەخمۇتجان تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋەتەندە ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئوقۇغۇچىلارغا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتى تەرغىب قىلدىڭ دەي ئەيىبلىنىپ خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىلگەنلىكىنى، شۇڭا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېتىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇساپىرلارنىڭ ئومۇمى سانى 68 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 مىليون 200 مىڭ مۇساپىر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە پاناھلىق تىلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ مۇساپىر پاناھلىق تىلىگەن دۆلەت گېرمانىيە ئىكەن. سۈرىيەدىن 2011-يىلىدىن بۇيان 5 مىليون 900 يۈز مىڭ كىشى مۇساپىر بولغان. ئۇنىڭدىن قالسا ئافغانىستان بىلەن سومالىدىن قېچىپ چىققانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئىكەن. تۈركىيەدە 5 مىليون ئەتراپىدا مۇساپىر بار بولۇپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. تۈركىيە ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر مۇساپىر بار دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.