ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ 2017-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالدى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 2017-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون سوللىۋان دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن باياناتىدا خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى مەخسۇس تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە بۇ دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەر كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش ئارقىلىق ئاقىۋەتتە «مۇقىمسىزلىق» نى ئۆز قولى بىلەن پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تەنقىدلىنىشىنىڭ «ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى چەكلەش، ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنى، پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش، نازارەت ۋە تەقىبنى ئۆز مەيلىچە كۈچەيتىش قاتارلىق دىكتاتور ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ ئۇنسۇرلىرىنى كەڭ قوللانماقتا. ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىل بولماسلىقى، مۇستەقىل ئادۋوكاتلارنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى ۋە ئۇچۇرنىڭ قاتتىق قامال قىلىنىشىدەك ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىشىغا توسالغۇ بولماقتا. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ مىللىي، دىنى ۋە تىل-يېزىق ئەركىنلىكىنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرى بىزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى قوزغىماقتا.»

دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كەڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە زەربە بېرىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش، ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش، قوپال مۇئامىلە ۋە ئۆچ ئېلىش، سىياسىي مەھبۇسلار، خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلىش، ئاخبارات‏-ئۇچۇر، پىكىر ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، ئەركىن ساياھەت ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكى، مىللىي ۋە دىنى ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ياكى كەمسىتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلار مەخسۇس تىلغا ئېلىنغان.

ئامېرىكىدىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەت قاتارىدا ئالاھىدە تەنقىد قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قېتىملىق دوكلاتىدا خىتاينى مەخسۇس ھالدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان 4 دۆلەت قاتارىدا كۆتۈرۈپ چىقىشى مەنچە ئىنتايىن توغرا بىر قارار. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى سىستېمىلىق ھالدا دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت بولۇش بىلەنلا قالماي، ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ خىتاي ئىچىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دىكتاتور تۈزۈمىنى، پىكىر ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە قاراتقان قامالىنى ھەم شۇنداقلا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادا ھەقىقەتەن بىر مۇقىمسىزلىققا ئاساس سېلىۋاتىدۇ، دېسەك خاتا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىرلاپ كەتتى. زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ‹يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى› غا سولىنىشى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مىساللىرىنىڭ بىرى. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ قارىغاندا، خىتاينى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەت، دەپ باھالاشقا بولىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئەيىبلىشى ئىنتايىن توغرا بىر ھەرىكەت.»
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دېگەن نام ئاستىدا ھېچقانداق ئىسپات كۆرسەتمەي تۇرۇپ، خىتاينىڭ «تېررورچى» قالپىقى كىيدۈرۈلگەن كىشىلەرنى خالىغانچە ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ چەتئەللەردىن قايتىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىدە قېيىن-قىستاق ۋە قوپال مۇئامىلە كۆرۈۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خالىغانچە تۇتۇش نىشانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ھېلىھەم خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان «شەبنەم» تور بېكىتىنىڭ ساھىبى نىجات ئازاتلارنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا يولغا قويۇۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە تەقىب سىستېمىلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئەڭ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلغانلىقى، ئىنتېرنېتنىڭ قاتتىق قامال قىلىنىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلىرىنىڭ باشقا جايلاردىن پەرقلىق ھالدا رايوندىكى كىشىلەرنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسى قاتارلىق بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرىنى يىغىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە «قايتا قۇرۇش، تۈزەش-ياساش» دېگەندەك ئىسىملار ئاستىدا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان قەدىمىي ماكانلارنى، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەت ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمە ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىپ چەتئەلگە چىقىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىنىڭمۇ ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەزكۇر دوكلاتتا نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بارغۇچە ساناقسىز تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتىدىغانلىقى، ئەمما خىتايلارنىڭ بۇنداق توساقلاردىن ئۆتمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

قىسقىسى، دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەغەز يۈزىدىكى سىياسەتلىرىدە «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پىلانلىق تۇغۇت، ئالىي مەكتەپكە كىرىش، قەرز پۇل ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىلىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە» دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەر رايونلىرىدا «خىتايلاشتۇرۇش» نى يولغا قويۇۋاتقانلىقى، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ دىنى ۋە مىللىي ئەركىنلىكىگە ھەم شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا جىددىي ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە «ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاپتونوم رايونلاردا، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى داۋاملىق ئىگىلەپ تۇرماقتا. خىتاي نوپۇسىنىڭ مەزكۇر رايونغا تېخىمۇ كۆپ ئېقىپ كىرىشى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاشقا باشلىدى،» دېيىلگەن.

يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىنتايىن ئېنىق ۋە كەسكىن بىر تىل بىلەن ئوتتۇرىغا قويماقتا. پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە مەخسۇس بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى لاۋرا ستون بېيجىڭدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نى تىلغا ئالغان ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇنداق دەپسەندىچىلىكلەردە رول ئېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئامېرىكىنىڭ «ماگنېتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ جازالىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون سوللىۋان دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنى يەنە مۇشۇ «ماگنېتسكىي قانۇنى» ئارقىلىق ئاگاھلاندۇردى. ئۇ سۆزىدە «يىغىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىز كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جازالاشنى داۋام قىلىمىز. ئۆتكەن يىللار مابەينىدە بىز ‹ماگنېتسكىي قانۇنى› ئارقىلىق بەزى جازا تەدبىرلىرىنى ئالدۇق. كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان ھەرقانداق كىشى، مەيلى ئۇ دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسۇن، بىزنىڭ قولىمىزدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ،» دەپ ئەسكەرتتى.