فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر سودىگەر جۈرئەت: «ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ ئۆزى خىتاي ئۈچۈن بىر تەھدىت»
2017.10.30
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بارغانچە كۈچىيىشى سەۋەبلىك چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئاۋارىچىلىككە قويماسلىق خاھىشى كۈچەيمەكتىكەن ھەمدە ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن يىراقلىشىش كەيپىياتى ئارتىپ بارماقتىكەن.
فىرانسىيەدىكى زىبۇزىننەت سودىگىرى جۈرئەت ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ گەرچە چەتئەلدە 20 يىلدەك ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلىپ ياشىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بېسىم ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى خىتاي ئۈچۈن بىر تەھدىت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. جۈرئەت ئەپەندى يەنە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق قەدر-قىممىتىنى قوغداشقا، قۇربى يەتكەن ئىمكانىيەتتە خەلقى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
جۈرئەت ئەپەندى سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۆزىنىڭ فىرانسىيەدە تۇرغان 20 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن، ھەتتا ئۇيغۇر جامائىتىدىنمۇ يىراقتا تۇرۇپ ياشىغانلىقىنى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قېلىشتەك ئاقىۋەتتىن قۇتۇلالمىغانلىقى، بۇنىڭدىن مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ساۋاق ئېلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىككە چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۈرئەت ئەپەندى ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كەچمىشلەرنى ئاڭلاتتى. ئۇ يەنە ئىلگىرى قارامايدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلدىكى دوست ئاغىنىلىرىنىڭ بالا-چاقىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى، نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن يۇرتلىرىغا قايتىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدەك مىساللارنى بىر-بىرلەپ نەقىل كەلتۈردى. ئاندىن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە باستۇرۇش ۋە يوقىتىش سىياسىتى» نىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشكە چاقىردى.
جۈرئەت ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي جەھەتتىن ھوقۇقسىزلاندۇرۇش، ئېتىقاد، مەدەنىيەت، تىل ۋە مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئېرىتىپ تۈگىتىش سىياسىتىگە قارىتا دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئىمكانىيىتى بويىچە تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق قەدىر-قىممىتىنى قوغدىشىنى، قولىدىن كەلگەن شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشىنى ۋە ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئېچىشىنى، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ۋەزىيەتنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەرگە ۋە ھۆكۈمەتلەرگە بىلدۈرۈشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.