فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر سودىگەر جۈرئەت: «كەچمىشلىرىم مېنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەشكە ئۈندىدى»

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بارغانچە كۈچىيىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىككە يولۇقۇشىدىن ئەنسىرەپ ۋە ئۆزىنىڭ ۋەتەن زىيارىتىگە قۇلايلىق پۇرسەت يارىتىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن قېچىش، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىق كەيپىياتى كۈچەيمەكتە.

نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش بىلەن تونۇلغان فىرانسىيەدىكى زىبۇ-زىننەت سودىگىرى جۈرئەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ فىرانسىيەدە تۇرغان 20 يىلغا يېقىن جەرياندا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىدىن، ھەتتا ئۇيغۇر جامائىتىدىن نېرى تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرقانداق پائالىيەتلەرگە قاتناشماي ئۆز ئىگىلىكىنى شۇغۇللىنىپ، زىبۇزىننەت سودىگىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن 2016-يىلدىكى ۋەتەن زىيارىتىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلىشى ۋە تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەن.

بۈگۈن جۈرئەت ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەت بويىچە باستۇرۇش سىياسىتى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆز تىجارىتى بىلەنلا شۇغۇللىنىپ كەلگەن بىر سودىگەرنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىتلەيدىغان بىر ئۇيغۇرغا ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۈرئەت ئەپەندىنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ۋەتەندىكى بىر قاتار ئاچچىق كەچمىشلىرى ئۇنىڭ فىرانسىيەگە كېتىشىگە سەۋەب بولغان. ئۇ، دېموكراتىيە، ئەركىن رىقابەت ۋە باراۋەرلىك شارائىتى تولۇق بولغان فىرانسىيەدە ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ھەمدە فىرانسىيەنىڭ داڭلىق ماركىلار بازىرىغا كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

جۈرئەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى شىخودا تۇغۇلغان، بالىلىقى ۋە ياشلىقى قاراماي نېفىتلىكىدە ئۆتكەن. 70-يىللاردىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي» مەزگىلىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە سۈرگۈن ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈشى، قاراماي نېفىتلىكىدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە نېفىت قۇدۇقلىرىدىن چىقىۋاتقان نېفىت، تەبىئىي گازلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇشى، بايلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە ھوقۇقسىز، ئىقتىسادتا نامراتلىقتا قېلىشى، قاراماي نېفىتلىكىدە ئۇيغۇرلاردىن بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ چەتكە قېقىلىشى قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەبلەر ئۇنى 1996-يىلى 23 يېشىدىلا خىزمىتىنى تاشلاپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە سودا قىلىشقا مەجبۇر قىلغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بېيجىڭ قاتارلىق خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدە تىجارەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە 1999-يىلى بېيجىڭدىكى پايتەخت ئۇنىۋېرسىتېتىدا 2 يىل رۇس تىلى ئۆگەنگەن. بۇ جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدىمۇ ھەر ۋاقىت ھەر جايدا ئېغىر كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. بۇ ئەھۋاللار ئۇنىڭ 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك ئىزدەپ فىرانسىيەگە كېلىشىغا سەۋەب بولغان.

جۈرئەت ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن فىرانسىيەدە تىنچ تىجارەت قىلىۋاتقان بىر سودىگەردىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى تەنقىتلەيدىغان بىر پائالىيەتچىگە ئايلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە كۈچەيتىلگەن تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر ئۇنى ئويغاتقان.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، قارامايدا تىجارەت قىلىپ ئالدىنقى قاتاردىكى بايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىنىسى راخمان تۇرسۇننىڭ 2016-يىلى ئەتىيازدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى؛ ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ئۆز ئىنىسىنىڭ تۇل قالغان ئايالى ۋە بېقىمسىز قالغان 3 بالىسىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشتىن مەھرۇم قىلىنىشى؛ 2016-يىلى ياز مەزگىلىدە ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن ۋەتەن زىيارىتىگە بارغىنىدا قولىدا فىرانسىيە پاسپورتى بار تۇرۇقلۇق خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن 48 سائەت سوراق قىلىنغانلىقى ۋە ھەر خىل تەھدىتلەرگە ئۇچرىغانلىقىدەك بىر قاتار رېئاللىقلار ئۇنىڭغا يەنە سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرغان.