ئىگىلىشىمىزچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى «مىسرانىم» تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئاكتىپ تور يازارى تۇرسۇنجان مەمەت مارشالنىڭ دېلوسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئۇنىڭ قاچان سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە مەلۇمات يوق.
بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن مەمەت قارىم تۇتۇپ كېتىلگىنىگە ئىككى يېرىم ئاي بولغان ئوغلى تۇرسۇنجان مەمەت مارشال ھەققىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ ئوغلى تۇرسۇنجاننىڭ دېلوسىنى ئالدى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇيغۇننىڭ مەسئۇل بولۇپ تەكشۈرگەنلىكىنى، ھازىر دەسلەپكى تەكشۈرۈشنىڭ ئاخىرلىشىپ، ئوغلى تۇرسۇنجاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەمەت قارىم ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇيغۇننىڭ ئوغلى تۇرسۇنجان ھەققىدىكى ئەيىبنامىنى ئۆزىگە ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ ئەيىبنامىگە ئىمزا قويمىغانلىقىنى شۇ سەۋەبتىن تۇيغۇننىڭ ئۆزىگە تەھدىت ئارىلاش بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
مەمەت قارىم يەنە ئايالىنىڭ ئوغلى سەۋەبلىك ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى ۋە دىئابېت كېسەللىكى قوشۇلۇپ سالامەتلىكىنىڭ پۈتۈنلەي يامانلاشقانلىقىنى، ئاخىرقى كۈنلىرى قالغان ئانىنىڭ ئوغلى بىلەن تېلېفوندا بولسىمۇ سۆزلىشىۋېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاقسۇدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا تېلېفون قىلغىنىدا رەھىمسىزلىك بىلەن رەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەمەت قارىم ئوغلى تۇرسۇنجان ئۈچۈن 15 مىڭ سوم پۇل تۆلەپ ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار قېشىدىكى ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى ئابدۇرېشىت مىجىتنى ئادۋوكاتلىققا چاقىرغانلىقىنى، ھالبۇكى، ئادۋوكاتنىڭ ھازىرغا قەدەر مەزكۇر دېلو ھەققىدە ئۇلارغا ئېنىق ئۇچۇر بېرەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بىز ئادۋوكات ئابدۇرېشىت مىجىتقا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇ تېلېفوننىڭ چەتئەل مۇخبىرىدىن كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
5-ئاينىڭ 31-كۈنى مەمەت قارىم ئاقسۇغا بېرىپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇختەر بىلەن كۆرىشىدۇ. ئۇ گەرچە مەمەت قارىم ئوغلىغا ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ۋە 300 سوم پۇلنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈۋېلىش تەلىپىنى رەت قىلىدۇ.
بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇختەرگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۇرسۇنجاننىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
مەمەت قارىم ئاخىرىدا ئوغلى تۇرسۇنجان مەمەت مارشالنىڭ ئاقسۇدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ۋە ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغان 50 ياشلاردىكى يەنە بىر تور يازغۇچىسى بىلەن بىللە «مىسرانىم» تورىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سىياسىي دېلوغا چېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.