بىر مۇستەقىل چەتئەل مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كۆرگەنلىرى ۋەزىيەتنىڭ چىڭلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكىدىكى «كرىزىس خەۋەرلىرى پۇلتىزېر مەركىزى» ۋە «كاراۋان ژۇرنىلى» قاتارلىق مۇستەقىل خەۋەر تور بەتلىرىدە «سۈكۈتتىكى دۇئا» ناملىق بىر خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

بۇ ماقالە خىتايدا تۇرۇشلۇق ژۇرنالىست ئەلىس سۇ تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، مۇخبىرنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا بىرمۇ بىر قىلغان زىيارەتلىرىگە ئاساسەن يېزىلغان بۇ خەۋەر ماقالىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەقىقىي ۋەزىيەت ناھايىتى ئەتراپلىق شەرھىلەنگەن.

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل ژۇرنالىست ئەلىيىس سۇ «سۈكۈتتىكى دۇئا-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قورشاۋغا ئېلىشى» ناملىق بۇ خەۋەر ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى كونترول قىلىشى، ئۇ جايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى باستۇرۇشى سەۋەبىدىن رايوندا شەكىللەنگەن ۋەزىيەتنى ناھايىتى ئەتراپلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن. بولۇپمۇ ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەمدە ۋە ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ بىر قىسىم مۇھىم دىنىي زاتلارنىڭ مازارلىرىنى تاۋاپ قىلىدىغان ئادەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق مازارلىقلارنىڭ چۆلدەرەپ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا پېچەتلەنگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇ خەۋەر ماقالىسىنى ئالدى بىلەن خوتەندىكى «ئىمام ئاسىم مازارلىقى» دىن باشلىغان بولۇپ، ئۇ بۇ مازارلىقنىڭ ئۇيغۇرلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تاۋاپ قىلىپ كەلگەن جايلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم نى-نى ئۇزاق جايلاردىن قۇملۇقلارنى كېزىپ بۇ يەرگە تاۋاپ قىلغىلى كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ يەرگە تاۋاپ قىلغىلى كېلىدىغان ئادەمنىڭ كۆپ بولسا ئون نەچچىگە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ مازارلىقتا دەرۋازىۋەنلىك قىلىدىغان مەمەت ئىسىملىك كىشى بۇ يەرگە خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسىمۇ مۇشۇ مازارلىقتا دەرۋازىۋەنلىك قىلغان ئىكەن. ئۇ، بىر يىللاردا ئىمام ئاسىمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ھەر يىلى بۇ يەرگە مىڭلاپ ئادەمنىڭ تاۋاپقا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەمما ھازىر ئاران ئوندەك ئادەم كېلىدۇ، دېدى. ئۇ شۇنداق دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇراي دەپ تۇرۇشىغا بىر ساقچى ئاپتوموبىلى مازارلىققا كەپ توختىدى ۋە قوللىرىدا كالتەك كۆتۈرۈۋالغان بىر قانچە خادىم يېنىمىزغا كېلىپ، بىزگە دەرھال بۇ يەردىن ئايرىلىشىمىزنى ئېيتتى. بۇنىڭ بىلەن مەمەت دەرھال كەينىگە يېنىپ ئۆزىنىڭ مازارلىقنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتكەچ كۆزى بىلەن ئىشخانا ئۈستىدە ئېسىق تۇرغان بىخەتەرلىك كامېراسىنى ئىشارەت قىلىپ قويدى» دەپ يازغان.

مۇخبىر ماقالىسى داۋامىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايدىكى سىياسىي سەزگۈرلۈكى ئەڭ يۇقىرى جايلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايدا «رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا ئېغىر خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي ئەركىنلىك مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پەقەت ھۆكۈمەت ئۆزى قۇرغان ياكى ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلغان دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭلا پائالىيەت قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما يۇقىرىدىكى ئىمام ئاسىما مازارلىقىغا ئوخشاش جايلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىپ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا تاقىلىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان بېسىم سىياسىتىنىڭ پەقەتلا بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇستەقىل ژۇرنالىست ئەلىيىس سۇ زىيارەت قىلغان يەنە بىر جاي يەكەن بولۇپ، ئۇ يەكەنگە دەل 2016-يىلى رامىزان مەزگىلىدە بارغان. ئۇ يەكەندىكى مەزگىلىدە گەرچە رامىزان بولسىمۇ، يەكەن كوچىلىرىنىڭ ئاساسەن بوشلۇقىنى، كوچىلاردا ئادەممۇ كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتار ۋاقتىدىمۇ ئاساسەن كوچىغا چىقمىغانلىقىنى كۆرگەن. بىر ئۇيغۇر ياش ئۇنىڭغا بىر قانچە يىلدىن بۇيان يەكەننىڭ مۇشۇنداق بوپ قالغانلىقىنى، بۇرۇن ئىپتار ۋاقتى بولغاندا كىشىلەرنىڭ ئىپتار قىلىش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ھېچكىمنىڭ ئۆيىدىن چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ «ھازىر ئىقتىسادمۇ ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەرمۇ قورقۇپ كەتتى» دېگەن.

مۇخبىر يۇقىرىدىكى ياشنىڭ سۆزىدىن كېيىن 2014-يىلى رامىزان مەزگىلىدە يەكەندە قانلىق بىر ۋەقە بولغانلىقىنى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شۇ ۋەقەدە 96 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردۇق، دەيدىغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ شۇ كۈنى ۋەقە پەيدا قىلغان تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بولسا شۇ كۈنكى ۋەقەدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى قىلدى، دېگەن سەۋەب بىلەن 2000دەك ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى يازغان ۋە قەشقەردىكى بىر خىتاي ئايالنىڭ دېگەنلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن : «يەكەندىكى ۋەقە بولۇپ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، يەكەندە بىرەر ئۇيغۇر ماڭا شۇ كۈنى زادى نېمە بولغانلىقىنى دەپ بېرىشنى خالىمىدى. لېكىن قەشقەردىكى بىر خىتاي ئايالنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە، ئۇ كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەندىنمۇ جىق ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. ئۇ ئايال ماڭا ‹ شۇ ۋەقەدىن كېيىن شۇنداق كۆپ خىتاي يەكەندىن كۆچۈپ كەتتى، ئۇلار جەنۇبىي شىنجاڭدىن قورقىدۇ› دېدى. بۇ ئايال سۆزىنى داۋام قىلىپ ‹ ھېلىغۇ يەكەنكەن، قەشقەر شەھەرنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش چىقىپلا تۇرىدۇ. ئەمما ئۇلار خەۋەر قىلىنمايدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت كىشىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ يەرلەشسۇن دەيدۇ. شۇڭا ئۇلار شىنجاڭنى بىخەتەر دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. لېكىن بۇ يەردە قاچان نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن› دېدى.»

مۇخبىر يەنە يەكەندىكى ئۇيغۇرلار تاۋاپ قىلىدىغان بىر چىلتەن مالىك ناملىق يەنە بىر مازارلىقنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «كونا، ساياھەتچىلەر زەخىملىنىپ قالىدۇ» دەپ تاقاپ قويۇلغانلىقىنى، ئەمما بىر قانچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرغىچە ئۇ يەرنى رېمونت قىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۇ يەرگە بارماسلىققا، بارسا ساقچىلارنىڭ ئاۋارە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازغان.

مۇخبىر ئەلىيىس يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا ھەدىدىن زىيادە كۈپ ساقچى كۈچى ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭغا خوتەندىكى بىر بازارنى مىسال قىلغان. ئۇ بۇ بازاردا ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارنىڭ ئۆز-ئارا پاراڭلىشىۋاتقان ھەتتا بىللە تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بازارغا كىرگۈچە خىتايلارنىڭ ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭلا ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىققا ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ، بۇنىڭغا ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى رايىن تامنىڭ سۆزىنى مىسال كەلتۈرگەن. رايىن تام مۇخبىرغا دېگەن سۆزىدە، يۇقىرىدىكىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مازار تاۋاپ قىلىدىغان ئادەتلىرىنىڭ ئەسلىدە دىنغا رادىكال بىر شەكىلدە ئىشىنىشكە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئادەتلەرنى چەكلىشىنىڭ رادىكال ۋە زوراۋان قارشىلىقلارغا يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ سەۋەبچىسى ئىكەنلىكىنى ئۆز دوكلاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. ئۇلار ئۆز دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىڭ ئەڭ ئاساسىي شەرتلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشىگىمۇ يول قويمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي بېسىم ھەققىدە توختالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي بېسىم سىياسىتىنىڭ ئىلگىرى دىنىي زاتلارنىلا نىشان قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ دائىرىسىنىڭ بالىلارغىچە كېڭەيتىلگەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ ئەمدى ئۇيغۇر بالىلىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ دىنىي كەيپىياتىنى تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان نۇقتىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.