ئامانلىق مۇدىرى: «ئاھالىلەر، رۇخسەت بەرسەكمۇ، چەتئەلدىكى تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلالمايۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.04.17
xitay-saqchi-charlash-tekshurush.jpg خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئەتراپىدىكى كېچىلىك بازارنى چارلاپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 25-ئىيۇن، قەشقەر.
AFP

نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى ۋە ئەنسىزلىكى ھەر خىل جەمئىيەت ھادىسىلىرىدىن ئىپادىلەنمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي يېزىسىدىكى چەتئەللەردە تۇغقىنى بار بىر تۈركۈم ئاھالىلەر، رۇخسەت بېرىلگەن تەقدىردىمۇ تېلېفون قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. باياندايدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، كىشىلەر، چەتئەلگە تېلېفون قىلسا يەنىلا «يىتىخۇئا» يەنى «جەڭ سۇپىسى» دېيىلگەن قارا تىزىملىك تورىغا چۈشۈپ قېلىپ «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلىشتىن قورققان.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ بۇلتۇر يىل بېشىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلدى. بۇنىڭغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن چەك-چېگرىنى ئايرىشقا بەزىدە ئاشكارا، بەزىدە ۋاسىتىلىك ھالدا قىستىشى سەۋەب بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، رايوندا داۋام قىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيە» دولقۇنى پەيدا قىلغان ئەنسىزچىلىك ۋە قورقۇنچمۇ، كىشىلەرنى چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىشقا مەجبۇرلىغان. بولۇپمۇ رايوندا ج خ تارماقلىرى يولغا قويۇۋاتقان «يىتىخۇئا» يەنى «جەڭ سۇپىسى» نامىدىكى تور سىستېمىسى، چەتئەلگە تېلېفون قىلغانلارنى ئاپتوماتىك ھالدا تىزىمغا ئېلىپ، تىزىمغا چۈشكۈچىنىڭ «يېپىق تەربىيە» لاگېرىغا يوللىنىشىغا تۈرتكە بولغان. بىر تۈركۈم كىشىلەر چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ھېچقانداق خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئالاقىدار سۆزلەرنى قىلىشمىغان بولسىمۇ، تېلېفوندا سۆزلەشكىنى ئۈچۈنلا تۇتۇلغان ۋە تا ھازىرغىچە لاگېردا ياتماقتا.

مانا بۇ ۋەزىيەتتىن چۆچۈگەن غۇلجىنىڭ بايانداي يېزىسىدىكى بىر تۈركۈم ئاھالىلەر، كەنت كادىرلىرى ئۆيلىرىگە كېلىپ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا تېلېفون قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىشتە، ئاكتىپ رول ئوينىغان ۋە چەتئەلگە چىقىشنى پىلانلىغانلارنى تۇتۇپ بېرىپ مۇكاپاتلانغان، باياندايدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى، ئۆز تەۋەسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ رۇخسەت بېرىلسىمۇ، تۇتماسلىق ھەققىدە ھەتتا ۋەدە بەرسىمۇ، يەنىلا تېلېفونغا يېقىن كەلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ مۇدىر ئاھالىلەرنىڭ بۇ ئىشتا «يېپىق تەربىيە» لاگېرىغا بېرىشتىن قورققانلىقىنى يوشۇرمىدى.

ئۆتكەن يىلى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا، يوپۇرغىنىڭ لوپ يېزىسىدىكى 19 ياشلىق بىر قىزنىڭ تۈركىيەدىكى ھەدىسىگە تېلېفون قىلغانلىقى ئۈچۈن 11 ئايدىن بېرى لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى چەتئەلدىكى تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن چەتئەلگە تېلېفون قىلىش ۋە تېلېفون ئېلىشنى توختاتقان. چۈنكى، چەتئەلدىكى تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلغاندا، ئۇلارنى قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغاچقا ۋە تۇغقانلىرى قايتىپ كەلسە، ئۇدۇل تۈرمىگە ياكى لاگېرغا بارىدىغانلىقى ئۆزلىرىگە ئېنىق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئەركىن دۇنيادىن قايتىپ كېلىپ قاراڭغۇ كامېردا يېتىشىنى خالىمىغان.

«يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ جىددىي مەسىلىسى سۈپىتىدە داۋام قىلماقتا. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو روبىئو بىلەن كرىستوپەر سمىت ئۆتكەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ لاگېرلار مەسىلىسىنى دۇنيا مىقياسىدا ئاڭلىتىش ئۈچۈن 27-مارت كۈنى بىريۇسسېلدا نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.