يېقىنقى خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا چېگرىداش شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تۈركۈملەپ قېچىپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بىر قىسىم خەۋەرلەردە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردە 400 گە يېقىن ئۇيغۇر مۇساپىر بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بەزى خەۋەرلەردە بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مۇخبىرىمىز بۇ نۆۋەت شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە بالا-چاقىلىرى بىلەن مۆكۈپ ياشاۋاتقان ئەرنىياز ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
ئەرنىياز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ ۋەتەننى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان.
ئۇنداقتا بۇ ئۇيغۇرلار قېچىپ چىققاندىن كېيىن قانداق قىيىنچىلىق ۋە خەتەرلەرگە دۇچ كەلدى؟
سوئال: يېقىندىن بېرى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە توپلىشىپ قېچىۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت، سىز بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكنى تونۇيدىكەنسىز ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلىسى بۇنىڭ ئىچىدە، مۇشۇنداق بولۇشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى نېمە؟
جاۋاب: بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمى، باستۇرۇشى. بىز ئۆز ۋەتىنىمىزدە ۋەتەنسىزگە ئايلىنىپ قالدۇق. نەتىجىدە ۋەتىنىمىزنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدۇق.
سوئال: خىتاينىڭ زۇلۇمدىن باشقا سەۋەبمۇ بارمۇ؟ مەسىلەن ئادەم سودىگەرلىرىنىڭ ئالداپ قىزىقتۇرۇشى دېگەندەك؟
جاۋاب: ياق ئۇنداق سەۋەب يوق. بولدى، دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇششاق بالىلار ئاياللار تۇرسا قانداقمۇ تەۋەككۈل قىلغىلى بولسۇن؟ خىتاي كىچىك بالا ئايال كىشى دېمەي ئەزدى، پاسپورت ئىشلەپ بەرمىدى، شۇڭا مۇشۇنداق قانۇنسىز يوللارنى ئۆزىمىز تاللىدۇق.
سوئال: زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ۋەتىنىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش، شۇ ۋەتەننى زۇلۇم قىلغۇچىغا تاشلاپ بەرگەنلىك بولامدۇ قانداق سىزنىڭچە؟
جاۋاب: بىز ئۇنداق مەقسەتتە چىقمىدۇق. بىز مۇسۇلمان، دىنىي ئەركىنلىكىمىز بوغۇلدى. بارلىقىمىز يوق قىلىندى. ئەسلى ئىسلام دىنىمىزدىمۇ «زۇلۇم قىلغۇچىغا قارشى كۈرەش قىلىش زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ» دەپ ئېيتىلغان. ئەمما، تۆت ئادەم بىر يەرگە كەلسىلا «تېررورچى» دەپ تۇتىدۇ خىتاي. خىتاينىڭ ئۆيلىرىدىن پارتلاتقۇچ قوراللىرى چىقسىمۇ ئۇلار «تېررورىست» ئەمەس، بىزنىڭ ئۆيىمىزدىن چامغۇر ئاقلايدىغان پىچاق تۈگۈل كالتەكنىڭ سۇنۇقى چىقىپ قالسىمۇ بىز «تېررورىست» ھېسابلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىمىز.
سوئال: نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە چېگراداش بولمىغان ناھايىتى يىراق بولغان جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تاللاپ قالدى؟
جاۋاب: ئۆزىمىزگە چېگراداش بولغان مۇسۇلمان دۆلەتلەر گەرچە ئۆزىنى «مۇسۇلمان دۆلەت» دەپ ئاتىسىمۇ، بىزنى داۋاملىق خىتايغا سېتىپ كەلدى. مەسىلەن يېقىندا بىزگە قانداش، دەپ قارالغان قىرغىزىستانمۇ چېگراسىدا 12 قېرىندىشىمىزنى ئېتىۋەتتى. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىرىدىن بىر ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن باشقا يىراق دۆلەتلەر ئارقىلىق چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق.
سوئال: ھازىر خىتايغا قوشنا دۆلەتلەردە سەرگەردانلىقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار (بۇ سىزنىڭمۇ ئائىلىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قانداق خەتەر ۋە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتىدۇ؟
جاۋاب: بىز ناھايىتى قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۇق. يېقىندا ۋىيېتنامدا 14 قېرىندىشىمىزنى تۇتۇۋېلىپ 5 قېرىندىشىمىزنى قىرغىن قىلىۋەتتى. قالغىنىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. تۇتۇلۇپ قالمىغانلىرىمىزمۇ قورقۇپ كوچىغا چىقالمايمىز، شۇ دۆلەتتىكى ساقچىلار كۆرسە يا تۇتۇپ سولاپ «خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىمىز» دەيدۇ، ياكى يانچۇقىمىزنى قۇرۇقداپ قويىدۇ. بالىلىرى ئاغرىپ قالسا داۋالىتىمىز، دەپ دوختۇرخانىغا ئاپارسا داۋالىمايدىغان، ھەتتا يەرلىك ساقچىلارغا دەپ تۇتۇپ بېرىدىغان ئىشلار بولدى. ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ ناھايىتى قىينىلىۋاتىمىز.
سوئال: مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ۋەتىنىدىن چىقىپ كەتكىنىگە پۇشايمان قىلغانلار بولدىمۇ؟
جاۋاب: ياق. پۇشايمان قىلغانلار يوق. بىز تۇرمۇشىمىزنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا چىققان بولساقتى پۇشايمان قىلىشىمىز مۇمكىنتى.
سوئال: بۇ سۆزلىرىڭىز ئۆزىڭىزگىلا ۋەكىللىك قىلامدۇ ياكى شۇ يەردىكى باشقا ئۇيغۇرلارغىمۇ ۋەكىللىك قىلامدۇ؟
جاۋاب: مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم مۇشۇ يەردىكى مۇجاھىرەتتىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، چۈنكى بىز خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن تويۇپ بارلىقىمىزدىن ئايرىلىپ چىقتۇق.