ناھىيەلەرنىڭ بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى سىستېمىلاشتۇرۇلۇپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.08.28
meschit-nazaret-tekshurush-aparat.jpg ئۇيغۇر ئېلىدا كوچا، مەھەللە ۋە مەسچىتلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن بۇلۇڭ پۇچقاقلارغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى.
AFP

يېقىندا قۇتۇبى ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئۆزىنىڭ بىر ئېلېكترونلۇق بىخەتەرلىك كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش قۇرۇلۇش تۈرىنى «شىنجاڭ شىلىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» گە ھۆددىگە بەردى. قۇتۇبى ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ «پەن-تېخنىكا قورغىنى» دەپ نام بېرىلگەن مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىگە 406 مىليون خەلق پۇلى ئاجرىتىلغان.

مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرى «بۈيۈك سانلىق مەلۇمات» تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، بۇ ناھىيەدىكى بارلىق بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى، قول تېلېفونى، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش، ئادەم يۈزىنى تونۇش، قاتناش سىستېمىسى، ئەقىللىق ئىجتىمائىي رايون قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدىكى ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش سىستېمىلىرىنى ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزىگە باغلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرى يېقىندا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىسىدە، بۇ قۇرۇلۇش شەخس ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىككە پەيدا قىلىۋاتقان خەۋپىنى مۆلچەرلەشكە قارىتىلغان دەپ قارالسىمۇ، بىراق «بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى يامان تەسىرى قايغۇ يارىتىۋاتىدۇ» دېگەن.

بىز دۈشەنبە كۈنى «شىلىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» گە تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر بەزى دېتاللارنى سورىدۇق. بۇ شىركەتنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى، بەزى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قۇرۇلۇشنىڭ نۇقتىلىق مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىش ۋە مۇقىملىققا چېتىشلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىز كىم بولىسىز، تاز ئاڭلىيالمىدىم. مۇخبىر دېدىڭىزمۇ؟ قايسى گېزىت ياكى ئاخبارات ئورنىنىڭ مۇخبىرى؟ بۇنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىزنىڭ شىركەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىن كۆرەلەيسىز. بىز بۇنى شىركەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا چۈشەندۈردۇق. شۇنىڭغا قاراپ باقارسىز. ئەگەر ئۇنىڭدا تەپسىلاتى بولمىسا، تەپسىلاتىنى كېيىنرەك ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قويارسىز. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى شۇ ئۇقتۇرۇشتىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، سىز سورىغان بۇ تەپسىلاتلارغا بىز ئۇقتۇرۇشىمىزدا جاۋاب بېرىمىز. بىزنىڭ ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىمىزدا بولمىسا، دېمەك بۇ نەرسىلەر تېخى بېكىتىلمىدى، دېگەنلىكتۇر. بۇنى بىز سىرتقا ئېلان قىلغان بارلىق ئۇقتۇرۇشلىرىمىزدا تونۇشتۇرىمىز. ئەگەر سىز مۇخبىر بولسىڭىز، شىركىتىمىز ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشلارغا قاراپ بىلەلەيسىز. بىزنىڭ شىركىتىمىز بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئوچۇق. ھەرگىز بىر-ئىككى كىشىگە قاراپ ئىش قىلمايمىز. بىزنىڭ پايدا-زىيان ئەھۋالىمىز يېقىندا ئېلان قىلغان يېرىم يىللىق ئۇقتۇرۇشىمىزدا بار. سىز دېگەن مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىش، مۇقىملىق دېگەن نەرسىلەر بىزنىڭ ئۇقتۇرۇشىمىزدا يوققۇ دەيمەن. سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇقتۇرۇشنى كۆرسىڭىز بولامدۇ؟ مەن باشقا نەرسىلەرگە جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز.»

بىز مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ تەپسىلاتىنى سوراپ يەنە، قۇتۇبى ناھىيەلىك ج خ سىستېمىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىراق ناھىيەلىك ج خ سىستېمىسىدىكىلەر مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى.

ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر كەچلىك مەسئۇل ساقچىسى مۇنداق دەيدۇ: «ھەئە، ياخشىمۇسىلەر. سىز دېگەن نەرسىلەرنى مەن بىلمەيمەن. بۇنىڭدىن ئانچە خەۋىرىم يوقكەن. سىز قەيەردىن تېلېفون قىلىۋاتىسىز؟ نېمە، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى؟ مەن بىلمەيمەن، تېلېفون قىلماڭ بىزگە. مەن ئۇقمايمەن دېدىمغۇ.

قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى. شىنجاڭ شىلىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلېكترونلۇق بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشىدا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرى. مەزكۇر شىركەت ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەندە ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش سىستېمىسى قۇرۇش خىزمىتىنى ھۆددىگە ئالغان.

لېكىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش سىستېمىسى قۇرۇشى پۇقرالارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى تارايتىپ، شەخسنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدۇ. ئامېرىكىدىكى تور ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى ليۇ خۇڭكۈەن، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى «خەلقئارا ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمىغا خىلاپ» دەپ كۆرسەتتى.

ليۇ خۇڭكۈەن مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا پۈتۈنلەي خىلاپ. خىتاي قانۇنىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، دېگەن ھېلىقى ماددىلارغا مەسىلەن، 35-ماددىغا زىت. ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا كىشىلىك ھوقۇق، يىغىلىش، سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك، شەخسى مەخپىيەتلىك دېگەندەك نۇرغۇن ماددىلار بار. لېكىن ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنتتا بۇ ماددىلارغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۇنيانىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمى ۋە ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئەھدىنامىلىرىگە پۈتۈنلەي زىت. ئۇلار ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىمايدىغان بولدى. شىنجاڭدا نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ماقۇللىشىنى ئېلىشقا ھاجەت يوق، دەپ قاراۋاتىدۇ.»

لى خۇڭكۈەن يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق ھەر بىر كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى تەقىب قىلالايمىز، دەپ قاراپ، بۇنىڭغا پۇل ئاجرىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما كەلگۈسىدە بۇنىڭ ئۆزىگە ئېغىر ئىقتىسادى يۈك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لى خۇڭكۈەن: «بۇ ئۇنىڭ مەركەزىيەتچى، خىيالپەرەس بىر شېرىن چۈشى. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە بۇ ئاپپاراتلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شىنجاڭ ۋەقە كۆپ چىقىدىغان يەر. ئۇ بۇ جايغا نۇرغۇن ئاپپارات ئورۇنلاشتۇردى. لېكىن بۇ ئۆزىنىڭ پۇتىنى ئۆزى كۆشەپ قويغانلىق. بىرىنچىدىن، بۇنداق زور كۆلەملىك ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ نورمال مەشغۇلاتى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ تېخنىكىلىق خادىملارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ ئاتالمىش يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسۋابلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان. خىتايدا ئىشلەنگەن بۇنداق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سۈپىتى ناچار. بۇ ئەسۋابلارنى بىر يىل ئىشلىتە-ئىشلەتمەي ئالماشتۇرۇش كېرەك. نەتىجىدە ئۇنىڭ مالىيە يۈكى ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەركەز ئاجراتقان رېمونت پۇلىنى يەرلىكلەر خىيانەت قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مالىيە چىقىمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىدۇ.»

خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، مەزكۇر ناھىيەدىكى ھەر قايسى كەنت، يېزا ۋە بازارلارنىڭ ئاساسلىق يوللىرىدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتى، قۇلايلىق ساقچى مۇلازىمەت پونكىتى، چازا، ساقچىخانا، مەسچىتلەرنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتى قاتارلىقلار ئۆز-ئارا تورلاشتۇرۇلۇپ، ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە باغلىنىدىكەن.
قۇرۇلۇشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا، ناھىيەلىك ماتېرىيال ئامبىرى، يول ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش سىستېمىسى، ئادەم يۈزىنى تونۇش سىستېمىسى، ئەقىللىق ئىجتىمائىي رايونلار، قول تېلېفونى كونترول قىلىش، شوپۇر ۋە ئاپتوموبىللارنى سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش سىستېمىسى، ھەرىكەتچان ساقچى يۇمتالى قاتارلىق سىستېمىلار بىرلەشتۈرۈلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.