مىسلى كۆرۈلمىگەن تەقىب قىلىش تېخنىكىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇملاشتۇرۇلماقتا
2017.09.01

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىقنى ساقلاشقا چېتىلىدىغان يۇقىرى تېخنىكا تۈرلىرىگىمۇ زور مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ تۈرلەر ئىچىدىكى بىرى «بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى تورلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا. بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، «ئاھالە ۋە مەنبەلەرنى كونترول قىلىش تەدبىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇنداق سىستېمىلار دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن خەلقنى باستۇرۇش ۋە زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەقىب ۋە تەكشۈرۈشنى ئاشۇرۇپ، مۇتلەق قامالنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تۈرلەرنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مالىيە نازارىتى نازىرى ۋەن خەيچۈننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق خامچوتى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە «بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى تورلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بىر تېخنىكا قۇرۇلۇشىغا زور مەبلەغ سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سىستېما مەلۇم بىر ئورۇندىكى بىخەتەرلىك كامېراسىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئىچكى ۋە تاشقى تور سىستېمىسىدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سىستېما بولۇپ، تەقىب ۋە نازارەتكە ئائىت ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ھەربىي ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى بۆلۈمى مۇدىرى داۋىد ماكسۋېل ئەپەندىنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، بۇ، ئىنسانلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ تىپىك يۇقىرى تېخنىكا بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئەگەر، ئۇلار بۇ خىل ۋىدېيو كۆرۈنۈشلىرىنى ئورتاقلىشىش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان بولسا، دېمەك ھۆكۈمەت ھەربىر كىشىنى تەقىب قىلىشنى، ئۇلارنىڭ يۈزىنى تونۇشنى، ئۇلارنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولۇۋاتىدۇ، دېگەنلىك. بۇ سىستېما ‹ئاھالە ۋە مەنبەلەرنى كونترول قىلىش› تەدبىرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك يۇقىرى تېخنىكا بولۇپ، ئادەتتە دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن خەلقنى باستۇرۇش ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. خىتاي بارلىق ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ سىستېمىنى ئومۇملاشتۇرماقچى بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.»
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى تورلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشى» نورمال خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن يۇقىرى سۈزۈكلۈك دەرىجىسىگە ئىگە بولغان كامېرالار، ھەمبەھىرلەش سۇپىلىرى ۋە يۇقىرى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان قاتتىق دېتال سۇپىلىرى دېگەندەك شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك بولۇپ، يۇقىرى تېخنىكا ھېسابلىنىدىغان بۇنداق بىر سىستېمىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشمۇ نۇرغۇن مەبلەغ تەلەپ قىلىدىكەن. ۋەن خەيچۈننىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ دەسلەپكى 6 ئاي ئىچىدە مۇشۇ خىلدىكى پەن-تېخنىكا ۋە مۇقىملىق تۈرلىرىگە سالغان مەبلىغىنىڭ ئۆزىلا 9 مىليارد سومدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىلاھىيەت مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادرىيان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرى تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق مۇتلەق كونترولنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرى تېخنىكىلارنى قوللىنىشنى تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتۇرماقتا. يەنى، ئۇلار تەكشۈرۈش بېكەتلىرى، يۈز تونۇش سىستېمىلىرى، ئاپتوموبىللارنى تەقىب قىلىش سىستېمىسى ۋە ‹زور سانلىق مەلۇمات› تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىشنى ھازىر كەڭ ئومۇملاشتۇرۇۋاتىدۇ. پۈتۈن بۇ ئۇرۇنۇشلار ھەممىسى مۇتلەق كونترولنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. بۇ يەردە خۇسۇسىيلىق دېگەندىن سۆز ئېچىش ئەمەس، ھەر بىر ھەرىكىتىڭىز ئوپئوچۇق ئوتتۇرىدا. ھۆكۈمەت ئۇنى ئەڭ ئىنچىكە دېتاللىرىغىچە كۆرۈپ تۇرىدۇ. بۇ تولىمۇ قورقۇنچلۇق. بۇ مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇتلەق شەكىلدىكى ۋە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان تەقىبتۇر.»
ئامېرىكا جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ھەربىي ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى بۆلۈمى مۇدىرى داۋىد ماكسۋېل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدەك دۆلەتلەردە بىخەتەرلىك كامېرالىرى ۋە قاتناش كامېرالىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق كامېرالارنى كىشىلەرنى تەقىب قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. چۈنكى بۇ، پۇقرالار ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك. ئامېرىكا قانۇنلىرى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى سىياسىي ئۆكتىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ.»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى نازىرى ۋەن خەيچۈن ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىقنى قوغداشقا چېتىلىدىغان مەخسۇس تۈرلەر قۇرۇلۇشلىرىغا زور مەبلەغ سېلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلى مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندە يۇقىرىدىكى بىخەتەرلىك كامېرالىرى كۆرۈنۈشلىرىنى تورلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشىدىن باشقا يەنە، «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتلىرى قۇرۇلۇشى، جەنۇبتىكى 4 ۋىلايەتتە مەركەزلەشتۈرۈلگەن يېپىق مائارىپ تەربىيىلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، بىخەتەرلىككە ئائىت قۇرۇلۇشلارنى تۈرلەشتۈرۈش، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنلەش-يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۈرمىلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش، ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە ئاجىز ھالقىلارنى تۈزەش» قاتارلىقلارنىمۇ تىلغا ئالغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بولسا يۇقىرىدىكى بۇ تۈرلەرنىڭ ئاڭلىماققىلا كىشىگە مۇكەممەل بىر ساقچى دۆلىتىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.