ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «لاگېرلاردا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.09.11
uyghur-osmurni-soraq-qiliwatqan-uyghur-saqchila.jpg ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى تەن جازاسى بىلەن سوراق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ساقچىلار.
Social Media

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 10-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ئىدىيەۋى كېسەللىكنى يوقىتىش» تېمىسىدىكى زور ھەجىملىك دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ب د ت ۋە باشقا خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ دوكلاتتا بايان قىلىنغان لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك سان-ساناقسىز پاكىتلار ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقى» نى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا بولۇۋاتقان زور كۆلەملىك لاگېرلار مەسىلىسى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلار ئۇزۇندىن بۇيان ئۇچراۋاتقان مىللىي زۇلۇمنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى» ھېسابلىنىدىكەن. «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق تەييارلىق كۆرگەن. بۇنىڭدا زور كۆلەملىك تۇتقۇن، قىيناق، ئىدىيەۋى جەھەتتىن قايتا قۇرۇش ۋە كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغىچە كونترول قىلىش» ئاساسىي مەزمۇن بولغان.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن 2014-يىلى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلىغان. بۇنىڭدا «قاشقىسى ئېنىق» بولغان كىشىلەر ئالدى بىلەن تۈرمىلەرگە تاشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن «تەربىيەلەش» نامىدا «قاشقىسى ئاشكارا بولمىغان» كىشىلەر «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن نامدا زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ ئوبيېكتى بولۇشقا باشلىغان. گۇۋاھچىلارنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا «چەتئەللەردىكى زەھەرلىك ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بار» دەپ قارالغانلىقى كىشىلەر، بولۇپمۇ سەزگۈر، دەپ قارىلىدىغان 26 دۆلەتكە چىققانلار ياكى شۇ جايدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەنلەرمۇ تۇتقۇن ئوبيېكتى بولغان. گۇۋاھچىلاردىن ئىلھام ئىسىملىك بىرەيلەن بۇ توغرىلىق ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: «چېن چۈەنگو كەلگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت كىشىلەرنى ئىشەنچلىك، ئادەتتىكىچە ۋە ئىشەنچسىز، دەپ ئۈچ تۈركۈمگە ئايرىدى. شۇنىڭدەك ئىشەنچسىز، دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇ لاگېرلارغا قامىدى» دەيدۇ.

مانا مۇشۇنداق قىلىپ 2018-يىلىنىڭ بېشىدا «ئۆگىنىش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. «كۈندۈزلۈك ئۆگىنىش كۇرسلىرى» غا قاتنايدىغانلارنىڭ سانى بولسا ئىككى مىليوندىن ئاشقان. دوكلاتتا بۇ ئەھۋال تىپىك قىلىپ: «ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» دەپ خۇلاسىلەنگەن ھەمدە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى ئۇزاق مەزگىل داۋام قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلگەن. ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفېي رېچاردسون خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ دەرىجىدىكى ۋە كۆلەمدىكى ئەھۋالغا ئۇيغۇرلار ئۇچراپ باقمىغان» دەيدۇ ھەمدە دۇنيانىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن بۇ يىل مارت ئېيىدىن ئاۋغۇست ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلار ۋە تۈرمىلەر بىلەن تونۇشلۇقى بولغان 58 كىشىنى زىيارەت قىلغان. بۇ كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا دوكلاتنىڭ ئاساسىي ماتېرىيال مەنبەسى بولغان. باشقا-باشقا جايلاردىكى ئۆزئارا تونۇشلۇقى بولمىغان بۇ كىشىلەر ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى لاگېرلار ۋە تۈرمىلەرنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى تەسۋىرلىگەندە ئۇلارنىڭ بايانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىككە ئىگە بولغان.

گۇۋاھچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، زور كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغاندىن تارتىپلا بۇنىڭدا ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپ مەۋجۇت بولمىغان. گۇۋاھچىلاردىن بەش كىشى چەتئەل پاسپورتى بىلەن ئۈرۈمچىگە بارغانلار بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنى لاگېرلارغا سولىۋالغاندىن كېيىن ئۇلارغا «بىز قوش پۇقرالىقنى ئېتىراپ قىلمايمىز» دېگەن. ئەمما تۇتقۇنلار خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى «چەتئەل پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ خىتاي پۇقرالىقى ئاپتوماتىك ئەمەلدىن قالىدۇ» دېگەن ماددىنى تەكىتلىگەندە ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئۆچۈرۈلمىگەنلىكىنى باھانە قىلغان. ئەھمەت ئىسىملىك بىر گۇۋاھچى ئۆزىنىڭ نوپۇسىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭغا «بۇندىن كېيىن بۇ يەردە كۆرگەنلىرىنى باشقىلارغا سۆزلىمەسلىك» ھەققىدە ۋەدىنامە يازدۇرۇپ ئاندىن قويۇۋەتكەن. بۇ گۇۋاھچىلار شۇ جەرياندا ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ساقچىلار پات-پاتلا لاگېرلارغا سولانغان كىشىلەرگە ناماز ئوقۇيدىغان ياكى ئاشكارا بولمىغان مەسىلىسى بولغان ئۈچ-تۆت كىشىنىڭ ئىسمىنى پاش قىلسا ئۇلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. سوراقتا ھەممىلا كىشى ‹يولۋاس ئورۇندۇق› ناملىق تۆمۈر ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ. بۇنىڭدا تۇتقۇننىڭ قول-پۇتى زەنجىر بىلەن ئورۇندۇققا باغلىنىدۇ. گۇندىپايلار ھەر دائىم قاماقتىكى كىشىلەرگە ‹ئۇيغۇر ۋە قازاقلار دۆلەتنىڭ دۈشمىنى› دەپ ئاشكارا سۆز قىلىدۇ. ئەمما بىزدەك تۇتقۇنلارنىڭ ھېچنېمىگە قۇربى يەتمەيدۇ. مەن بىلەن بىللە تۇتۇلغانلارنىڭ بىرى سائىتىنى بېيجىڭ ۋاقتىغا ئەمەس، ئۈرۈمچى ۋاقتىغا تەڭشەپ قويغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان. يەنە بىرى ئاشخانا ئاچقان ياش بالا بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ ئاشخانىدا ھاراق ئىچىشى ياكى تاماكا چېكىشىنى مەنئى قىلغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا سولانغان. 60 ياشلاردىكى بىرەيلەن قىسقا بىر تەبلىغ ھۆججىتىنى قىزىنىڭ ئۈندىدارىغا ئەۋەتىپ بېرىپتىكەن، ئالتە يىللىق كېسىلىپتۇ. يەنە بىر ياش بالىنىڭ ئۈچ دوستى ئاۋسترالىيە ۋە تۈركىيەگە كېتىپتىكەن، ئۇنىمۇ گۇمانلىق، دەپ لاگېرغا تۇتۇپ كەلدى. ھازىر چەتئەلدە دوستى ياكى تۇغقىنى بار كىشىنى لاگېرغا سولاش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. يەنە بىر ئادەم قوشنىسىغا ‹بىز دېگەن مۇسۇلمان. ئەمدى ھاراقنى تاشلاڭ› دەپتىكەن، ئۇ كىشى بۇ ئەھۋالنى مەھەللە باشقارمىسىغا ئىنكاس قىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار قوشنىسىغا نەسىھەت قىلغان ئۇ كىشىنى لاگېرغا ئېلىپ كەلدى.»

گۇۋاھچىلارنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرى ئاساسىدىكى بايانلىرىغا قارىغاندا لاگېرلارغا قاماشنىڭ بىرەر كونكرېت شەرتى مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدىكى ھەرقانداق «گۇمانلىق» ئىش، جۈملىدىن ئۈندىدار ياكى ۋاتسئاپ ئارقىلىق چەتئەلدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشمۇ لاگېرغا سولاشقا سەۋەب بولالايدىكەن. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا تەشۋىقاتلىرىدا «ئۆگىنىش مەركىزىدە ئىدىيەۋى كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار ھەقسىز داۋالىنىدۇ» دېيىلسىمۇ، گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى بۇنداق لاگېرلاردىكى قىيناقنىڭ ھەرقانداق تۈرمىلەردىكىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى تەستىقلايدۇ. لاگېرلاردا يېتىپ چىققان ئالىم ۋە نۇر ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ياش بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار توغرىلىق سۆز بولغاندا كالتەك بىلەن ئۇرۇش، تورۇسقا ئېسىپ قويۇش، پۇت-قولىنى كىشەنلەپ چېتىپ قويۇپ تار ئۆيگە ھەپتىلەپ سولاپ قويۇش دېگەنلەرنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى ئۇسۇللار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلار ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن بىر بالىنى بەك ئۇرۇۋەتتى. ئۇ بالىنىڭ مىسىردىكى تۇغقىنى ‹خاتا› جاينى رەسىمگە تارتىپ ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا تاياققا چىدىماي ئاخىرى ئۆزىنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى. يەنە بىر بالىنى بىر كېچە تورۇسقا ئېسىپ قويۇپتىكەن، ئۇمۇ ئاغرىققا چىدىماي ئۆزىنىڭ ھەرقانداق جىنايەتكە ئىقرار بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ شۇ ۋاقىتلاردا 12 كۋادرات مېتىرلىق بىر ئۆيدە 24 كىشى بار ئىدۇق. مېنى قويۇپ بەرگەن چاغدا ئۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ سانى 35 كە يەتتى. بىز قويدەك بىر-بىرىمىزگە چاپلىشىپ نۆۋەت بىلەن ئۇخلايمىز ۋە تاماق يەيمىز. ئۆينىڭ كىچىككىنە تۈڭلۈكى بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچىدىكى سېسىقچىلىققا ئادەم چىدىيالمايدۇ. ئادەم سىغمىغاندىكىن ئۇخلىغاندا ھەممەيلەن يانچە ئۇخلايمىز.»

گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەن يەنە بىر نۇقتا لاگېرلارغا سولانغان كىشىلەرنى تەسۋىرلىگۈسىز ناچار ئوزۇقلىنىشقا مەھكۇم قىلىپ قىيناش بولغان. بۇ جايلاردا تويغۇدەك تاماق يېيىش ئىمكانىيىتى يوق بولۇشىغا قارىماي ھەر قېتىملىق «تاماق» نىڭ ئالدى-كەينىدە بىر قاتار سىياسىي تەشۋىقاتلار بۇنىڭغا جور بولغان. گۇۋاھچىلاردىن رۇستەم ۋە ئەركىن مۇنداق دەيدۇ:
«ھەر قېتىملىق تاماقتىن بۇرۇن ‹كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى› ياكى ‹سوتسىيالىزم ياخشى› دېگەندەك ناخشىلارنى ئېيتىمىز. ساقچىلارنىڭ ئەلپازىغا قاراپ ناخشىدىن بىرنى ياكى ئىككىنى، بەزىدە ئۈچنى ئېيتىمىز. شۇنىڭدەك ‹پارتىيەگە تەشەككۈر! ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئېلىگە تەشەككۈر! رەئىس شى جىنپىڭغا تەشەككۈر!› دەپ شوئار توۋلايمىز. بەزىدە ‹شى رەئىسكە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز! جۇڭخۇا ئېلى گۈللەپ-ياشنىسۇن!› دېگەندەك شوئارلارنى توۋلايمىز. لاگېردا ھېچكىمنىڭ ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم› دېيىشىگە بولمايدۇ. بىز ھەرقاچان خىتايچە گەپ قىلىشىمىز لازىم، ‹رەھمەت› دېيىش توغرا كەلسە ‹شې شې› دەيمىز. ئۇيغۇرچە گەپ قىلغاننى ئاڭلاپ قالسا جازاغا تارتىلىمىز. بىر قېتىم لاگېرنىڭ مەسئۇلى يېنىمغا كېلىپ ‹سەن خەنزۇچە بىلمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن مۇشۇ يەردە تۇرۇۋاتىسەن. بۇ سېنىڭ جىنايىتىڭ. شۇڭا قاچان خەنزۇچە ئۆگىنىپ بولغۇچە مۇشۇ يەردىن چىقمايسەن› دېدى. مەن قامالغان لاگېردا ساۋاتسىز دېھقانلار، ئوقۇغۇچىلار، دوكتورلارمۇ بار. ئەمما بۇلارنىڭ بەزىلىرى خىتايچە ئۆگىنەلمەي بەك قىينىلىدۇ.»

ئەمما مىليونلاپ ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى لاگېرنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق خاتىرجەملىك ئاتا قىلالمىغان. ئەكسىچە نوقۇل ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان كونتروللۇق ھەممىلا جايدا ئاشكارا ئىجرا بولغان. گۇۋاھچىلارنىڭ بىرى بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىپ، بىر قېتىملىق مۇقىملىق يىغىنىدا باشلىقلارنىڭ ھازىر ھەرقايسى جايلاردا «يېشىل لىنىيە» ئېچىش ھەققىدە سۆزلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭدا كوچىدىكى ماشىنىلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ماشىنىلىرى مەخسۇس ئۆچىرەت بولۇپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغانلىقى، باشقا ماشىنىلارنىڭ ئاشۇنداق «يېشىل لىنىيە» دىن توسقۇنسىز ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. شۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاي باشلىق ئاشكارا ھالدا «خەنزۇ يولداشلار بۇ جايغا شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كەلگەن. شۇڭا ئۇلار ‹يېشىل لىنىيە› دىن ماڭىدۇ؛ ئەمما ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېررورچىلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى مەخسۇس تەكشۈرۈش لازىم. شۇڭا سىلەر بۇ ھەقتە باشقىچە پىكىردە بولماڭلار» دەپ كۆرسەتمە بەرگەن.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر لاگېردىكىلەرنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە قوللىشى ئاستىدا ئىجرا بولۇۋاتقان «تۇغقان بولۇش» سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلىشىۋالغان خىتاي كادىرلىرى لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى «ئۆزگەرتىش» كە زور كۈچ سەرپ قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.