كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «لاگېرلار ھەققىدە دۇنيا نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.09.12
lager-yighin-oginish-1.jpg يىغىۋېلىش لاگېرىدا مېڭە يۇيۇش تەلىم-تەربىيەسى ئېلىۋاتقانلار.
Social Media

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان قاتمۇ-قات زۇلۇملار ھەققىدە تەييارلاپ چىققان 125 بەتلىك دوكلاتقا «ئىدىيەۋى كېسەللىكنى يوقىتىش» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مەنىۋى دۇنياسى «ئىدىيەۋى كېسەللىك» دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ «كېسەللىك» نى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان لاگېرلار ئىزچىل «ھەقسىز دوختۇرخانا» دەپ تەشۋىق قىلىنىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى بۇ «دوختۇرخانىلار» دىكى ئېغىر قىيناق ۋە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن بۇ جايلارغا ساق كىرىپ كەتكەنلەردىن بىرمۇنچىسىنىڭ بۇ جايلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ لاگېرلارنىڭ سىرتىدا تۇرۇۋاتقانلار كۈندۈزلۈك ۋە كەچلىك «ئۆگىنىش كۇرسلىرى» دا ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەۋقەلىرىنى ئۆزگەرتىش بىلەن جىددىي مەشغۇل بولۇۋاتقان، كىشىلەرنىڭ ئەركىن يۆتكىلىش ياكى سەپەر قىلىش ئەركىنلىكى ئىزچىل چەكلىنىۋاتقان، دىنىي ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئامىللار «ئەسەبىيلىك» نىڭ ئالامەتلىرى دەپ قارىلىۋاتقان ئومۇمى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئائىلىلەر خانىۋەيران بولۇپ كېتىش، ئائىلە ئەزالىرى بىر-بىرىدىن جۇدا بولۇش، سىرتتىكىلەر بىلەن خۇسۇسىي ئالاقىدە بولۇشقا چەك قويۇش ھەمدە چەتئەلدىكىلەرنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلاش دېگەنلەر دائىملىق ھادىسىلەردىن بولۇپ قالماقتا ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ئەھۋالغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقئاراغا يۈزلىنىپ، ئۆز پىكىرىنى بايان قىلغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا قىلىۋاتقانلىرى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا پۈتۈنلەي خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، خىتاي ئىمزا قويغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگىمۇ خىلاپ ئىكەن. ئەڭ ئاددىيسى ئۇيغۇرلارنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىنىشى ۋە كېسىلىشى، شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشى خىتاينىڭ بارلىق قانۇنلىرىغا خىلاپ. قانۇنلاردىكى «ھەممە مىللەتنىڭ ۋە شەخسنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر ئىكەنلىكى» ئاشكارا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا، «پۇقرالارنىڭ سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى بارلىقى» بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭمۇ «قانۇنغا خىلاپ» بولۇشىغا يول ئاچماقتا ئىكەن. لاگېرلارغا ئاپىرىلغان كىشىلەرنى جىسمانىي جەھەتتىن قىيناش بولسا خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە پۈتۈنلەي زىت ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىلىرى بولسا نۆۋەتتە ھەرقانداق دىنىي ئېتىقادقا مەنسۇپ ئامىللارنىڭ «ئەسەبىيلىك» دەپ قارىلىشى سەۋەبىدىن ئاللىقاچان قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالغان. نەتىجىدە ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدا ۋە نازارىتىدە بولۇۋاتقان دىنىي پائالىيەتلەرلا «قانۇنلۇق» بولۇش ۋەزىيىتى ئومۇملاشقان. خىتاينىڭ «پاسپورت قانۇنى» دىكى «ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ھوقۇقى يوق» دېگەن ماددىلار ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا پاسپورت بولماسلىقتەك رېئاللىق بىلەن روبرو بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھېچنەگە مىدىرلىيالمايدىغان ۋەزىيەتنى مەسخىرىلىك ئەكس ئەتتۈرمەكتە ئىكەن.

دوكلاتتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن يەنە بىر نۇقتا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق خۇسۇسىيەت ماكانى ۋە ھوقۇقى بولماسلىق بولۇپ، بۇ ساھەدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز قانۇنلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويماقتا ئىكەن. خىتاينىڭ «جىنايى ئىشلار قانۇنى» دا پۇقرالارنىڭ بارماق ئىزى، قان ئەۋرىشكىسى، گېن ئەۋرىشكىسى ۋە باشقا بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى شۇ كىشى مەلۇم جىنايەتكە چېتىشلىق بولۇپ قالغاندىلا ئېلىشقا بولىدۇ. ئەمما نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرى ئۇلارنىڭ ئىجازىتى بولمىغان ئەھۋالدا توپلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا توپلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرى بولسا ئۆي ئىگىسى خالىمىغان ئەھۋالدا خىتاي كادىرلارنىڭ يېتىپ-قوپىدىغان ماكانىغا ئايلىنىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى بىۋاسىتە كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ۋاسىتىسى بولۇپ قالغان.

دوكلاتتا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان بارلىق ئاساسىي مەسىلىلەر رەت-رېتى بىلەن كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە لاگېرلارنى دەرھال تاقاش، «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى توختىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى ھوقۇقلىرىغا ھەقىقىي مەنىدە كاپالەتلىك قىلىش، چېن چۇەنگو ۋە باشقا يۇغۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش جەريانىدا ئوينىغان رولىنى ئادىل تەكشۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىشنى توختىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش، بىگۇناھ سولاققا چۈشكەنلەرگە تېگىشلىك تۆلەم بېرىش قاتارلىق بىر قاتار تەۋسىيەلەرنى يوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋە ئاتالمىش «ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى» غا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە باشقا قانۇن-نىزاملارنى قايتىدىن قاراپ چىقىپ، ئۇنى خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە بىنائەن قايتا تۈزۈپ چىقىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەمما مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەزكۇر دوكلاتنى «پاكىتلارنى بۇرمىلىغان» دەپ ئىنكار قىلىدۇ. شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنى «خىتايغا قارىتا بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولغان، ھازىر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق ۋە ئىناق ياشىماقتا. ئۇيغۇرلار سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا» دېگەندەك كونا يالغانلىرىنى قايتىدىن تەكرارلىغان.

دوكلاتتا يەنە قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى توختىتىش، لاگېردىكىلەرنى دەرھال قويۇۋېتىشكە بېسىم قىلىش، خىتاي تەۋەسىدىن كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەرنى خىتايغا قايتۇرماسلىق، سىياسىي پاناھلىققا شەرتى چۈشىدىغانلارنىڭ ئىلتىماسىنى تېز سۈرئەتتە تاماملاش، خىتايدىن كەلگەن قازاقلارنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگىمۇ تەكلىپ بېرىلىپ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن قوغداپ قېلىش، قىسقا مەزگىللىك ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقانلارنى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت بىلەن تەمىن ئېتىش، ئاتا-ئانىسى يوق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئىقامەت ۋە مائارىپ شارائىتى يارىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە تەشكىلاتلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنى «قاتتىق زەربە بېرىش» نى توختىتىشقا چاقىرىش، چېن چۇەنگو ۋە باشقا يۇغۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا ماگنېتىسكى قانۇنى بويىچە جازا بېرىشنى تەكىتلەش، خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى كونترول قىلىش، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنى تېزلىتىپ بېجىرىش، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇشلارنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاش جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چېن چۇەنگوغا مەخسۇس مەكتۇپ يوللاپ، ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە 15 سوئالنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىمۇ، چېن چۇەنگو بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرمىغان. ئەمما دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىكى پاكىتلارنى دەرھاللا «ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن» دەپ ئىنكار قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.