ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ب د ت غا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات سۇندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.03.20
toppa-yaghliq-saqal-ramzan.jpg خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ب د ت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرى كومىتېتىغا سۇنغان خىتايغا ئالاقىدار دوكلاتتا، ب د ت نى خىتايدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھەقلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارغا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

ب د ت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ 52-قېتىملىق يىغىنى بۇ يىل 28-ئاپرېلدىن 23-مايغا قەدەر جەنۋەدە ئېچىلىدۇ.

ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ب د ت غا سۇنغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار ئولتۇرۇشلۇق رايونلار رەسمىي «ئاپتونوم رايونلۇق» سالاھىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ داۋاملىق باستۇرۇش ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي ۋە مائارىپ ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە جىددىي چەكلىمىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، مەسىلەن، مەكتەپلەردە يەرلىك خەلقنىڭ تىلىنى چەكلەش داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقى، ئەڭ ئېغىرى، بۇ خىل چەكلىمە نامراتلىق، مۇۋاپىق ئولتۇراق ئۆي ۋە داۋالىنىشقا ئېرىشەلمەسلىك ئەھۋالى ئاستىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي زېمىنىنىڭ 6 دەن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇران قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار پەۋقۇلئاددە مول. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى داۋاملىق ئېچىۋاتىدۇ. بىراق، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ دىنىي رەھبەرلىرىنى ئۆزى تاللىيالمايدۇ. ئىماملارنىڭ ئايلىق سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلار، دەپ قارىلىپ، ب د ت يىغىنلىرىدا پات-پات چەكلەشكە ئۇچراپ تۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان مەسئۇل خادىملىرىنىڭ بىرى، پىېرې ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ب د ت غا سۇنۇلغان دوكلاتتا نۇقتىلىق 3 مەسىلە گەۋدىلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئاساسلىق قوش تىللىق مائارىپ، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلدى. يەنى دىنىي مەسىلىدە دىنىي تەلىم بېرىش-ئېلىش ھوقۇقى، ئەركىن دىنىي ئىبادەت قىلىش، دىنىي ئېتىقاد سەۋەبلىك كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىق مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ مەسىلە دوكلاتتىكى جىددىي نۇقتىلارنىڭ بىرى. يەنە بىر ئاچقۇچلۇق مەسىلە بولسا، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىشكە ئۇچراش مەسىلىسىدۇر، دېدى.

ئەگەر بۇ دوكلات ب د ت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ 28-ئاپرېل باشلىنىدىغان 52‏-قېتىملىق يىغىنىدا مۇزاكىرىگە قويۇلسا، بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 2-قېتىم ب د ت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولۇپ قالىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسى 19‏-مارت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەن ئالمىغان.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ خەنزۇ كۆچمەنلىرىنى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ يەرلىك خەلقنى ئۆز يۇرتىدا ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش نامىدا، خەن كۆچمەنلىرىنى داۋاملىق تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە، تىبەت، موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدا ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە سالامەتلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە خەنزۇلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى. ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىگە 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسى قىلىنماقتا. كۆچمەنلەرنىڭ ئېقىپ كىرىشى يەر زېمىن، سۇ قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلاردا قىسچىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ب د ت دا ۋەكىللىك ئورنى يوق مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتى. شەرقىي تۈركىستان مەزكۇر ئورگاننىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر ئورگاننىڭ خادىمى پىېرې ئەپەندى، بۇ دوكلاتنىڭ مەقسىتى ب د ت مېخانىزمى ئارقىلىق توقۇنۇش كۈنسايىن كۈچىيىپ كېتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا تىنچلىقنى ئالغا سۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: شەرقىي تۈركىستاندىكى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتىشى بويىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى توقۇنۇش ۋەقەلەر يېڭىلىق ئەمەس. بىراق يېڭىلىق يېقىندىن بۇيان بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە تېخىمۇ زوراۋان تۈس ئېلىشىدۇر. مېنىڭچە ئېھتىمال بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھېچقانداق بىر دىئالوگ يوقلۇقى بىلەن ئالاقىدار تەرىپى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىنمىدى. ئەلۋەتتە، بۇ ئەھۋال پۈتۈن خىتايغا ئورتاق ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ئالاھىدە ئېغىر. مېنىڭچە، بۇ مەسىلىلەر ھاجەتسىز جىددىيلىك پەيدا قىلىپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ زوراۋانلىققا مەجبۇرلىدى. ئەلۋەتتە، بىز زوراۋانلىقنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. شۇڭا بىز ب د ت مېخانىزمى ئارقىلىق بۇ سىياسەتنى تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلدۇق. ئەمەلىيەتتىكى مەقسىتىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن توقۇنۇشۇشنىڭ ئورنىغا تىنچلىقنى ئالغا سۈرۈش.

ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ب د ت غا سۇنغان دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زەربە بېرىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىر خىل كەمسىتىش شەكلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دوكلاتتا: ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. سىياسىي مەقسەتلىك قولغا ئېلىش ئومۇمى يۈزلۈك ھادىسە. دائىرىلەر 2014-يىلى 1‏-ئايدا ئاتاقلىق زىيالىي ئىلھام توختىنى ئۇنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىگە قارىتا تەنقىدى پىكرى سەۋەبلىك قولغا ئالدى. ئۇ پەقەت ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن مەيدانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، خالاس. ئۇنىڭ پىكرى باشقا بارلىق گۇرۇھلارغا نىسبەتەن مۆتىدىل بولسىمۇ، بىراق ئۇ بىر ئايدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، بۇ يىل 2‏-ئايدا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ رەسمىي قولغا ئېلىندى، دېگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسى كىشىنى پەۋقۇلئاددە ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى، چۈنكى ئۇ ھېچقاچان بۆلگۈنچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ بارمىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىلھام توختىنىڭ ئابرۇيىنى ئويلاشقاندا ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە تۇتقۇن قىلىنىشى رايوندىكى تىنچلىققا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىېرې ئەپەندى، ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىكى تىپىك ۋەقە، دەپ كۆرسىتىپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قولغا ئېلىنىشى كىشىنى پەۋقۇلئاددە ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى، ئۇ زور ئىناۋەتكە ئىگە زىيالىي ۋە پائالىيەتچى. مېنىڭچە ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى تىپىك ۋەقە. ئۇ، جەمئىيەت بىردەك ئېتىراپ قىلغان پائالىيەتچىلەر ئەمەس، بەلكى يەنە مۆتىدىل بىر پائالىيەتچى. ئۇ ھېچقاچان شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى ياكى بۆلگۈنچىلىككە چاقىرىق قىلىپ باقمىغان. ھالبۇكى، ئۇ خىتاي دائىرىلىرىگە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، خالىغانچە قولغا ئېلىندى، دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئويلىشىپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىپ، 10 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ 10 تۈرلۈك تەلەپ ھەقىقىي ئاپتونومىيە يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر قانۇنىنى ئىجرا قىلىش، ئىقتىسادى مەنپەئەتتىن بارلىق مىللەتلەرنى تەڭ بەھرىمەن قىلىش، دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئەمەلدارلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھاياتلىق يولىغا تەسىر قىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىش، چارۋىچىلارنى مەجبۇرى كۆچۈرۈشنى توختىتىش، مائارىپ ئىشلىرىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى خىتاي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا تەڭ تارقىتىش، مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش قاتارلىق تەۋسىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.