شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلىندى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيىسى، ئۈلكە تېلېۋىزىيە قانىلى، خەۋەر تۈرك قانىلى، تېۋى نېت، مۇستەقىل خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى بىلەن بىر قانچە گېزىت ۋە ئىنتېرنېت ئاخباراتچىلىرى قاتناشتى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل، ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئېلى كۇرت ئەپەندى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئايخان ئوگان، خەلقئارا قانۇنشۇناسلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى پروفېسسور نىجاتى جەيلان، مەزلۇم دەر جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى رامزان ئەپەندى، ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تىبەت يۈجەتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مېھرى-شەپقەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يۈسۈپ يۈسۈپئوغلى قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
يىغىندا سۆز قىلغۇچى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئىگە چىقىشىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئاملارغا دىققەتنى تارتىش ئۈچۈن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى، باشتا ئىسلام دۆلەتلىرى قاتارلىق دۇنيانىڭ لىدېرلىرىنى چاقىرىق قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قەتلىئاملارغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلدى.
رەئىس بۇلەنت يىلدىرىم تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن تارىختىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالغان تۈركىيەنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ پۈتۈن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئالدىمىزدا يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان قەتلىئامنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار.
خىتاينىڭ قاتتىق قول بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇلەنت يىلدىرىم يەنە مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلەتلىرى دەرھال توپلىنىشى كېرەك، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىن ئېچىشقا چاقىرىق قىلىش كېرەك، ھازىر ئىسلام دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي تىجارەت ھەجمى 300 مىليارد دوللار قىممىتىدە بولۇپ، ئەگەر بۇ مۇناسىۋەتنى قوللانغان تەقدىردە خىتاي ئەلۋەتتە بۇ قەتلىئامدىن ۋاز كېچىدۇ.
مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ لىدېرلىرىگە چاقىرىق قىلىمەن، قولۇڭلاردىكى كۈچنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىڭلار، سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى خەلقتىلا جاۋابكار ئەمەس بەلكى ھەر بىر لىدەر دۇنيانىڭ باشقا چېتىدىكى دىنداشلاردىن ۋە ئوخشاش دىندىن بولمىسىمۇ بىگۇناھ ئىنسانلاردىن جاۋابكار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەرھال توپلىنىشى كېرەك، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ لىدېرلىرى بىرلىكتە خىتايغا بۇ مەسىلىدە چاقىرىق قىلىشى كېرەك. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئەگەر ئىسلام دۇنياسىنىڭ تىجارەت ھەجمى خىتايغا قارشى قوللىنىلسا خىتاي چوڭ بىر ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كېلىدۇ، ئەگەر شەرقىي تۈركىستان خەلقى يالغۇز تاشلاپ قويۇلسا، ئىسلام دۇنياسى لىدېرلىرى ئۆز خەلقلىرى تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم يارىلانغان بولىدۇ.
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن يالغۇز ئىسلام دۇنياسى ئەمەس پۈتۈن دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىكى ئىنسانلار ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن بۇلەنت يىلدىرىم، خىتاي دائىرىلىرىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر 5-ئىيۇلدا ئېلىپ بارغان قەتلىئامغا ئوخشاش بىر قەتلىئام يۈرگۈزسەڭلار، كوچىلار خىتايغا قارشى تۇرىدىغان ئىنسانلار بىلەن تولىدۇ، مال-مەھسۇلاتلىرىڭلار بايقۇت قىلىنىدۇ. قارشىلىق چاقىرىقلار ئېلان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايغا تېخىمۇ تەمكىن بولۇشى كېرەكلىكىنى خاتىرلىتىمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلسۇن!
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سۆز قىلىپ تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن 26-ئىيۇن ۋەقەسىدە خىتاي دائىرىلىرى 27 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋەقەدە خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى 46 ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە خوتەندە ئۆتكەن جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە 26 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، خوتەن شەھىرىنىڭ كىرىش-چىقىش يوللىرى قامال قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئۈرۈمچى بىر توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى توسۇۋەتكەنلىكىنى ئۈچۈن ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ھەقىقىتى توغرىسىدا ھېچ قانداق ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 4-يىلى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆپ ساندا ئەسكەر يۆتكىشىنى قاتتىق نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيمىز.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ، تۇرپان ۋە باشقا شەھەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى سىرتقى كۈچ بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى داۋا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق بىر قانچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنى نىشانغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ بۇ خىل ئاساسىي يوق تۆھمەتلىرىنى رەت قىلىمىز. خىتاينىڭ يالغان ياۋىداق، سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىمىز.
بىز خىتاي ئاخباراتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە تۆھمەت قىلىپ، سۈرىيەگە ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇشقا ئەۋەتكەنلىكى ۋە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا تارقاتقان خەۋىرىگە قارىتا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ تۆھمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەر قېتىم بىرەر ۋەقە چىقسا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارغا ئارتىش ئادىتى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي ئاخباراتى تارقاتقان ئۇچۇرلارنىڭ ھېچ قانداق ئاساسىي يوق يالغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.