27-ئىيۇن غەرب دېموكراتىك ئەللىرى ب د ت دا خىتايدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ھەپتە ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم جەلپ قىلدى.
23-ئىيۇن ۋە 25-ئىيۇن كۈنلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ھەمدە 26-ئىيۇن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەھدىت ئاستىدىكى ئىنسانلار: يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازابلانماقتا» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىدى. 27-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ب د ت 38-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىنىڭ 4-بۆلۈمىدە غەرب دېموكراتىك ئەللىرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن ئېغىر دىپلوماتىك بېسىم پەيدا قىلدى.
جەنۋەدىكى ب د ت مەركىزىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 38-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا بۇلغارىيە ۋەكىلىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى رەسمىي قارىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
بىر كۈن ئىلگىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەھدىت ئاستىدا قالغان ئىنسانلار: يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازابلانماقتا» ناملىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن زەينىدىن ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا 4 -ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» نىڭ غەرب ئەللىرىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىزمەت ئۈستىلىگە تاشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.
يىغىندا گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. نورۋېگىيە، چېخ جۇمھۇرىيەتلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلىگەن.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە گېرمانىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى ئىنكاس قاتۇرۇپ ئۆزلىرىنى ئاقلىغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ناھايىتى ئاقىلانە ئىكەنلىكىنى بازارغا سالغان.
نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ب د ت يىغىنىدا تۇنجى قېتىم كۆپ دۆلەت ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە خىتايغا نىسبەتەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىنغان. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئالدى كەينىدە دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرغان.
ب د ت دىكى يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىمۇ مۇھىم تېما بولغان. قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت مۇھاجىرلار كومىسسارلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە جىددىي سۆھبەتلەشكەن.
0:00 / 0:00