ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت قىلىش چاقىرىق قىلىندى
2018.12.10
10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككى مىليوندىن ئوشۇق كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىغا قامىلىپ، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە يېتىپ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەرشارى خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوزغاشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار پائالىيەت قىلىدىغان قالغان 20 تەشكىلات بىلەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى» ۋە لاگېر تۈزۈمىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتنى خىتايغا ئورتاق ھالدا قارشى تۇرۇشقا، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق قىممەتلىرىنى ياقىلايدىغان ھۆكۈمەتلەرنى ئورتاق ھەرىكەت قىلىپ، خىتايدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا بىر تەدبىر ئالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككى مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى لاگېرلارغا قاماش ۋە ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارغا قارىتا زورلۇق ئىشلىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق بۇ خىتابنامىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچىدىن ھالقىپ، چەتئەللەردىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۆتكەن يىللار مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىپ تۇرۇپ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى مەسىلەن، گۈي مىنخەينىڭ تايلاندتىن قاچۇرۇلۇشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتاي تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەر ئۈستىدە بېسىم شەكىللەندۈرىۋاتقانلىقىدەك مىساللار ئارقىلىق خىتاينىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغانلىقىنى كۆردۇق. بىز بۈگۈن خىتاينىڭ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قانداق قىلىپ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىمىز كېرەك،» دېدى.
10-دېكابىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىمۇ كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى قول قويغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى. ئۇلار باياناتىدا خىتايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالغاندا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېغىرلاشقانلىقىنى مىسال كۆرسەتكەن. باياناتتا مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئىشەنچلىك مەلۇماتلار-مەسىلەن، ‹يېپىق تەربىيە مەركەزلىرى› دىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشلار ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە. كىشىلەرگە كەڭ كۆلەملىك نازارەت ئارقىلىق تەھدىت سېلىش، ساياھەت ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇش، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى ۋە مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىلىشتەك ۋەقەلەر ھەممىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئېغىرلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئىشارەت قىلىپ تۇرماقتا.»
ئۇلار باياناتىدا يەنە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلھام توختى ۋە تاشپولات تېيىپ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى زىيالىيلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش مەسىلىلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تىنچ، مۇقىم بىر جەمئىيەت يارىتىشنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى قول قويغان خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
ئالدىنقى ھەپتە ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى مايكىل دەنبى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زىيانكەشلىكتە رول ئويناۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قاتارلىقلارغا ئىمكان تۇغدۇرىدىغان «ماگنېتسكى قانۇنى» نى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا تونۇشتۇرغان ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون سۆزىدە ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ «ماگنېتسكى قانۇنى» قاتارلىقلار ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتماقچى بولۇشى كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، دېدى. بىراق ئۇ خىتاينى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىردىن-بىر چارىنىڭ خەلقئارانىڭ ئورتاق ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەيلى شىنجاڭدىكى ياكى خىتايدىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىۋاتقىنىمىز بۇ ئەمەس. مەنچە ھۆكۈمەتلەر يەنىلا كونكرېت بىر مەسىلە ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ ئورتاق ھەرىكەت قىلمايۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىق ئاساسىدىكى قارشىلىقتىن چۆچۈيدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. شۇڭا خىتايدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى كۆرۈشى كېرەك. شۇندىلا خىتايدىكى ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ياسىيالايمىز.»
بۈگۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرىۋ خانىممۇ «خوڭكوڭ ئەركىن ئاخباراتى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرنى بىكار قىلىش ئۈچۈن خەلقئارانى خىتايغا قارشى ئورتاق جازا تەدبىرى ئېلىشقا چاقىردى.