ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتايدىكى ئادەم بىدىكچىلىك قىلمىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىردى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان ئادەم بىدىكچىلىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئادەم بىدىكچىلىكىگە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئىپادىسىگە قاراپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلەتكەن. خىتاي ئىلگىرى ئىزچىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا 2 - دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ كەلگەن ئىدى. لېكىن بۇ يىل ئۇنىڭ ئادەم بىدىكچىلىكىگە قارشى تۇرۇش جەھەتتكى ئىپادىسى ئەڭ ناچار 3 - دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئافرىقا، يەر شارى سالامەتلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق شۆبە كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، مەزكۇر دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئافرىقا، يەر شارى سالامەتلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارا شۆبە كومىتېتى ئۆتكۈزگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا كومىتېت رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم بىدىكچىلىك قىلمىشىغا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى، باش ئەلچى لۇئىس سدىباكا گۇۋاھلىق بەردى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل 19 - ئىيۇن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي، رۇسىيە، ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئادەم بىدىكچىلىك خاتىرىسى تولۇق ۋە ئەمەلىي باھالاپ چىقىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەمدىكى مەسىلە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە قانداق چارە كۆرۈشىدە قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: ئادەم بىدىكچىلىك دوكلاتى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى يېزىلغان دوكلاتلارنىڭ بىرى بولغانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇم. ئۇنىڭدا مەسىلىلەر دۇرۇستلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي، رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلگەن. بۇ دۆلەتلەرگە ئۇزۇن يىل كۆز يۇمۇلۇپ، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەي كەلگەن. نۆۋەتتە، ھۆكۈمەتنىڭ 2 - قەدەمنى قانداق بېسىش مەسىلىسىدە قالدى. يەنى قانداق ئىمبارگو قويۇپ، ئۇلارنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلاش مەسىلىسىدە قالدى، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2008 - يىلى چىقارغان قانۇنغا ئاساسەن، تىزىملىكتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئادەم بىدىكچىلىكىگە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئىپادىسى ئۇدا ئىككى يىل ياخشى بولمىسا، 3 - يىلى تىزىملىكتىكى دەرىجىسى ئاپتوماتىك چۈشۈرىلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرى ھەر يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينى ئىزچىل 2 - دەرىجىلىك كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ كەلگەن. بىراق بۇ يىللىق دوكلاتتا، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى داۋاملىق ياخشىلانمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئورنى 3 - دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە چۈشۈرۈلگەن.

يىغىندا رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، نېگىرىيە، ۋېيتنام قاتارلىق نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئادەم بىدىكچىلىك ئەھۋالى، ئالاقىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلاركومىتېتى رەئىسى ئېد رويس، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تىزىملىكتىكى دەرىجىسى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇ يىللىق ئادەم بىدىكچىلىك دوكلاتىدا، خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ ئورنى پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئىلگىرلەش ھاسىل قىلمىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، توغرا باھالاپ چىققان. بىراق مەن باشقا دۆلەتلەرگە نىمىشقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنمىغانلىقىغا قىزىقىپ قالدىم. مەسىلەن، مەن كامبودژا ھۆكۈمىتىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىمەن. ئۇ ئىزچىل مەسىلىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلدى. مېنىڭ ئىشخانا مەسئۇلىم ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تەتىلىنى كامبودژادا ئۆتكۈزۈپ، بالىلار خىزمىتىنى قىلغان. كامبودژادا يەرلىك ساقچى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بالىلارنىڭ سېتىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ. بىراق مەن ئىشىنىمەنكى، بۇ يىللىق دوكلاتتىكى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلگەن دۆلەتلەر شۇنىڭغا لايىق. بۇ، دوكلاتنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى ئاشۇردى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان زاتلارنىڭ بىرى. ئۇ، يىغىنىدا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خىتايدا قىز - ئوغۇللارنىڭ نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى پەيدا قىلىپ، ئاياللارنى ئېلىپ - سېتىش قىلمىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى ۋە ئوغۇل بالىنى ئەتىۋارلاشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت ئامىلى، ھەر 118 نەپەر ئوغۇلغا 100 نەپەر قىز توغرا كېلىشتەك غەيرى نورمال ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئەھۋال باشقا تائىپە ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە خوتۇنلۇققا سېتىش، پاھىشىلىققا مەجبۇرلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەنبەسى بولۇپ قالدى. ئاياللار بېرما، مالايشىيا، ۋېيتنام، موڭغۇلىيەدىن دەللاللار ياكى ساختا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق خىتايغا ئېلىپ بېرىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا ۋە پاھىشىلىققا تۇتۇلماقتا....... ئادەم بىدىكلىرى كۆپ ھاللاردا خىتاينىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدىن قىزلار ۋە ياش چوكانلارنى ساختا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش، ساياھەت چىقىمىنى كۆتىرىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، جىسمانىي تەھدىت سېلىش ياكى پۇل بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش ئارقىلىق پاھىشىلىققا زورلايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم بىدىكچىلىك دوكلاتىدا، 3 - دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەللەرگە ئىمبارگو يولى ئېچىلىدۇ. بىراق باش ئەلچى لۇئىس سدىباكا، خىتاي قاتارلىق 3 - دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكتىكى ئەللەرگە ئىمبارگو يۈزگۈزۈش - يۈرگۈزمەسلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئىمبارگو يۈزگۈزۈش - يۈزگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئىلگىرى 3 - دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرىپ قېلىشنىڭ ئۆزىلا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىدىغانلىقى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئامېرىكا - خىتاي ئىستىراتېگىيە، ئىقتىسادى دىئالوگى باشلانغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئامېرىكا تەرەپ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان. باش ئەلچى سدىباكا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي بۇنىڭدىن بىر نەچچە ھەپتە ئاۋۋال، ئادەم بىدىكچىلىك قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ سۆھبەتنىڭ يەنە داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.