8-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى فوردھام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2015-يىلى يۈز بەرگەن خىتاي ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىگە ئائىت «9-ئىيۇل تۇتقۇنىدىكى خىتاي ئادۋوكاتلىرىنى خاتىرىلەش» يىغىنىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. يىغىن مەيدانىدىن ئىگىلىشىمىزچە، زۇبەيرە خانىم سۆزلىگەن نۆۋەتتە دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر توغرىسىدىكى پاكىتلىق دوكلات شۇ كۈنكى يىغىندا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زۇبەيرە خانىم ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋنىڭ بايانلىرىدا بولسۇن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم، 13-ئىيۇل كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن يەكشەنبە نيۇيورك شەھىرىدىكى فوردھام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق «9-ئىيۇل تۇتقۇنىدىكى خىتاي ئادۋوكاتلىرىنى خاتىرىلەش» يىغىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ۋاكالىتەن لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى كەڭ دائىرىدە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە 3 كۈن داۋاملاشقان تۇتقۇندا، خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە شەھەرلىرىدىن تەخمىنەن 300دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغان. ۋەقەدىن كېيىن خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمى بىلەن ئادۋوكاتلارنىڭ زور قىسمى قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما 20 دىن ئارتۇق ئادۋوكاتقا «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلىپ، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ۋەقەدىن كېيىن 280 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قايتىدىن ئادۋوكاتلىق قىلىش سالاھىتى بىكار قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. شۇندىن بۇيان مەزكۇر ۋەقە خەلقئارادا «9-ئىيۇل كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى تۇتقۇنى» دەپ خاتىرىلەنمەكتە.
زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل نيۇيورك شەھىرىدە مەزكۇر ۋەقەگە ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن باشقا خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە تەتقىقاتچىلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان بارغانچە يامانلاشقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش ۋەزىيىتى نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىسى قىلىنغان.
دوكلات بەرگۈچىلەرگە سۆز نۆۋىتى 3 مىنۇتتىن 5 مىنۇتقىچە دەپ بەلگىلەنگەن بۇ يىغىندا، مەخسۇس ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان زۇبەيرە خانىمغا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» ھەققىدىكى دوكلاتىنى بايان قىلىشى ئۈچۈن 7 مىنۇت ۋاقىت بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى يىغىن ئەھلىنىڭ نۇقتىلىق مۇنازىرە تېمىسى بولغان.
زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دوكلاتىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلار، ئادرىئان زەنزگە ئوخشاش چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرى، تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە دوكلاتلىرى شۇنىڭدەك جاز لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان شاھىتلارنىڭ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلىرى ھەققىدە ئۆز كىملىكى بىلەن ئېلان قىلغان ھەقىقىي ۋەقەلەرنى نەقىل ئېلىش ئارقىلىق بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى»، يەنى «جازا لاگېرلىرى» دىكى پاجىئەلەرنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، پۈتكۈل يىغىندىكى مۇنازىرە تېمىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن. يىغىن مەيدانىنىڭ ئۆزىدىلا يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى زۇبەيرە خانىمغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى ھەققىدە يەنە بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش ۋە لاگېرلاردىكى كىملىكى ئېنىق بولغان تۇتقۇنلار ھەققىدە يەنىمۇ كۆپ ماتېرىياللارنى توپلاش لازىملىقى، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ خالىس ئادۋوكاتلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
«9-ئىيۇل تۇتقۇنىدىكى خىتاي ئادۋوكاتلىرىنى خاتىرىلەش» كۈنىدىكى يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەردىن خىتايدا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىندا زۇبەيرە خانىم ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» غا قامالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەسىلىسى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2015-يىلى يۈز بەرگەن 9-ئىيۇل ئادۋوكاتلار تۇتقۇنى ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنىپ سوتلانغان 20 نەچچە ئادۋوكات ئىچىدە، 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى دەسلەپكى مەزگىلدە ئۈستىگە ئالغان ۋاڭ فامىلىلىك ئادۋوكاتمۇ بار بولۇپ، كېيىنكى مەزگىلدە ئىلھام ئەپەندىنىڭ سوتىدا ئادۋوكاتلىق قىلغان ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى لىيۇ شاۋيۈئەن ئەپەندىلەر گەرچە تۇتقۇندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئادۋوكاتلىق سالاپىتى بىكار قىلىۋېتىلگەن.
تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى، يەنى 2013-يىلى چەتئەلگە چىقىشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئۇ ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن دوستلۇق ئالاقىسىدە بولغان ۋە ئىلھام ئەپەندىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان ئىكەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بارغانچە ناچارلىشىۋاتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتتە، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ نورمال خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى تارتىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان، تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئەڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان رايونلارنىڭ بىرى دېيىش مۇمكىن.
تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان بۇ خىل ۋەزىيەتتە، خەلقئارانىڭ خىتايغا قارىتا بېسىمنى كۈچەيتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ رېجىمىدىن قېچىپ چىقىپ، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئەۋزەل دېموكراتىك شارائىتتىن پايدىلىنىپ، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى خەلقئارا قانۇنلار بويىچە جازالاشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر تۈركۈم كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، مۇستەبىت ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان «خەلقئارا ماگنېتسكىي قانۇنى» ئارقىلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىشمۇ ئۈنۈملۈك چارىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھازىر خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو قاتارلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكىگە ئائىت جىنايى پاكىتلىرىنى توپلاپ، بۇ خىل خىتاي ئەمەلدارلىرىنى خەلقئارا قانۇن-نىزاملار بويىچە جازالاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا ئىكەن.