مەمەت توختى: خىتاي باي خەۋەرلىرىدە ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى
سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى خىتاينىڭ 18 - سېنتەبىر باي ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە «ئۇرۇش» كەلىمىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رايوندىكى ئىشغالىيەتچى كۈچ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆز پۇقرالىرىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلمايدۇ، پۇقرالار جىنايەت ئۆتكۈزسە ئۇنى سوتقا تارتىپ جازاسىنى تارتىدۇ» دېگەن مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاي تەرەپنىڭ كۆمۈركان ھۇجۇم گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىنى «ئۇرۇش» ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى «ئۇرۇش غەلىبىسى» دېيىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ يىللاردىن بېرى بازارغا سېلىپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى»، «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» دېگەن تەشۋىقاتىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەمەت توختى ئەپەندى سۆھبەت داۋامىدا يەنە كۆمۈركان ھۇجۇم گۇماندارلىرى بىلەن خىتاي قوراللىق قىسىمنىڭ كۈچ پەرقىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، مەزكۇر ھەربىي ئوپېراتسىيەنى «ئۇرۇش» دەپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر «ئۇرۇش» دەپ قارىغاندىمۇ خىتاينىڭ بۇ ئوپېراتسىيەدە ئۇرۇشنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەسىرلەر ئىلگىرى بېكىتىلگەن ئەقەللىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە خىتاي تەرەپنى رېئاللىق بىلەن يۈزلىشىشكە ۋە ۋەقەدىكى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىردى.