خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئۇزارغان تىلى

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تۈرلۈك ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئالداش، زورلاش ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى ئېغىرلاشقانلىقى مەلۇم.

ئىگىلىشىمىزچە بۇ ئەھۋاللار ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ئوخشاش شەكىلدە يۈز بەرگەن. بىز ئاڭلىغۇچىلار تەمىنلىگەن ئاۋازلىق ھۆججەتلەرنى رەتلەپ تۆۋەندىكى ئورتاق نۇقتىلارنى تېپىپ چىقتۇق.

1-تەھدىت سېلىش، ۋاسىتە قىلىش ۋە شېرىن سۆزلەش

2017-يىلى ئاۋغۇستتىن بېرى ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر تەمىنلىگەن ئاۋاز ھۆججىتىگە قارىغاندا خىتاي جاسۇسلىرى مەزكۇر ئۇيغۇرغا ئۆزىگە ئىشلەشنى، بولمىسا بالىلىرى ۋە ئايالىنىڭ تۇتقۇنغا مەھكۇم بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە ياردەم بەرگۈچى قىياپەتكە كىرىۋالغان. ھەتتا مەزكۇر ئۇيغۇرغا ئەگەر قايتىپ كەتسە، ئۆزىنىڭمۇ تۇتقۇن بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان. مەزكۇر ئۇيغۇرنى يا چەتئەلدە خاتىرجەم تۇرالمايدىغان يا قايتىپ كېتەلمەيدىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ روھى جەھەتتىن قىينىغان.

يۇقىرىقى ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئېيتىشىچە خىتاي جاسۇسلىرى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۈندىدار ئارقىلىق تېپىپ قوشۇۋالغان، ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرىگە دائىر ئۇچۇرلارنى فېيىسبۇكتىن تاپقان.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئاڭلىغۇچىمىز تەمىنلىگەن ئاۋاز ھۆججىتىگە قارىغاندا، خىتاي جاسۇسى ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى يوشۇرغان، يۇمشاق گەپ قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغان، بولۇپمۇ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەھۋالىغا بەكرەك قىزىققان، يىغىلىشلاردىن خەۋپسىرىگەن.

ئاۋاز ھۆججىتىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ئۆزى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بۇ ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ پەرزەنتى ۋەتەندە تۇتۇلغان. مەزكۇر جاسۇس شۇ بالىنى ۋاسىتە قىلىپ ئاتا-ئانا بولغۇچىنى ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلەشكە قىزىقتۇرغان.
تۈركىيەگە كۆز تىككەن مەزكۇر خىتاي جاسۇسى بۇ يەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان «شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» گە ئالاھىدە قىزىققان. شۇنداقلا «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» قاتارلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان.

مەزكۇر خەۋەرنىڭ داۋامىنى كېيىنكى قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا داۋاملىق ئاڭلىغايسىلەر.