خىتاي قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان پاسپورت ئىشلەشنى ئاسانلاشتۇرۇش خىزمىتى پەقەت ياشانغان ۋە ياكى خىتاي دائىرىلىرىگە سادىق، ھاياتىدا خىتاينىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقمىغان، جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن كىشىلەرنى ئاساس قىلىپ مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلىيلەشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولـمىغان.

خىتاي «خەلق تورى» ئۆتكەن يىلى 2 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدە ئېچىلغان «خەلققە دوكلات بېرىش، ئاممىنى رازى قىلىش» دوكلات يىغىنىدىن كېيىن، دائىرىلەر پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدا ئاھالىلەر ئادەتتىكى پاسپورت باشقۇرۇش يېڭى بەلگىلىمىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، پاسپورت تارقىتىشنى ئومۇملاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتىن، نويابىرغىچە بولغان 3 ئاي ئىچىدە 210 مىڭ پاسپورت بېجىرىلگەنلىكى كۆرستىلگەن. ئۇقتۇرۇشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قوبۇل قىلغان پاسپورت بېجىرىش ئىلتىماسى 228مىڭ 876 كىشى بولۇپ، بۇلاردىن بېجىرىلگەن پاسپورت 213مىڭ 708گە يەتكەن ئىكەن.

پاسپورت بېرىلىدىغانلار ئۈچۈن قانداق شەرتلەر بار؟ ساقچى دائىرىلىرى ئادەتتىكى پاسپورتلارنى قانداق كىشىلەرگە بېجىرىپ بېرىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىستانبۇلغا كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياش بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان پاسپورت سىياسىتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئاپپارات سىستېمىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخىپلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كۆپىنچە ياشلارغا، «قارا چېكىت»، «سېرىق چېكىت» ۋە «قىزىل چېكىت» دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىپ چېكىت ئۇرۇلغان ئىكەن. بۇ ئۈچ خىل «چېكىت» ئۇرۇلغان كىشىلەر ھەر زامان، ھەر يەردە قاتتىق نازارەت ۋە كونترول ئاستىدا تۇتۇلىدىكەن. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ باشقا يۇرتلارغا سەپەر قىلىشى چەكلەنگەن بولغاچقا، يول يۈرگەندە توسۇقلاردا كىملىكلىرىنى نۇرلۇق ئاپپاراتقا سۈرتكەندە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىكەن ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىدىكەن. بۇلارنىڭ پاسپورت ئىلتىماسلىرىمۇ رەت قىلىنىدىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ياش، چېكىت ئۇرۇلغان ئۈچ خىل كىشىلەر كىملەر دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇلار مەھەللە، كەنتلەردە ئۇيۇشتۇرۇلغان سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتناشمىغانلار، دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ئائىلە ئەزالىرى يەنى ‹رادىكال دىنچى› دەپ قارىلىدىغانلار، ئىلگىرى بىرەر مەدرىسىدە ئوقۇغان ۋە ياكى سىياسىي سەۋەبتىن تۈرمىدە يېتىپ چىققانلار، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن ‹تەھدىت› دەپ قارىغان كىشىلەر» دەپ بىلدۈردى.

بۇ ياش سۆزىدە يەنە، چەتئەللەرگە چىقىش ئۈچۈن پاسپورت بېجىرىشنىڭ ئۈنچىلا ئاسان ئەمەسلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەرگە ئەمەس، بىر ناھىيىدىن يەنە بىر ناھىيىگە ئۆتۈش ئۈچۈنمۇ دۆلەت چېگراسىدىن ئۆتكەنگە ئوخشاش نەچچە توسۇقتا تەكشۈرۈپ، تەستە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، ئەمما كۆپىنچە ياشلارنىڭ كىملىكىگە «قارا چېكىت» ئۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ باشقا يەرگە سەپەر قىلىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى، سەپەر قىلغۇچىلارغا يولدىكى توسۇقتا كىملىك تەكشۈرىدىغان نۇرلۇق ئاپپاراتتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇلارنى تۇتۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پاسپورت بېرىش ئىشلىرى توغرىسىدا پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاي دائىرىلىرى پاسپورت بېجىرىش ئىشلىرىدا ئۆز پۇقرالىرىغا ئاسانلىق يارىتىپ قۇلاي بېجىرىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا قىيىنلاشتۇرۇپ ئايرىمىچىلىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.