خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى باشلىغاندىن بۇيان، ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە تۈرمىگە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارنىمۇ تۈرمىدە دەرس بېرىپ، توۋىنامە يازدۇرغان.
ئۇلار مەھبۇسلارغا خەلق ئاممىسى ئالدىدا ئالدىن تەييارلانغان يازمىلارنى ئوقۇپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىگە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا قارىتا خاتالىقىنى تونۇغان ھالەتتە كۆرسەتكەن.
ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقلىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ توۋىنامىلىرى ئارقىلىق توسۇشقا، قوللاشتىن يىراق تۇرۇشقا تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.
ئىگىلىشىمىزچە، پاكىستاندىن تۇتۇپ ئېلىپ كېتىلىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان سىياسىي مەھبۇس مەمەت توختى يۇرتى خوتەن ۋە خوتەنگە قاراشلىق ناھىيىلەردە نەچچە مەيدان، ئۇيغۇرلار ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىشى لېكسىيە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بىز مەمەت توختىنىڭ پاكىستاندا بىللە ئوقۇغان ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ساۋاقدىشى ئابدۇللا ئەھەددىن بۇ توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئالدۇق.
ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىمۇ، ھەر خىل بېسىملار بىلەن ئېلىپ چىقىپ تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامەردلىكنىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسەتتى.