ھازىر نورۋېگىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئەمەت بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيە ئاۋات يېزىسى 2-ئەترەت 6-مەھەللىدىكى ئائىلىسىنىڭ بىر قانچە ئايلاردىن بۇيان يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۇرغۇنجان ئەمەت ئالدى بىلەن 40 نەچچە ياشلىق ئاكىسى مەمەت ئەزىزنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىگە قامالغانلىقىنى ۋە تۈرمىگە قامىلىش جەريانىدا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇرغۇنجان ئەمەت 75 ياشلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر كۈنلۈكى يېزىلىق ساقچىخانا تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىياسىي ئۆگىنىشكە مەجبۇرىي قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، ئانىسىغا خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىماسلىق توغرىسىدا تەھدىت سالغانلىقىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ بۇ خىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشىدا ئۆزىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئانىسىغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇ سۆزىدە، ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى تۈرلۈك نامايىشلارغا قاتنىشىشىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ بولسا ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
زىيارىتىمىز جەريانىدا تۇرغۇنجان ئەمەت مەزكۇر يېزىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ مەجبۇرىي سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇرغۇنجان ئەمەت ئاخىرىدا، قەشققەردىكى ئائىلىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل تەھدىتلەرنى سېلىپ، ئۇلارغا بېسىم قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە يەنىلا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر داۋاسىغا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز ئاخىرىدا تۇرغۇنجان ئەمەتنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىغا ئاساسەن، قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيە ئاۋات يېزىلىق مەھەللە كومىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي خادىم بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، تۇرغۇنجان ئەمەتنىڭ 75 ياشلىق ئانىسى نۇرىمانخان مەمەت ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ دىنىي ۋە ھاشار سىياسىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەنلىك سەۋەبىدىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.