خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.08.09
xitay-kishilik-hoquq-paaliyetchi-jang-xeytaw-305.jpg جاڭ چۈنشيەننى «ئەڭ چوڭ زوراۋان تېررورچى» دەپ ماقالە ئېلان قىلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جاڭ خەيتاۋ.
جاڭ خەيتاۋنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەمىنلىگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى «9-ئىيۇل چوڭ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى» دە قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلار ئۈستىدىن توختىماي قاماق جازاسى ئېلان قىلماقتا.

ب ب س نىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلارنى جازالىشى، ۋەھىمىلىك سىياسەتنىڭ غەلىبىسىمۇ؟» ناملىق ئانالىز ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە ھەر كۈنى بىردىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياكى ئادۋوكات ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، سەيشەنبىدىن جۈمەگىچە بولغان 4 كۈن ئىچىدە جەمئىي 4 كىشى ئۈستىدىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قاماق جازاسى ئېلان قىلغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 6-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى «روشەن سىياسىي مۇددىئا بىلەن ئەيىبلەشلىرى»دىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭغا جاۋابەن جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ: «جۇڭگو بولسا قانۇن دۆلىتى، ئەدلىيە ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك ئەنزىنى قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلغان ھالدا بىر تەرەپ قىلماقتا، مۇناسىۋەتلىك جاۋابكارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى» دېگەن ھەمدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ قىلچە ئاساسى يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈشىگە خىتاينىڭ قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇمكى، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى 25 ئۆلكىدىن جەمئىي 319 نەپەر ئىنسانغا چېتىلغان كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋوكات ھەم پائالىيەتچىنى تۇتقۇن قىلىپ، مەتبۇئاتلاردا «9-ئىيۇل چوڭ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان بىر ۋەقەنى پەيدا قىلغان ھەمدە 23 نەپەر كىشىنى رەسمىي قولغا ئالغان ئىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنى ھەر خىل جىنايى ناملار بىلەن ئەيىبلەپ، بىر-بىرلەپ قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلماقتا.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنلىرى خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر سوتقا مۇناسىۋەتلىك بىر سىن فىلىمى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا بايرىقى، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە خوڭكوڭلۇق دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى خۇاڭ جىفېڭنىڭ كۆرۈنۈشى كىرىشتۈرۈلگەن بۇ فىلىمدا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاينى سۈرىيەدىكىدەك ئىچكى ئۇرۇشقا پاتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن بېشارەتلەر بەرگەن. خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى فىلىمدا ئوچۇق قىلىپ: «تىبەت مۇستەقىللىقى، شىنجاڭ مۇستەقىللىقى، خوڭكوڭدا مۇستەقىللىقى، تەيۋەن مۇستەقىللىقى، ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە قىسماققا ئېلىنغان ئادۋوكاتلار قاتارلىق غەرب كۈچلىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى، جۇڭگونىڭ ئىچكى تىنچلىقى ۋە ئىناقلىقىغا ۋاسىتە تاللىماي بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىز بۇ ئىشلارنىڭ ئارقىدا، ھەر زامان ئۆزىنى نىقابلىۋالغان ئامېرىكا بايرىقىنىڭ كۆلەڭگىسىنى كۆرمەكتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن.

خوڭكوڭلۇق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مانيان، بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بارلىق ئۆكتىچى كۈچلەرنى كۆزدىن يوقىتىش يولىنى تۇتۇۋاتىدۇ. ئومۇمىي خەلقنىڭ ھىمايىسىدىن، ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالغان بۇ ھاكىمىيەتنى پەقەتلا زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ ساقلاپ قېلىش ۋە مۇستەھكەملەش، كومپارتىيىنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى بولۇپ قالدى. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار، ھەتتا ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقى ئۇنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى.»

ب ب س دا 5-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلارنى جازالىشى، ۋەھىمىلىك سىياسەتنىڭ غەلىبىسىمۇ؟» ناملىق ئانالىز ماقالىسى ب ب س خىتاي بۆلۈمىنىڭ باش مۇھەررىرى كەررىي تەرىپىدىن يېزىلغان. ماقالە «شەخس ياكى دۆلەتلەر كۆز ئالدىدىكى پايدىنى كۆزلەپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتلىرىنى كرىزىسقا ئۇچرىتىدۇ، بۇنىڭ مىساللىرى تارىختا كۆپ. بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلار ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈملىرى مانا شۇنداق تراگېدىيىلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ئىبارە بىلەن باشلىنىدۇ.

ماقالىدە يەنە: «بۈگۈنكى دۇنيا تېررور ۋەھىمىسى ۋە تراگېدىيىلىك ۋەقەلەر بىلەن تولۇپ تاشتى. شۇ سەۋەبتىن، تيەنجىن سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە دىققەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز. پەقەت خىتاي مەسىلىلىرىنى كۆزەتكۈچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىلا، ئۆزىنى قانۇن دۆلىتى دەپ ئاتىۋالغان بۇ چوڭ دۆلەتنىڭ بىر توپ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلارنى قولغا ئالغانلىقىغا، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇلارنى يوقلىشىغا يول قويمايۋاتقانلىقىغا، ئادۋوكاتلار بىلەن ئۇچراشتۇرمايۋاتقانلىقىغا، تۈرمىگە قاماپ بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن ھۆكۈم ئېلان قىلىۋاتقانلىقىغا، بۇ ھۆكۈملەر ئۆلچىمىنىڭ خىتاينىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا قىلچە ماس كەلمەيۋاتقانلىقىغا ھەيرانلىق ئىچىدە دىققەت قىلماقتا» دېيىلگەن.

كەررىي ئۆز ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ: «مېنىڭ بۇ ماقالەمنى خىتايغا قارشى ھۇجۇم، دەپ ئويلاپ قالماڭ. مەن خىتايدا توپ توغرا 30 يىل ياشىغان. بۇ جەرياندا خىتاي قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى تەستىقلايمەن. بىراق، تيەنجىن سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۆكۈملىرىنى پەقەتلا بىر ئالدامچىلىق، دېيىش مۇمكىن. بۇ، خىتاي مەدەنىيىتىگە زادىلا ماس كەلمەيدۇ. خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتلىرىگىمۇ تۈپتىن زىت.»

ئۇ يەنە شۇلارنى تىلغا ئالىدۇ: «خىتاي پۇقرالىرى، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بۇ ھۆكۈملەرگە نەزەر سېلىشى لازىم. خىتايدىكى ئەڭ باتۇر، پائالىيەتچان بۇ ئادۋوكاتلار ھاقارەتلەنسە، تەھدىتكە ئۇچرىسا، تۆھمەتكە دۇچ كەلسە، ھەتتا تۈرمىگە قامالسا، يەنە كىم چىقىپ زەھەرلىك سۈت بىلەن زەھەرلەنگەن بالىلارغا، بۆلگۈنچىلىك بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئازسانلىق مىللەت زىيالىيلىرىغا، جىنسىي تاجاۋۇزدىن زەخىملەنگەن ئاياللارغا، قاراكۈچلەر تەرىپىدىن دۇمبالىنىپ مېيىپ قىلىنغان پۇقرالارغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ؟»

ماقالىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، دۈشەنبە كۈنى خىتاي ئادۋوكات ۋاڭ يىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرى تارقىتىلغان. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەتبۇئاتلاردا ۋاڭ يى «مەن جۇڭگو ئەدلىيەسىنىڭ مەدەنىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك غەمخورلۇقىغا ئېرىشتىم» دېگەن. ئۇ يەنە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خاتا ھالدا خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرىپىگە قارا سۈرتىدىغان سەلبىي گەپلەرنى قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا بولغان پۇشايمان، ئۆكۈنۈشلىرىنى ئىپادىلىگەن.

گېرمانىيەدىكى «خىتاي دېموكراتىك فېدىراسسىيونى» باش كاتىپى پەن يۇڭدۇڭ، تۇتقۇندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۈرمە ئازابى ۋە بېسىملار تۈپەيلى ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي ھەرىكەتلىرىنى «جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيىسى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلىمىسا، دېموكراتىيە قەدىمىنى باسمىسا، جۇڭگونىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىدۇ. دېموكراتىيە جۇڭگونىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى. ھازىر سوت قىلىنىۋاتقان، تۈرمىلەرگە قامالغان ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى جۇڭگونىڭ ئىستىقبالىنى ئۆزگەرتىش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت. ئۇلار تۈرمىلەردە تۈرلۈك قېيىن-قىستاقلار سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي ھەرىكەتلىرىنى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۆكتىچى كۈچلەرنى بېسىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى، بىراق بۇ ئەمەلگە ئاشىدىغان غايە ئەمەس.»

«خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلارنى جازالىشى، ۋەھىمىلىك سىياسەتنىڭ غەلىبىسىمۇ؟» ناملىق ئانالىز ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى تيەنجىن سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دى يەنمىن، ئۆزىنىڭ «رەڭلىك ئىنقىلاب» قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە بۇ جىنايىتى ئۈچۈن تۆۋە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «كەڭچىلىك»كە ئېرىشكەن. سوت ئۇنىڭ ئۈستىدىن مەسىلىسىنى كېچىكتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھۆكۈمى چىقارغان.
چارشەنبە كۈنى «ئائىلە چېركاۋى» مەسئۇللىرىدىن خۇ شىگېن سوتتا جىنايىتىنى تونۇغان ۋە تۆۋە قىلغان. شۇنداقتىمۇ، «دۆلەتنى ئاغدۇرۇئاشقا قۇترىتىش» جىنايىتى بىلەن ئۇنىڭغا 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

پەيشەنبە كۈنى ئادۋوكات جۇ شىفېڭغا «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇترىتىش» جىنايىتى بىلەن 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

جۈمە كۈنى خرىستىئان دىنى پائالىيەتچىسى گو خۇڭگوغا 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 3 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈمى چىقىرىلغان. ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە بېرىلىدىغان جازالارنىڭ كېلەر ھەپتىلەر يەنە داۋاملىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ جازالىرى نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ؟

«خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلارنى جازالىشى، ۋەھىمىلىك سىياسەتنىڭ غەلىبىسىمۇ؟» ناملىق ئانالىز ماقالىسىدە، خىتاينىڭ مەقسىتى ھەققىدە مۇنۇلارنى تىلغا ئالىدۇ: «بىرىنچىسى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قورقۇتۇش، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر كىمكى قانۇننى كومپارتىيەنىڭ سىياسىي مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشقا پېتىنىدىكەن، شۇ كومپارتىيەنىڭ شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ، دېمەكچى. ئىككىنچىسى، بارلىق ئۆكتىچىلەر، چەتئەل دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا ئۇچرىغان خائىنلار، ئۇلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى سۈيىقەستلەرنىڭ بىر تەركىبى قىسمىدىن ئىبارەت، دېمەكچى.»

ماقالىدە يەنە شۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «خىتاي كومپارتىيىسى خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا غەربلىكلەرنىڭ خىتايغا قىلغان تاجاۋۇزىنى خەلققە ئەسلىتىپ، ‹ئەگەر كومپارتىيە بولمىسا، غەرب دۈشمەن كۈچلىرى خىتاينى يەنە بېسىۋالىدۇ› دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. خىتاي خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك تۇيغۇلىرىنى، غەرب دۈشمەنلىك نەزەرىيىسىنى كۈچەيتىپ، كومپارتىيە بولمىسا، بۈگۈنكى جۇڭگو بولمايدۇ، دېگەن تەشۋىقاتقا ئىشەندۈرمەكتە. بۇلار قىسقا مۇددەتتە كېرەككە كەلسىمۇ، يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن كېرەككە كەلمەيدۇ.»

ب ب س دا تىلغا ئېلىنىشىچە، بۇ يىل 9-ئىيۇل كۈنى خىتايدىكى «9-ئىيۇل چوڭ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى» نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا بىرلىكى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى، خەلقئارا قانۇنشۇناسلار كومىتېتى، خەلقئارا ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى، خوڭكوڭ قانۇن-تۈزۈم جەمئىيىتى، تەيۋەن ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورگانلار خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ، «9-ئىيۇل چوڭ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى» دە قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىغا ئۆزلىرى ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 8-ئىيۇل كۈنى بولسا، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىرلەشمە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، تۇتقۇندىكى يېقىنلىرىنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئۆزلىرىگە بولغان نازارەت، بېسىملارنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ كۆپتىن بىرى ئوخشاش تەلەپتە بولغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاۋازلارغا قىلچە پىسەنت قىلمىغان ھالدا، 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئۇلارنى رەسمىي جازالاشقا باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.