كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ماقۇللىغان قانۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.11.16
uyghurda-internet.jpg تورخانىدىكى ۋېيبو (ۋەىبو) قاتارلىق بلوگلاردىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر تارقاتقۇچىلار. 2011-يىلى 16-يانۋار، قۇمۇل.
AFP

خىتاي خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىدىغان دۆلەت بولۇپ باھالانغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ كونترول ئاستىغا ئالىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلماقتا. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇنى تەنقىد قىلىپ، بۇ خىلدىكى قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ئۇيغۇر تور قوللانغۇچىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىنتېرنېت دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە كەڭ ئومۇملىشىپ، ئۇچۇر ۋە ئالاقىگە زور قۇلايلىقلارنى ياراتقان بىلەن تەڭ، ئۇ دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئەڭ زور كۈشەندىسىگە ئايلانغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچەيگەن. ئەركىنلىك سارىيى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى دوكلاتىدىن قارىغاندا، دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەڭ يامان كۆرىدىغان تور بەتلىرى دەل فېيىسبۇك ۋە تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرى ۋە شۇنداقلا يانفۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان «ۋاتسەپ» كە ئوخشاش ئۇچۇرلىشىش، خەۋەرلىشىش ئەپلىرى ئىكەن. چۈنكى بۇ خىلدىكى ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرى خەۋەرلەرنىڭ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ۋە بىخەتەر شەكىلدە تارقىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇنى چەكلەش ۋە تەقىب قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرغان.

يۇقىرىدىكى دوكلاتتا خىتاي دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىدىغان دۆلەت بولۇپ باھالانغان. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى مېدىلىن ئېرپ بۈگۈن بىزگە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەركىنلىك سارىيى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېتنى ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى قانداق باشقۇرۇۋاتقانلىقى ۋە شۇنداقلا ئىنتېرنېتنى قوللىنىپ تۇرۇپ مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىدىغان ۋە ئالاقە قىلىدىغان تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىغا قاراپ تۇرۇپ دۆلەتلەرگە نومۇر قويغان بولۇپ، خىتاي يۇقىرىدىكى 3 كاتېگورىيەدە ئەڭ تۆۋەن نومۇر ئېلىپ، دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىدىغان دۆلەت بولۇپ باھالانغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەر بولسا ئىنتېرنېتقا ئېرىشىش. مەسىلەن، ھۆكۈمەت بىرەر نامايىش چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتنى تاقىۋېتىدىغان ئەھۋاللار، يەنە ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىش ۋە شۇنداقلا ئىنتېرنېتنى تەقىب قىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر. جۈملىدىن كىشىلەر ئۆزى توردا قىلغان ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئومۇملاشقان... بۇنداق ئەھۋاللار ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا تېخىمۇ ئېغىر. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تور قوللانغۇچىلىرى خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىماقتا.»

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 7-نويابىر كۈنى «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى رەسمىي ماقۇللىغان ئىدى. ئۇنىڭدا «توردا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلىدىغان ياكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق مەزمۇن قاتتىق چەكلىنىدۇ» دەپ ئېنىق يېزىلغان. خىتاينىڭ «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى ماقۇللىشى خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر قانۇننىڭ دائىرىلەرنىڭ ئىنتېرنېتقا قاراتقان كونترول ۋە تەقىبىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋە ھەرقانداق بىر نارازىلىق ئاۋازىنى قاتتىق جازالاشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دەرۋەقە يېقىندا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بىر سوت ھۆكۈمىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ يانفونلىرىغا تور توسۇقلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، چەكلەنگەن تور بەتلەرگە كىرىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغان ئەپلەرنى ئورناتقان كىشىلەرنى «2-دەرىجىلىك تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى مېدىلىن ئېرپ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىلدىكى ئەپلەر كىشىلەرگە سىياسىي ۋەقەلەردىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەردار بولۇپ، ھۆكۈمەتكە جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلىنىش ئىمكانى يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇ بىر تەھدىت. شۇڭا بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ئەپلەرنى توسۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. مۇشۇ دوكلات تەييارلىنىۋاتقان مەزگىلدە خىتايدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ماقۇللاندى. بۇمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈچۈن زور بىر خىرىس پەيدا قىلماقتا. چۈنكى، بۇ قانۇندا بىر قىسىم يوللۇق سۆزلەر ۋە يوللۇق قارشىلىقلارمۇ تېررورلۇق كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇڭا ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ماقۇللانغان بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇنداق بىر شارائىتتا يۇقىرىقىدەك سوت ھۆكۈملىرىنى كۆرۈش ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس دەپ ئويلايمەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا چاقىرغان «تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى» دا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە تور بەتلەرگە قارىتىلغان باشقۇرۇشنى قاتتىق كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇلار ئالاقىدار تارماقلاردىن «شىنجاڭغا چېتىلىدىغان تور جامائەت پىكرى، بولۇپمۇ زور سەزگۈر، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن جامائەت پىكرى ئەھۋالىنى بايقاش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە يېتەكلەش كۈچىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشنى؛ توردىن پايدىلىنىپ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش، پىتنە-ئىغۋا توقۇش، تارقىتىش، ئىغۋاگەرچىلىك، تېررورلۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا چېتىلىدىغان، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئۆز مەيلىچە تارقاتقانلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتقان ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە كۈشكۈرتكەن جىنايەتچى ئۇنسۇرلار، شايكا تەشكىللىگەنلەر ۋە نۇقتىلىق ئادەملەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش» نى تەلەپ قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى يەنە 11-ئاينىڭ 14-كۈنى «مەدەنىي تورغا چىقىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىپ، جايلاردىن تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىش ۋە مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، توردا ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجەۋىسكى سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ، ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ ھەر ۋاقىت قاتتىق كونترول قىلىنىپ كەلگەنلىكى، ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن كېيىن ماقۇللانغان بۇ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق بىلەن ئۆزىنى ئىپادە قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ جىنايەتكە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ قانۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەركىنلىكلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قامال ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا تور ئارقىلىق ئۇچۇر تارقاتقانلارنى، دىنىي ماتېرىياللارنى كۆرگەنلەر ۋە ئۇنى ھەمبەھىرلىگەنلەرنى شۇنداقلا چەكلەنگەن تور بەتلەرگە كىرگەنلەرنى «تېررورلۇق ۋە دىنىي رادىكاللىق» قا باغلاپ تۇرۇپ جازالاۋاتقان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى بۇ ھەقتىكى خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە ئىش قىلىشقا ئۈندىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.