چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا ئۆلكىلەردە خىزمەت قىلىشى داۋاملىق توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.09.18
pichan-lukchun-weqesi-muxbir.jpg خىتاي ساقچىلىرى پىچان ۋەقەسىدە مۇخبىرلارنىڭ قولىدىكى رەسىم تارتىش ئاپپاراتىنى تارتىۋېلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 28-ئىيۇن.
AFP

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىغا قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئارقا-ئارقىدىن باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەنقىد قىلماقتا. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچراش مەسىلىسىدۇر. يېقىندا چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق، ئۇچۇرنى قامال قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. كۆرسىتىلگەن مىساللار ئارىسىدا مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىمۇ ئورۇن ئالغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينى ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىنىدىغان ۋە مۇخبىرلارنىڭ خىزمەت قىلىشى ئەڭ قېيىن دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ باھالاپ كەلگەن. بۇ ھەقتىكى دوكلاتلاردا چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە ئەڭ ئېغىر چەكلىمە ۋە تەقىبگە ئۇچرايدىغانلىقى، بۇ رايونلاردىن ئۇچۇر ئېلىشنىڭ ئىمكانسىز دېيەرلىك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ يېقىندا خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەللىك مۇخبىرلار خىتايدا يېقىنقى ئايلاردا يەنە، تيەنجىن شەھىرىنى، ئۇيغۇر ئېلىنى ۋە بېيجىڭدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا تەقىب قىلىشقا، تۇتقۇن قىلىشقا ۋە ھەتتا زوراۋانلىققا ئۇچرىغان.

مېككېلەچچىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ستۇارت لىۋىنۋورسنىڭ يۇقىرىدىكى دوكلاتتا يەر ئالغان مەلۇماتىدا بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېتنىك بۆلۈنۈش ئۈستىدە خەۋەر يېزىش ئۈچۈن بۇ يىل 7-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىغا بارغان. دەسلەپكى ئىككى كۈن ئۇلار ئۈرۈمچىدە تۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇلار ئۆزلىرىگە ساقچى ئەگەشكەنلىكىنى ھېس قىلمىغان. ئەمما ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئاقسۇ شەھىرىگە بېرىپ، ئاقسۇ خەلقئارا مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئاخشام سىرتقا چىققىنىدا پۇقراچە كىيىنگەن بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان. مۇخبىر بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
‏-بىز مېھمانخانىدىن چىقايلى دەپ تۇرۇشىمىزغا پۇقراچە كىيىنگەن بىرى كېلىپ بىزنى توسىدى. مەن ئۇنىڭدىن سەن نېمە ئىش قىلىدىغىنىڭنى بىزگە كۆرسەت، كىنىشكاڭنى كۆرۈپ باقاي، دەپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇ ئاخىرى بېرىپ ۋاڭ ئىلى ئىسىملىك فورما كىيىۋالغان بىر ئايالنى چاقىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ كىنىشكىسىدىن قارىغاندا ئۇ كىرىپ-چىققانلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ئىكەن. كېيىن ئەتراپىمىزغا پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر يىغىلدى. ئۇلار مەندىن بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلگەنلىكىمنى سورىدى. بىز 20 مىنۇتتەك ئۇلار بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن ئۇلار بىزنى كەتسەڭلار بولىدۇ، دېدى. لېكىن ئۇ ۋاڭ ئىلى ئىسىملىك ئايال مېنىڭ ياردەمچىمگە « سەن خىتاي تۇرۇپ، نېمىشقا بۇ چەتئەل ئاخباراتلىرىغا خىزمەت قىلىسەن؟ سەن بىلمەمسەن، ئۇلار ۋەقەلەرگە داۋاملىق باشقىچە رەڭ بېرىدۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپتۇ.

مۇخبىر ستۇارت لىۋىنۋورسى شۇ كۈنى كەينىگە كىرىۋالغان ساقچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزى كۆرۈشمەكچى بولۇپ پۈتۈشۈپ قويغان ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ كۆرۈشەلمىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلغان :
-شۇ كۈنى كەچ بىز ئەسلىدە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارماقچى ئىدۇق. لېكىن مەن ئەگەر بۇ ساقچىلار كەينىمىزگە كىرىۋالغان بولسا بىز بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا بالا تېرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ قالدۇق. شۇڭا مەن ۋە مېنىڭ ياردەمچىم ئىككىمىز ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ كەينىمىزدە بار-يوقلۇقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئايرىلىپ مېڭىپ باقتۇق. دەرۋەقە، بىز ھەر بىرىمىزنىڭ كەينىدە ئاز دېگەندە ئىككىدىن ئادەمنىڭ بارلىقىنى كۆردۇق. ئۇلار توختىماي قول تېلېفوندا كىملەر بىلەندۇ سۆزلىشىۋاتاتتى ۋە بىزنى تەقىب قىلىش نىيىتىمۇ ئىنتايىن قەتئىي ئىدى. شۇڭا مەن ئاخىرى ياردەمچىم ئارقىلىق ئۇ ئۇيغۇر ئائىلىسىگە بىزنىڭ بارالمايدىغانلىقىمىزنى خەۋەر قىلدۇق. بىز ئاقسۇدا يەنە بىر كۈن تۇردۇق. ئەمما ئۇ كۈنىمۇ ئەھۋال يەنە ئوخشاش بولدى. كەينىمىزگە چۈشۈۋالغانلارنىڭ پەقەت بىز كىرگەن ئاشخانا ۋە دۇكانغا تەڭ كىرمىگەن يېرىلا قالدى.

يېقىندا تيەنجىندە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىمۇ مۇخبىرلارنىڭ خەۋەر قىلىشى ئەڭ ئېغىر چەكلەنگەن تېمىلارنىڭ بىرى. ھازىرغىچە ۋەقەنىڭ ئېنىق سەۋەبى، نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىمنىڭ پارتلاشتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانى سىر پېتى تۇرماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پارتلاشتىن كېيىنلا نەچچە يۈز مېتىر ئۇزاقلىقتىن ۋەقە مەيدانىنى توسۇپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىشىمۇ گۇمانلارنى ئۇلغايتىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ياۋروپادىكى مەلۇم بىر خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى پارتلاشتىن كېيىن تيەنجىنگە بېرىپ، پارتلاشتا يوقاپ كەتكەن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغاندا بېشىغا كەلگەنلەرنى مۇنداق دەپ بايان قىلغان :
‏-بىز بۇ ئائىلىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرغان ئىدۇق. ئەسلىدە شۇ كۈنى بىزگە بىرىدىن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇن ھەققىدە ئۇچۇر كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن بىز شۇ ئۇچۇر بويىچە بۇ ئائىلىلەر بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان ئىدۇق. ئەمما ئۇ كۈنى بىزنىڭ ۋە قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون سىگناللىرى ھەممىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بىز كېيىن ئۇلارغا ئۇلاشقىنىمىزدا ئۇلار ساقچىلارنىڭ كېلىپ ئۇلارنى چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن ئۇلار يەنىلا بىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى. مېنىڭ ياردەمچىم ئاپتوموبىل بىلەن ئۇلارنى ئالغىلى كەتتى. مەن ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان كوفىخانىغا بېرىپ تۇردۇم. ئەمما بايقىدىمكى، « خىزمەتچى خادىم» دېگەن ئىزنىكى بار كىيىم كىيىۋالغان ئىككى كىشى دەل بىز ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ ئارقىسىدىكى ئۈستەلگە ئاللىقاچان يەرلىشىپ بولغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئاڭلاپ قالمىسۇن دەپ ئۈستىلىمىزنى ئالماشتۇردۇق. بىز بۇ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا ئالاھازەل 6 كىشى بىزنى چۆرىدەپ تۇرۇپ بىزنىڭ پاراڭلىرىمىزنى ئاڭلاپ تۇردى. ئۇلار ئۆزىنى ئوچۇقلا ئاشكارىلاپ تۇراتتى. شۇڭا بىز بىلەن سۆزلەشكىلى كەلگەن ئائىلىلەر جىددىيلىشىپ كېتىپ مېھمانخانىغا قايتىپ كەتمەكچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئاپتوموبىلغا چىققىنىمىزدا 3 كىشى دېرىزىمىزنى چېكىپ بىزدىن قوپاللىق بىلەن سوئال سوراشقا باشلىدى. ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېنىق دېمىگەچكە بىزمۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمەي دېرىزىنى ئېتىپلا دەرھال ئۇزاقلاشتۇق. بىر مىنىبۇس ئارقىمىزغا چۈشۈپ تەڭ ماڭدى ۋە بىز بۇ ئائىلىلەردىن ئايرىلغۇچە بىزگە ئەگەشتى. كېيىن بىز بۇ ئائىلىلەرگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇلار ئەمدى بىز بىلەن ئالاقىلەشمىسەڭلار، بولمىسا ھۆكۈمەت بىزنىڭ يوقاپ كەتكەن بالىمىزنى تېپىپ بەرمەيدۇ» دېدى.

دوكلاتتا، تيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن تيەنجىنگە خەۋەر ئىشلىگىلى بارغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ باشقا مۇخبىرلىرىمۇ ئوخشاش ئەھۋاللارغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان. بېيجىڭدىكى بىر مۇخبىر بولسا بېيجىڭدىكى بىر يەر ئاستى خرىستىئان چېركاۋىنىڭ پوپى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغاندا تۇتقۇن قىلىنغان. خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى بولسا يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارغا قارىتا بايانات بېرىپ، خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىنىشى ۋە خىتايدىكى ئاخباراتقا قويۇلۇۋاتقان چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.