بەزى خىتاي پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەمسىتىشنى توختىتىشقا چاقىردى
2014.03.10

1-مارت «كۇنمىڭ ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەر خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بىراق ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشىدىن باشقا، ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئېغىر كەمسىتىشىگە دۇچ كېلىپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدە ئەندىشە قوزغىدى. بەزى پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەمسىتىشنى توختىتىشقا چاقىردى.
پائالىيەتچىلەر «كۇنمىڭ ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي جەمئىيىتىدە قوزغالغان ئۇيغۇرلارغا قارشى كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىش قىلمىشلىرىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ مىللىي توقۇنۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمانخانىدا ياتالماسلىق، ئۆي ئىجارە ئالالماسلىق، تاكسى تۇتالماسلىق، ئاپتوبۇس قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرالماسلىق ئەھۋالىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىچكىرىدىكى بەزى رېستوران، مېھمانخانا ۋە ئاممىۋى سورۇنلارغا «ئۇيغۇرلار قارشى ئېلىنمايدۇ» دېگەن ئېلانلارنىڭ چاپلانغانلىقى ئەيىبلىدى. خىتاي تور بەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھۇجۇم، ھاقارەت ۋە كەمسىتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيا، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورچى» دەپ ئەيىبلىنىپ مېھمانخانىدا ياتالماسلىق، كوچا يايمىچىلىق ھارۋىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش قاتارلىق بىر قاتار كەمسىتىشكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تور ئارقىلىق بۇ خىل كەمسىتىشكە ئالاقىدار نۇرغۇن ھادىسىلەردىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ بولسا، بۇ ئەھۋال مىللىي ئىختىلاپنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن خانىم، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ۋەقەگە چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇ: ھۆكۈمەتنىڭ ئىنكاسى ھەقىقەتەن ئېشىپ كەتتى. قەيەردە ئاشۇرۇۋەتتى؟ ئەگەر سەن شىنجاڭلىقلارنىڭ قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلساڭ، سېنىڭ بىر پىلانىڭ بولۇشى كېرەك. ئەقەللىيسى ئۇلارغا مەلۇم ۋاقىت بېرىپ، ئۇلارنىڭ پويىز بېلىتىنى ئېلىپ بېرىش لازىم. يەنە بەزى ئۇيغۇرلار شۇ يەردە ئاشخانا ئاچقان. ئەگەر ئۇلار يەرلىك بىلەن ياخشى ئۆتۈۋاتقان بولسا ئۇلارنى قايتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر كۆچمە نوپۇس بولۇپ خىزمىتى بولمىسا، ئۇلارنى ئۆز يۇرتىغا ئاپىرىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بىراق، ئۇلارنى كوچىغا ھەيدەپ چىقىرىش قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارنى بۇ سوغۇق ھاۋادا كوچىغا چىقىرىۋېتىش توڭلاپ ئۆل دېگەنلىك. ھۆكۈمەت بۇنداق چېكىدىن ئاشقان تەدبىر قوللانماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن، بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى دۈشمەنلىك كەيپىياتىغا خىتاي ھۆكۈمىتى قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئانالىزچى چېن كۇيدې ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار بۇ خىل كەيپىياتنى توسمايلا قالماي ئاستىرتىن قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھازىر تەرەققىي قىلىپ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈسىنى ئېلىپ، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق پەيدا قىلدى. بۇ ئىنتايىن ئاقىلانە بولمىغان سىياسەت. ئۇ بىر جەھەتتىن، دۇنيا ئېقىمىغا زىت، يەنە بىر جەھەتتىن، خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىش، ئۆز ئارا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ يىراقنى كۆرەرلىك ئەمەس. چۈنكى بولمىدى دېگەندە ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار كەلگۈسى بىرگە ياشىيالايدىغان بىر ئېھتىماللىق قويۇپ قويۇش كېرەك. سەن ھەر ئىككى خەلققە تەڭ باراۋەر، ئادىل ۋە مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغاندا ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىق بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسى جۇڭگودىكى ئەڭ ئۆتكۈر مىللىي زىددىيەتكە ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا، جۇڭگو بۇ مەسىلىنى باشقىدىن ئويلىشى كېرەك.
چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى مەغلۇپ بولغان، ئۇنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي ھازىرقى ھالەتنى داۋاملاشتۇرۇشى ئىنتايىن خەتەرلىك. ئۇ: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى بولۇپمۇ يېقىنقى 20 دىن بۇيانقى سىياسىتى، ئەلۋەتتە بۇرۇنقى سىياسىتىدە نۇرغۇن مەسىلە بار ئىدى. بىراق،يېقىنقى 20 يىللىق سىياسىتى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى. ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدىكى مىللىي زىددىيەت بارغانچە ئۆتكۈرلىشىپ ھەل قىلىش قىيىنلىشىپ كەتتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە، مەدەنىيەت، تىل ۋە ئەنئەنىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش تەلەپلىرىنى «بۆلگۈنچىلىك» دەپ بېكىتتى. ئەگەر توقۇنۇش پارتلاپ ئۇيغۇرلار قىلغان بولسا «تېررورلۇق» دەپ ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال مىللىي مۇناسىۋەتنى،بولۇپمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتتى. بۇ ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىشى ئىنتايىن خەتەرلىك.
ئۇ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشى كېرەك؟
چېن كۇيدې قارىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي، تىلى، ئەنئەنىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئاپتونوم ھوقۇقىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى نېگىزلىك ھوقۇقى.
بىراق، خې چىڭليەن خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈگۈنى قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باغلىق ئەمەس، بەلكى خەنزۇ كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە باغلىقتۇر.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭ مەسىلىسى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بىلەن تەڭشىگىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. مېنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالەمدە مەيلى شىنجاڭ مەسىلىسى بولسۇن، مەيلى شىزاڭ مەسىلىسى بولسۇن، بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى زور كۆلەملىك كۆچمەنلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادى بوستانلىق ئىگىلىكى. بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيىسى ئىنتايىن ئاجىز. سۇ بار يەرلەر پارچە-پارچە بوستانلىقلار. بۇ بوستانلىقلار زور كۆلەملىك كۆچمەنلەر كۆچۈپ كىرىپ ئولتۇراقلىشىشتىن بۇرۇن ئۆز ئۆزىنى ئاران قامدايتتى. تۇرپانغا ئوخشاش بەزى رايونلار كارىز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى قامداپ كەلگەن. بۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا بۇ خىل تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلغان.
خې چىنليەن خانىمنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەنزۇ كۆچمەنلەرنى كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىپ بايلىق ئېچىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان.
ئۇ: شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى خاتالىقنى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭ بىرىنچىسى، شىنجاڭغا زور كۆلەملىك خەنزۇ كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈش. بۇنىڭدا پەقەت ئىقتىسادى ئۈنۈملا كۆزدە تۇتۇلۇپ، شۇ جاينىڭ مەركەزگە بولغان ساداقىتىنى كۈچەيتىش نىشان قىلىنغان. بىراق، ئۇ جاينىڭ ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى كۆزدە تۇتۇلمىغان. بۇ نەتىجىدە، ھازىرقى شىنجاڭ ئېكىلوگىيەسىنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قۇملىشىش كۆلىمى كېڭىيىپ، رايوننىڭ نوپۇسى ۋە بايلىقىدا ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلغان.
خې چىڭليەن خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر ئورتاق نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل ئورتاق نۇقتىلارنىڭ بىرى كۆچمەنلەرنى ئازايتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش بوشلۇقىنى داۋاملىق تارايتماسلىقتۇر.
ئۇ: بۇ نۇقتىدا بىرلىككە كېلىنسە، ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك ئۇنداق شىددەتلىك قارشىلىق كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن، دېدى.