يېشىللار پارتىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋالتېر ئەپەندىنىڭ باياناتى شىۋېتسىيەدە مۇنازىرە قوزغىدى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەدىكى 3-چوڭ پارتىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋالتېر ئەپەندى يېشىللار پارتىيىسىگە ۋاكالىتەن 8-ئاۋغۇست قىلغان شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىلىشكە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يول قويۇشىنى ھەمدە يەر ئاستى تۈرمىلەردە ئېغىر تەن جازاسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى توختىشىشىنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى باياناتى شىۋېتسىيەدە مۇنازىرە قوزغىدى.

ۋالتېر ئەپەندى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ:
‏- يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز. بىز يېشىللار پارتىيىسى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرھال ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىپ، ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قاراماي شەھىرىدە خىتاي دائىرىلىرى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاپتوبۇسقا چىقارماسلىق چەكلىمىسى، شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ئېغىر كەمسىتىش سىياسىتى بولۇپ، دەرھال توختىتىلىشى كېرەك.

بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا نەچچە يۈزلىگەن تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەر ئاستى تۈرمىلەرمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇ يەردىكى يەر ئاستى تۈرمىلەردە قەبىھ قىيناش ئۇسۇللىرىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار جېنىدىن ئايرىلماقتا. خىتايدىكى يەر ئاستى تۈرمىلەردە قەبىھ قىيناش ئۇسۇللىرىدا قانچىلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەخپىي تۇتۇلماقتا.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن بۇ باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدا، شۋېتسىيە-ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئوينىغان مۇھىم رولىنى ئەسكەرتتى ۋە بايانات ئېلان قىلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت يەكەن قىرغىنچىلىقىنىڭ شىۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە شىۋېتسىيە مەتبۇئاتىدا كەڭ دائىرىدە يەر ئېلىشى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە، سىياسىي پارتىيىلەرگە ۋە شىۋېتسىيە خەلقىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇللا ئەھەد «ۋالتېر ئەپەندىنىڭ باياناتى شۋىت خەلقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بايانات بولغاچقا، شىمالىي ياۋروپا ئەللىرىدە غۇلغۇلا قوزغىدى» دەپ كۆرسەتتى.