خوتەندە چېن يۈەنخۇا ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردىكى زوراۋانلىقلار

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.10.05
chen-yuenxua-yighin-xoten-din-hijab-romal-yaghliq.jpg خوتەن شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى چېن يۇەنخۇا يۈزىنى ياپقان ئاياللار سانىنى 0 گە چۈشۈرۈش ئۈچۈن چارلاش خادىملىرىنى كۆپەيمەكچى. 2014-يىلى 13-يانۋار، خوتەن.
hts.gov.cn

خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن يۋەنخۇانىڭ پارتىيىدىن چىقىرىلىشى ۋە خىزمىتىدىن توختىتىلىشىغا، ئۇنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرى، يېقىنلىرىغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىقلاردىن باشقا تۇرمۇش ئىستىلىدىكى بۇزۇقچىلىقلىرىمۇ سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، خوتەن شەھەر پارتكوم سېكرىتارى بولغان چېن يۇەنخۇا، ئەر، خەنزۇ، سىچۈەننىڭ سەنتەي شەھىرىدىن، 1965 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، 1982 - يىلى 10 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985 - يىلى 5 - ئايدا پارتىيىگە كىرگەن.

1982 - يىلى 10 - ئايدىن 1988 - يىلى 5 - ئايغىچە شىنجاڭ 36145 - قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.

1989 - يىلىدىن باشلاپ 2006 - يىلغىچە يەنە قەدەممۇ - قەدەم خوتەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان. ئارقىدىن خوتەن ناھىيىلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2006 يىلى 5 - ئايدىن 2011 - يىلى 7 - ئايغىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى (ناھىيە دەرىجىلىك) بولغان.

2011 - يىلى 7 - ئايدىن 2013 - يىلى 12 - ئايغىچە، لوپ ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى بولغان.

2013 - يىلى 12 - ئايدا، خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.

خوتەن پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان جەرياندا ئۇ، بولۇپمۇ دىنىي تۈسنى سۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا قوللانغان ئالاھىدە قاتتىق قول چارىلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان. ئۇ خوتەن شەھەر مەمۇرلىرىغا - 2014يىللىق خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، «خوتەن ئەرەبىستانغا ئوخشاپ كېتىپتۇ، بۇنداق كىينگەنلەرنى يوقىتىش كېرەك، خوتەن ۋىلايىتىدە بىرمۇ ئورانغان قىز - ئاياللارنى قويمايمەن» دەپ جاكارلاپ، كوچىلاردا ھىجابلانغانلارنى، ساقال قويغانلارنى بايقىغان ھامان، ھىجاپلىرىنى، ساقاللىرىنى ئېلىشقا بۇيرۇق بەرگەن ھەمدە بۇنىڭ مەخسۇس ئورالغان ۋە ساقال قويغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش ئۈچۈن 10 دانە ساقچى ئاپتوموبىلى ئاجرىتىپ تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغانلىقى ئاشكارىلانغان. چېن يۇەنخۇا ھوقۇق تۇتقان مەزگىللەردە ئىلگىرى رادىيومىزغا خوتەن خەلقى يەنە، ئۇنىڭ مۇقىملىقنى چۆرىدەپ باشقۇرۇشنى ئالاھىدە كۈچەيتىش ھەققىدە تەدبىرلەر ئېلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

خوتەن خەلقى ئىلگىرى، ئۇ خوتەن پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان مەزگىللەردە، دائىرىلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ خوتەن شەھىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش دېگەندەك تۈرلۈك باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ يەرلىك خەلقنىڭ يەر - زېمىنلىرىنى مەجبۇرىي ئەرزان باھادا تارتىۋالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى قاقتى - سوقتى قىلىپ تارتىۋالغان جايلارغا خىتايلارنى يۆتكەۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى. شۇنداقلا يەنە، ئۇنىڭ نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرگە بولسا ھەر خىل بوھتانلارنى ئارتىپ تۈرمىگە مەھكۈم قىلغانلىقىمۇ مەلۇم بولغان ئىدى.

يەنە بىر خوتەنلىك ئايالمۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان خوتەندە دوختۇرخانا، ئاممىۋى قاتناش ۋە باشقا ھەر قانداق ئاممىۋى سورۇنلار ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدا بىردەك ھىجابلانغان، جىلباب كىيگەن ئاياللارنى قوبۇل قىلماسلىق، مۇلازىمەت قىلماسلىق ھەمدە بايقىغان ھامان شەخسى ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە يەتكۈزۈشتەك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىنكاسلاردىن چېن يۈەنخۇانىڭ بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلغانلىقى مەلۇم.

چېننىڭ سايىسىدە بىر قانچە يىل ئىلگىرى خوتەنگە كېلىپ خەلقئارا ساياھەتچىلىك شىركىتى قۇرۇۋالغان جىن فامىلىلىك خىتاينىڭ سۆزلىرىدىنمۇ ئۇنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يۇرتلۇقلىرى ۋە چۆپقەتلىرىگە ھەر خىل قولايلىقلارنى يارىتىپ، يېقىنلىرىنى يۆلەپ ئېغىر دەرىجىدە خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان ئىدى.

خوتەندە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇۋاتقان شارائىتتا، ھەر يىلى خىتايدىن كېلىدىغان ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىر تۈركۈملىرى ئىشلەمچى بولۇپ يۇرتلىرىدىن باشقا يۇرتلارغا يۆتكەلسە، بىر قىسمىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ تۆت پەسىل ھاشاغا ھەيدەلگەنلىكىمۇ مەلۇم بولغان ئىدى.

ئىككى يىل ئىلگىرى خوتەن شەھىرىنى چاڭگىلىغا ئالغان چېن يەنە خوتەندە قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىمۇ ئالاھىدە زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغان. پەقەت سىياسەتنىلا ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتكەن، ئىلمىي بولمىغان خاتا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا، ئانىلاردىمۇ نارازىلىق ۋە ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

بۇ يىل 4 - ئايدىن باشلاپ خوتەندە يەنە پارتىيە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دېھقانلاردىن مۇقىملىق، قوغدىنىش ھەققى يىغىشقا باشلىغان، دېھقانلارنى كۈچلۈك نارازى قىلغان بۇ خىل قوغدىنىش پۇلى يىغىشتىن ئىبارەت قانۇنسىز سېلىق داۋام قىلغان دەۋر، چېن يۇەنخۇانىڭ خوتەندە دەۋر سۈرگەن پەيتلىرى ئىدى.

يېقىنقى يىللاردا رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنى 19 خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە تېز سۈرئەتتە ئېچىشىغا قويۇپ بەرگەندىن بۇيان، خوتەنگىمۇ ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىندى، توختاۋسىز قۇرۇلۇۋاتقان زاۋۇت، كارخانىلاردىكى ئىش پۇرسەتلىرىدىن ئۇيغۇرلار يەنىلا يىراق قالدۇرۇلماقتا. خىتاينىڭ كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەش ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەش سىياسىتى يەنىمۇ سىستېمىلاشتى، كۈچەيتىلدى. شەھەر قۇرۇلۇشى، كارخانا قۇرۇلۇشلىرى، بايلىق ئېچىش سىياسەتلىرى داۋامىدا ئۇيغۇرلار يۇرت - ماكانلىرىدىن قوغلانماقتا، كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىنماقتا، ئەكسىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىگە يەنىمۇ كەڭرى ئېتىبار سىياسەتلىرى يولغا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن خوتەندە قوغدىلىشقا تېگىشلىك ئاسارە - ئەتىقە، قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى، چەكلىك مەدەن بايلىقلىرى، خوتەن قاشتېشى، مىللىي دورىگەرلىككە ئوخشاش يەرلىك مىللي ئىگىلىكلىرىگىچە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

سۇمۇرغ تېلىۋىزىيىسى چېن يۈەنخۇانى، ئۇ تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى زىيارەت قىلغاندا ئۇ «بىز مۇقىملىقنى چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، شەھەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەرنىڭ ئوبرازىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. مۇقىملىق خىزمىتى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئۇزاق ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى تۇتىمىز، نۆۋەتتە مۇھىمى يەنىلا مۇقىملىقنى تۇتىمىز» دېگەننى قايتا - قايتا تەكىتلىگەن.

ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، چېن يۇەنخۇانىڭ خوتەندىكى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرلىرى ۋە قاتمال سىياسەتلىرى ئەمەلىيەتتە دېھقانلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ، مۇقىمسىزلىق يارىتىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.