ياپونىيەدە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيە پايتەختى توكيودىكى ئەڭ ئاۋات رايونلارنىڭ بىرى بولغان شىنجۇكۇ پويىز ئىستانسىسى ئالدىدا 1-ئىيۇل كۈنى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

توكيو ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلىرىدىن كېلىپ توپلانغان ئۇيغۇر جامائىتى بىر قىسىم يەرلىك ياپونلار ۋە تۈرك قېرىنداشلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 1-ئىيۇل كۈنى شىنجۇكۇ پويىز ئىستانسىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ قاتناشقان بىر قېتىملىق نامايىش ھېسابلىنىدىكەن. قوللىرىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «تېررورچى خىتاي» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ئەتراپنى لەرزىگە سالغان.

نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىش جەريانىدا ياپونىيەدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن نامايىشقا قاتناشقانلىرىنى، بىر قىسىم ياپون ۋە تۈركلەرنىڭمۇ نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئارسلان ئونئۇيغۇر ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ئادەم سانى كۆپ، بولۇپمۇ ياپونىيە تارىخىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ قاتناشقان نامايىشلارنىڭ بىرى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇمكى، ياپونىيە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغان پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى نىسبەتەن ئاز بولۇپ كەلگەن دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئارسلان ئونئۇيغۇر ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئارسلان ئونئۇيغۇر ئەپەندى بۇ قېتىم ئۆز ئوغلىنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىپ نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى، «5-ئىيۇل ۋەقەسى‏» مەزگىلىدە تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ بۇ يىل 9 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر دەۋاسىدا كۈتكەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى مىللىي روھ بىلەن تەربىيەلىشى زۆرۈرلۈكىنى، ھەر ساھەدە ئوقۇغان ھەم ئىختىساسلىق ھەم ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر ئەۋلادنىڭ يېتىشىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى، مۇشۇنداق قىلغاندىلا مۇھاجىرەتتىكى، بولۇپمۇ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئەرلەردىن باشقا يەنە كۆپ ساندىكى بالىلار ھەم ئاياللارمۇ قاتناشقان. شىنجىكو پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداننى ئۇزۇنغىچە شوئار سادالىرى بىر ئالغان. جەۋلان قىلىپ تۇرغان قانچىلىغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقلار ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ياشلار يولدىن ئۆتكەن-كەچكەن ياپونلارغا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى» ۋەقەسى توغرىسىدا ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتقان ۋە ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت