ياپونىيەنىڭ ناھا شەھىرىدە ئۇيغۇر ۋە ياپونلار بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016-10-31
Share
yaponiye-namayish-turmemet.jpg ياپون ۋەتەنپەرۋەرلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن خىتايغا قارشى قىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 29-ئۆكتەبىر، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

29-ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ناھا شەھىرىدە ياپون ۋەتەنپەرۋەرلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

28-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ناھا شەھىرىدە باشلانغان «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، مەزكۇر شەھەردىكى تارىخىي جاي ھېسابلىنىدىغان شۇجىرو قەلئەسىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ۋە ياپونلار بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىش ناھا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئوكىناۋانىڭ 6-قېتىملىق ئۇچىنانچۇ بايرىمى كۈنىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان خىتايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

نامايىش شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت ئون يېرىمدىن ئون ئىككى يېرىمغا قەدەر ئىككى سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، نامايىشقا بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پروفېسسورلىرى ۋە ناھا شەھىرىدىكى ئانىلار ۋەكىلى، 80 ياشلىق موماي نوخارا خانىممۇ قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت