ياپونىيەنىڭ ناگائوكا شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى

0:00 / 0:00

9-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە نىگاتا ئۆلكىلىك ئىنسان ھەقلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نىگاتا ئۆلكىسىنىڭ ناگائوكا شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.

مەزكۇر پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

دوكلات بېرىش پائالىيىتى ناگائوكا شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش دوكلاتىغا ناگائوكا شەھىرىدىكى ھەرساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشقان. دوكلات چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئۈچكە قەدەر ئىككى سائەت داۋاملاشقان.

دوكلاتتا دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۇيغۇر ئېلى 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيانقى ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن لۈكچۈن ۋەقەسى، خوتەن خانئېرىق ۋەقەسى ۋە يېقىندا پوسكامدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي توختالغان.

دوكلاتتا دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم دوكلاتقا قاتناشقۇچىلاردىن تىزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن بوھتان بىلەن «قانۇنسىز ئىئانە يىغىش جىنايىتى» بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق ئانا تىل مائارىپىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوغلانلارنى تىزدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلات ئاخىرىدا دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم دوكلاتقا قاتناشقان ئىنسان ھەقلىرىنى قوللىغۇچى كىشىلەردىن توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا فاكس ۋە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق بۇ مەسىلە ئۈستىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشىنى سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىز مەزكۇر دوكلات توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.