15-ئۆكتەبىر توكويودا چاقىرىلغان ياپونىيە ئاسىيا ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىن توكيودىكى مىناتو رايوندىكى ت ك پ ئىقتىساد-سودا بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمدىن كەچ سائەت بەش يېرىمغا قەدەر داۋام قىلغان.
يىغىنغا توكيودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسىيا ئەللىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم ئاسىيا مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ياپونلار ئىشتىراك قىلغان.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماخمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «ئاسىيا ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلىكى»تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى بۇ يىغىنغا توكيودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان. يىغىندا ئالدى سابىق ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن سىگىتا خانىم سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ياپونىيە دۆلىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ بەزى تەھدىتلىرى ئۈستىدە توختالغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى پىما گارپۇر يىغىندا ئۆزىنىڭ ئاسىيادا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاسىيادىكى بارلىق مىللەتلەنرىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنلىكى، شۇنداقلا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيانىڭ دېموكراتلىشىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
يىغىندا سۆز قىلغان ياپونىيە ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماخمۇت نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورىزمغا باغلاپ تۇرۇپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، كەڭ ياپون خەلقىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتلارىدىكى تېررورىزم ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتىنى توغرا پەرق ئېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئىلھام ماخمۇتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يىغىندا سۆز قىلغان تىبەت ۋەكىلى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي دېموكراتىيىگە ئىگە بولغان خىتاي دۆلىتىنىڭ تېزراق قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا ئەركىن، تولۇق ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تىبەتنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا يەنە ياپونىيەدىكى جەنۇبىي موڭغۇل ئەركىن بىرلىكى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى ئۇلخۇنۇد دايچىنمۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن دوكلاتىمدا يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالغان موڭغۇل مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىگە دۇنيا جامائىتىنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە بۇ ئىشقا دىققەت قىلىشنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن بىرگە نۆۋەتتىكى موڭغۇللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىپ ئۆتتۈم».
ئىلھام ماخمۇت يىغىندا يەنە ئۆزىنىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتۈدىغان بەزى تىلەكلىرى توغرىسىدىمۇ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەن.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي دېموكراتلىرى بولسا خىتايدا ئالدى بىلەن ئەركىن، دېموكراتىك خىتاي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققاندىلا ئاندىن خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇق مەسىلىلىرىنى خەلقارا نىزاملار بويىچە ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو يىغىن ھەققىدە توختىلىپ: «يىغىندا ئاساسلىقى ئاسىيادا ئەركىنكلىك ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كەلتۈرۈۋاتقان ئېغىر زىيانكەشلىكلىرى توغرىسىدىمۇ بەزى بىر قاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلدى ۋە بۇ ھەقتە بەزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەسكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى ئورنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇلۇشى كېرەكلىكىنىمۇ تەكىتلىدى» دېدى.
ياپونىيە ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، شۇ كۈنى ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن «ساكۇرا»ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قانىلى نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئالغان ۋە بىر قىسىم زھۇرناللىستلار يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.