ياقائېرىق پىداىيلىرىدىن ئازادەم نۇر ئاقسۇ شەھىرىدە، ئابلىز ئابلا ئاق گۈمبەز كەنتىدە ئەسىرگە چۈشكەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.02.24
bay-nahiyisi-tutush-buyruqi.jpg باي ناھىيىسىنىڭ ياققا ئېرىق يېزىسى ۋەقەسىدىكى گۇماندارلارنى تۇتۇش بۇيرۇقى
RFA/Ihsan


17 - فېۋرال باي ياقائېرىق ۋەقەسىدە ساقچى باشلىقى قاسىم ئىمىرنىڭ قولىدىكى قورالنى ئېلىپ قاچقان ئەر - ئايال پىدائىيلاردىن ئابلىز ئابلا ۋە ئازادەم نۇر ۋەقەدىن ئۈچ كۈن كېيىن ئەسىرگە چۈشكەن؛ مەلۇم بولۇشىچە ئابلىز ئابلا ياقېرىق يېزىسىنىڭ ئاق گۈمبەز كەنتىدە، ئازادەم نۇر ئاقسۇ شەھىرىدىكى كونا ئايروپلانخانا دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاھالىلەر رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

ياقائېرىقتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە رول ئالغان پىداىيلارنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق - تۇققانلىرى ۋە دوستلىرى بولۇپ ياقئېرىق بويىچە ئاز دېگەندە يۈزگە يېقىن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. يەنە ئاشكارىلىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ ئارىسىدا ياقائېرىقتا ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن رۇستەم روزى، ئەھەت مامۇت قاتارلىقلارمۇ بار. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.