«ياۋا كەپتەر» ناملىق رەسىملىك كىتاب ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشتىكى ئۆزگىچە كۆزنەك
2015.04.17
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 10 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﺎﺵ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺵ ﻧﯘﺭﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﻳﺎﺳﯩﻨﻨﯩﯔ "ﻳﺎﯞﺍ ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ.
ئامېرىكىلىق فوتوگراف كارولىن درېيكنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى رەسىملىك كىتابى ئامېرىكىدا نەشردىن چىققاندىن كېيىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ كىتابقا قاماققا ئېلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمەمەت ياسىننىڭ «ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئوخشاش ئىسىم بېرىلگەن بولۇپ، كىتابقا يەنە نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئەسىرىدىكى جۈملە، ئابزاسلار ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىھالى كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر رەسىملىك كىتاب «نيۇيورك كىتاب باھالاش» ژۇرنىلى ۋە مۇھاپىزەت ژۇرنىلىدا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا پەرقلىق بىر نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكىلىق فوتوگراف كارولىن دريېك 2007 - يىلى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان، ئۇ شۇندىن كېيىن نۇرغۇن قېتىم ئۇيغۇر ئېلىغا قايتا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مەنزىرىلەرنى، ئادەملەرنى، ئۇ يەردىكى كۈندىلىك ھاياتنى، تەبىئىي شارائىتلارنى سۈرەتكە ئالغان. ئۇ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە تىرىشقان. ئۇ شۇنداق قىلىپ 7 يىل ئارىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ ئۆزگىچە بىر دىياردىكى ئۆزگىچە شارائىتلاردا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «ياۋا كەپتەر» ناملىق رەسىملىك كىتابىنى يورۇقلۇققا چىقارغان. دىققەت قوزغايدىغان يېرى بولسا، كىتابقا بېرىلگەن ياۋا كەپتەر دېگەن ئىسىم دەل تۈرمىگە ئېلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمەمەت ياسىننىڭ ياۋا كەپتەر ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان. ئەسەردىكى جۈملىلەر، رەسىملەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەندۈرۈشكە ئىشلىتىلگەن.
ئۇ كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدە، ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىغا بارغاندا ناھايىتى ھەيرانلىق ھېس قىلغانلىقىنى، بۇ يەردىكى مەنزىرىلەرنىڭ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ئۆزىگە تولىمۇ ئۆزگىچە بىلىنگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ دىيارغا قايتا - قايتا كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئەنگىليىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ياۋا كەپتەر ناملىق رەسىملىك كىتابتا يەر ئالغان سۈرەتلەردىكى ئۆزىگە تەسىر قىلغان نۇقتىلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
يازغۇچى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا قەشقەردىكى قەدىمىي ئۆيلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى جىددىي سىياسى ئاتموسفېراغا شاھىت بولغان بولۇپ، ئۇ كىتابىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئۇ يەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت، مەن بىلەن كىشىلەر ئارىسىغا بىر توساق پەيدا قىلىپ قويدى. بۇ جىددىيلىك كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بىر قورقۇنچتىن يەنى ياۋا كەپتەر پەيدا بولدى، دېگەن قورقۇنچتىن كېلىپ چققان ئىدى» دەپ يازغان.
«نيۇيورك كىتاب باھالاش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاساسەن دېگۈدەك «بېسىم» ۋە «ئەنسىز» دېگەن سۆزلەر بىلەنلا تىلغا ئېلىنىدىغانلىقى، ياۋا كەپتەر ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ بولسا، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى پەرقلىق بىر نۇقتىدىن چۈشىنىشىمىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ «بۇ كىتاب ھەم گۈزەل ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان بىر ياخشى كىتاب» دەپ باھا بېرىلگەن.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار كۆپىنچە مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلسىنىڭ پەقەتلا دىنىي بېسىم بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بىلەن يوق قىلىنىۋاتقان قەدىمىي بىر مەدەنىيەتنىڭ، تەبىئىي بىر ھاياتنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇڭا ئۇ بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈشتە كىتابنى ياخشى رول ئوينايدۇ، دېدى.
ياۋا كەپتەر ناملىق بۇ رەسىملىك كىتاب ھەققىدە ئەنگىلىيىدە نەشردىن چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىمۇ مەخسۇس خەۋەر بەرگەن ئىدى. خەۋەردىمۇ مەزكۇر كىتابنىڭ، بېيجىڭدىن 2000 ئىنگىلىز مىلى ئۇزاقلىقتا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى سىياسىي ئانالىزلاردىنلا ئەمەس، بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرىدىن كۆرۈش ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر كىتابلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەزىز ئەيسا ئەپەندى چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى مەدەنىيەت - سەنئەت ئارقىلىق تونۇتۇشتىن ئىبارەت بىر بوشلۇقنىڭ تولدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، بۇ جەھەتلەردىكى پائالىيەتلەرنىڭمۇ كۈچلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.









