يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا ۋەقە يۈز بەردى، بىراق ساقچىلار جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.07.29
yeken-tutush-buyruqi.png يەكەن ساقچى ئىدارىسىنىڭ 127 ئۇيغۇرنى تۇتۇش تىزىملىكى
RFA/Qutlan


ئىنكاسلارغا قارىغاندا، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا 28 - ئىيۇل ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت ئونلاردا ئۆتكەن يىلى 28 - ئىيۇلدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى ئۆلتۈرۈلگەن بىر قىسىم ئائىلىلەر يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، ۋەقەدە قەتلىئام قىلىنغان ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ھۆكۈمەتنىڭ يەكۈن چىقىرىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ ساقچىلار ئۇلارنى قولغا ئالغان.

بىز مەزكۇر يىپ ئۇچىغا ئاساسەن يەكەن ناھىيە ئېلىشقۇ يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياردەمچى ساقچى ھازىر ساقچىخانىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياردەمچى ساقچىلار ئىكەنلىكىنى، رەسمىي ساقچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا كەتكەنلىكىنى ياكى ئارام ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

بىز شۇنىڭ بىلەن، ئېلىشقۇ يېزىسىغا يېقىن جايدىكى پېڭچېڭ مېھمانخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، خىتاي كۈتكۈچى قىز يەكەن ۋەزىيىتىنىڭ ئانچە خەتەرلىك ئەمەسلىكىنى، شۇنداقتىمۇ 24 سائەت چارلاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە ئېلىشقۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن ئۆزلىرىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز بۈگۈن يەنە داۋاملىق ھالدا ئېلىشقۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم يەكەن ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ئورۇنلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، دائىرىلەر سوئاللىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، ئېلىشقۇ يېزىلىق ساقچىخانا ۋە پېڭچېڭ مېھمانخانا خادىملىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىمىزدە بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.