يېقىندا يەرلىك دائىرىلەر رادىيومىزغا قەشقەرنىڭ ئۆزىدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» غا ئاز دېگەندە 120 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ سولانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ سانلىق مەلۇمات خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىدىن «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى پەيشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتنى ئىشەنچلىك دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى رادىيومىزنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ماۋزېدۈڭ دەۋرىدىكى سىياسىي ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ ئورۇنلارنىڭ پۈتكۈل رايوننى قاپلاپ كەتكەنلىكى، شارائىتى قىستا-قىستاڭ ھەم مەينەتچىلىككە تولغان بۇ لاگېرلارنىڭ تۇتقۇنلار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق خادىمى مايا ۋاڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشىش مۇمكىن بولسىمۇ، بىراق قەشقەردىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئۆزىدىلا 120 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىشەنچلىك، دېيىشكە بولىدۇ، دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى»دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى.«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى مايا ۋاڭ نوپۇسى 22 مىليونلۇق ئۇيغۇر رايونىدا 800 مىڭدەك كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە يېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن مايا ۋاڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا، «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى «كىشىلەر داۋاملىق كىرىپ تۇرىدىغان، ئەمما ھېچكىم چىقالمايدىغان قارار ئۆڭكۈرگە ئوخشايدۇ،» دېگەن.
كانادادىكى خىتاي ئۆكتىچى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شېڭ شۆ خانىم، «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ناتسىستلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئوخشىتىپ، ئۇنىڭ پەرقى «بۇ لاگېرلاردا پەقەت سىياسىي زەھەرلەش ئېلىپ بارىدۇ،» دېدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىل ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نى قۇرۇشى ماڭا دەرھال ئەينى يىللاردىكى گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ گاز بىلەن زەھەرلەش ئۆيلىرىنى ئەسلىتىدۇ. بەزى گاز بىلەن زەھەرلەش ئۆيلىرىدە كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ، دېيىشى مۇمكىن. لېكىن كومپارتىيەنىڭ ھازىرقى ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› كىشىلەرنى سولاپ، كاللىسىنى يۇيىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۈنۈمى ئوخشاش. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى بۇ لاگېرلارغا سولاپ، ئۇلارنى كومپارتىيە ئارزۇ قىلغان، كومپارتىيە ئۈمىد قىلغان كىشىلەر قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ. ئەگەر بۇ كىشىلەر بىر كۈنى ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دىن چىقسا، ئۇلا ھەرگىز بۇرۇنقى كىشىلەر بولالمايدۇ. ئۇلار ئىدىيەۋى-ئاڭ، ئوي-پىكىر ۋە ئىش ھەرىكىتىدە خىتاي كومپارتىيەسى ئارزۇ قىلغان شەكىلگە ماسلىشىدۇ. شۇڭا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› سىياسىي زەھەرلەش ئۆيىدۇر.»
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولىشىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ كەلدى. ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىدىكى ئەڭ زور تەسىرى، تۇتقۇن قىلىنىپ بۇ ئورۇنلارغا سولانغان كىشىلەر بەك كۆپ. ئەگەر سىز بەزى رايونلاردا نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتىنى مىڭلىغان كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ سولىسىڭىز، بۇ ھەر ساھەگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەسىرىگە كەلسەك قايسى دۇكان، قايسى رېستوراننىڭ قاچان ئېچىلىشى شۇنىڭغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ. بىر ئائىلىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولغان بىر كىشىنى ئېلىپ كېتىپ سولاپ قويسىڭىز، ئۇنىڭ بۇ ئائىلىسىگە تەسىر قىلىشى مۇقەررەر. ھازىر بۇ ئەھۋال يۈز بېرىۋاتىدۇ. بەزى ئائىلىلەردە ئاتا-ئانا ھەر ئىككىلىسى تۇتقۇن قىلىنىپ، بالىلار قارانچۇقسىز قالىدىغان ئەھۋاللار بارلىققا كەلدى.»
ساراھ كۇك خانىم يەنە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى كىشىلەرنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ تەن جازالىرىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
سارا كۇك خانىم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، بۇ ئورۇنلار قانۇندىن ھالقىغان تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدۇر. بۇ ئورۇندىكى كىشىلەر پۈتۈنلەي خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلا ئۆزلىرىنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇنداقلا ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلغان كىشىلەر ئەمەس. بۇ ئورۇنلار خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا خىلاپ، ئۇلار خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنىڭ تىپىك مىساللىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ خىل ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› كىشىلەرنى خارلاش ۋە تەن جازاسى بېرىشنىڭ يولىنى ئاچىدۇ. شۇڭا، بۇ ئورۇنلار خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خىتاي ئۆزى قول قويغان خەلقئارا تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگىمۇ خىلاپ.»
ئۇيغۇر ئىلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە يېتىپ چىققان بەزى گۇۋاھچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ لاگېرلار ھەربىي تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، لاگېردا خىتاي تىلىنى ئىشلىتىشى، ھەپتىدە بىر قېتىم مۇنچىغا كىرىشى، ئاغرىپ قالسا ئۆزىنىڭ پۇلىدا داۋالىنىشى، ھەر كۈنى كەچ سائەت 12 دە ئۇخلىشى، ئەتىگەن سائەت 6 دە قوپۇشى، ھەر كۈنى بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىشى ۋە دۆلەت شېئىرى ئوقۇشى شەرت ئىكەن. كۈندىلىك پائالىيەتلەردە، ھەر كۈنى قانۇن-سىياسەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرسلىرىگە قاتنىشىپ، قىزىل ناخشا ئوقۇشى، خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە، شى جىنپىڭغا تەشەككۈر شوئارىنى ئۈنلۈك ئوقۇش شەرت ئىكەن.
شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە خەلقئارا جامائەت ۋە خىتاي جەمئىيىتى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەككەن. بولمىسا، بۇنىڭ نەتىجىسى ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىكەن.
شېڭ شۆ خانىم يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە دىققەت قىلىشنىڭ، ئۇلارغا ياردەم قىلىشنىڭ يەنە ئىككى خىل يولى بار. ئۇنىڭ بىرى، خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى خەنزۇ خەلقى. يەنە بىرى، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم بۇ مەسىلىدە ئورنىدىن دەس تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا كۆز يۇمسا، بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۇيغۇرلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. چۈنكى، خىتاينىڭ ھازىرقى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىق شەكلى خىتاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ بولدى. ھازىر بىز ھېچقانداق بىر رايوننى يالغۇز دېيەلمەيمىز. خىتاينىڭ زور نوپۇسى، ئىقتىسادى، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىلمىي ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتلەردىكى كۈچى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە يېتىپ باردى. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇنىڭ زوراۋان ھەرىكىتىنى توسمىسا بەك كېچىكىدۇ.»
شېڭ شۆ يەنە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە خىتاي جەمئىيىتىنىڭ قارشى چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، «ئەگەر خىتاي جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىگە دىققەت قىلمىسا، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە قانۇننى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرىشىدە ئىنتايىن زور توسقۇنلارغا ئۇچرايدىكەن.»
ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالە شۇ كۈنى يەنە ئەنگلىيەنىڭ «خەلقئارا سودا ۋاقتى» گېزىتىدە كۆچۈرۈپ بېسىلدى. «خەلقئارا سودا ۋاقتى» گېزىتى بۇ خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «ساقچى دۆلىتى» دەك باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى، «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى ئەيىبلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
0:00 / 0:00