خىتاي ساقچىلىرى تۇتقۇندىكى ناخشىچى زاھىر شاھنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاكىسىنى ئۆزلىرى بىلەن «ھەمكارلىشىش» قا دەۋەت قىلغان

0:00 / 0:00

ئاتۇشتا لاگېردا سولىنىپ ياتقان تالانتلىق ناخشىچى زاھىر شاھنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئاكىسى ئابدۇۋارىس ئۆتكەندە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۇتقۇندىكى ئىنىسى ۋە ئاتا-ئانىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئابدۇۋارىس بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان ۋە شۇنداق قىلسا ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنىڭمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار سۆھبەت داۋامىدا ئابدۇۋارىستىن «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇۋارىس ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئابدۇۋارىسقا ئۆزلىرىنىڭ كونكرېت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئابدۇۋارىس ئابلىمىت تۇتقۇندىكى ئىنىسى زاھىرشاھ، دادىسى ئابلىمىت ۋە ئانىسى بۇخەلچەملەرنىڭ لاگېردىكى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئاتۇشتىكى ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلغان. ساقچىلار ئابدۇۋارىسنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىندىشىغا بولغان مېھرى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى بىر ئاجىزلىق دەپ پەرەز قىلىپ ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلغان.

ئابدۇۋارىس تەمىنلىگەن ئاۋاز خاتىرىسىدە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «سەن ئۇ ئىسمى ئۇلۇغ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، شىۋېيخۇي )دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى( دېگەنلەرگە ئەگەشمە، ئۇلارنىڭ ۋەزلىرىگە ئىشىنىپ كەتمە، بىزگە يېقىن تۇر، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىل. . . . . ئاۋۋال سەن ماڭا ئۆزۈڭنىڭ مەيدانىنى - ۋەتەنپەۋەرلىكىڭنى كۆرسىتىپ باق، بىر جۇڭخۇا پۇقراسى، بىر ئاتۇش پۇقراسى ۋە بىر سۈنتاغلىقتەك ئىش قىپ باق، ئەتراپىڭدىكى دۈشمەنلەرنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ باق، ئەمما تەدبىرگە دىققەت قىل، ئاندىن مەن سەن دېگەن ئىشنى قىلىپ بېرەي. . . . . .»

ئابدۇۋارىسنىڭ بايان قىلىشىچە بۇ ئاتۇشتىكى سۈنتاغ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقىنىڭ سۆزلىرى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ بىر ھەپتە كېيىن، مەمتىلى ئىسىملىكى يەنە بىر خادىم ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەن. ئابدۇۋارىس تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىۋاتقان بۇ خادىممۇ ئابدۇۋارىسنى ياخشى بىر «جۇڭخۇا پۇقراسى» بولۇشقا دەۋەت قىلغان. ئامېرىكا ۋە تۈركىيە ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەسىس قىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاقلىغان.

بىرقانچە ئايدىن بېرى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان ئابدۇۋارىس ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىندىشى زاھىر شاھنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەر تېپىش ۋە خەلقئارا ئاخباراتنى زۆرۈر پاكىتلار بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە خىتاي ساقچىلىرىدىن مەلۇمات سورىغان. خىتاي تەرەپ ئابدۇۋارىسقا ھەمكارلىشىش شەرتىنى قويغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ تەلەپكە كەسكىن ۋە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان. ئابدۇۋارىستىن كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن خىتاي ساقچىلىرى بىر ھەپتىدىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشنى توختاتقان.