8-كۈنى «زىمىستان» تورىدا مەزكۇر تور بېكەتنىڭ دىرېكتورى، ئىتالىيەلىك ژۇرنالىست ماركو رېسپىنتى تەرىپىدىن يېزىلغان «مېنىڭ 10 نەچچە تۇققىنىم غايىب بولدى، ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› نىڭ يەنە بىر قۇربانى روشەن ئابباس» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ماقالىدە ئاپتور ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباسنى زىيارەت قىلىپ، روشەن ئابباسنىڭ 1989-يىلى 5-ئايدا ئوقۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنكى 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. ماقالىدە روشەن ئابباسنىڭ يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغانلىقى بايان قىلىنغان شۇنداقلا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان روشەن ئابباسقا ئوخشاش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ھەتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش نىشانىغا ئايلانغانلىقى بايان قىلىنغان.
روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئۆزىمۇ 9-يانۋار كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە ئاكتىپ خەۋەر بېرىپ كېلىۋاتقان «زىمىستان» تورىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى زىيارەت قىلىشنى تاللىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
روشەن ئابباسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «زىمىستان» تورىنىڭ دىرېكتورى، ئىتالىيەلىك ژۇرنالىست ماركو رېسپىنتى ماقالىسىدە ئۇنىڭغا ئوخشاش 21 يېشىدا ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ مۇھاجىرەتتە 30 يىلدەك ياشىغان، ئاللىقاچان چەتئەل پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلىك قىسمەتلەرنى نۇقتىلىق بايان قىلغان. بۇ ئارقىلىق ئاپتور نۆۋەتتە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تارىختىكى ئەڭ زور ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتايغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى زەربە بېرىش نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان
«زىمىستان» تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا سىياسىي پائالىيەتچى روشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا روشەن ئابباسنىڭ «ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيەتلىرى سەۋەب بولغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىۋاتقانلىقى» تىلغا ئېلىنغان. بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خىل قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.
روشەن ئابباسنىڭ بايان قىلىشىچە، ھەدىسى گۈلشەن ئابباس دوختۇرلۇق خىزمىتىدىن پېنسىيىگە چىققان بىر زىيالىي ئىكەن. ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپلەۋاتقان ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى» نى تۈگىتىش ئۈچۈن قانۇن تەربىيىسى ئېلىشقا ياكى خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە ئېھتىياجى يوق ئىكەن. ئاغرىق سەۋەبىدىن بالدۇرلا پېنسىيىگە چىققان ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ ئاتالمىش «تېخنىك تەربىيىلەش مەركىزى» دە تېخنىك ماھارەت ئىگىلەپ، يېڭىدىن خىزمەت تېپىشقىمۇ ئېھتىياجى يوق ئىكەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھېچقانداق تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغان گۈلشەن ئابباسنىڭ بۇلتۇر 9-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەتلىرىنىڭ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
روشەن ئابباس يەنە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىلا ئەمەس، بەلكى مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا روشەن ئابباس يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا قارىتا ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ سۈكۈت قىلىش يولىنى ئەمەس، بەلكى ئاۋازىنى ئاڭلىتىش يولىنى تاللىشىنى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن نارازىلىق نامايىشى قىلىش، ئۇلار ھەققىدە ئاشكارا گۇۋاھلىق بېرىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
روشەن ئابباس سۆزىدە 9-يانۋار كۈنى خەلقئارا تاراتقۇلاردا 2000 نەپەر قازاق قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدىن قويۇپ بېرىلىپ، قازاقىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جەم بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلىشىدىكى ھالقىلىق ئامىللارنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇلار ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، بولۇپمۇ خەلقئارا تاراتقۇلاردا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە قازاق قېرىنداشلاردىن ئۆرنەك ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.