يېڭى تەتقىقات دوكلاتى كۈنتاختىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىغا زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.11.21
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان كىرىمنېيلىق مەھسۇلاتلارغا قارىتا تۇتۇپ قىلىش بۇيرۇقى چىقاردى بىر ئىشچى فوتوۋولتلۇق سانائەت باغچىسىدا قۇياش ئېنېرگىيەسىنى تازىلاش ماشىنىسى بىلەن مەشغۇلات قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 22-ئۆكتەبىر، قۇمۇل.
REUTERS

ئامېرىكادىكى «برىكستروۋ ئىنستىتۇتى» ناملىق بىر تەتقىقات ئ‍ورنى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان بىر يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا، دۇنيا قۇياش ئېنېرگىيەسى بازىرىنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىسى بولغان خىتاينىڭ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە زەھەرلىك كاربون گازى قويۇپ بېرىشتە چوڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئاشكارىلىدى.

«برىكستروۋ ئىنستىتۇتى» «كۈنتاختا ئىمپېرىيەسىنىڭ گۇناھلىرى» ناملىق دوكلاتىدا خەلقئارا قۇياش ئېنېرگىيەسى ساھەسىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەخلاقى ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن بولمىغان كۈنتاختا باتارىيەسى ئىشلەپچىقىرىشىغا قارىتا ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا چاقىرغان. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خەلقئارا مەبلەغ سېلىش ۋە ئورتاق شېرىكچىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى رايوندىكى كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ بۇ رايونىدىكى باستۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش ئالامەتلىرىنى كۆرمەسكە سېلىش، ئۇيغۇر رايونىنى دۇنيا كۈنتاختا بازىرىنىڭ مۇھىم خام ئەشيا بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، كۈنتاختا PV مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلىنىشى ۋە باھاسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇشنى، كۈنتاختا بازىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تايىنىپ قېلىشىغا خاتىمە بېرىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ دۇنيا قۇياش ئېنېرگىيەسى تەمىنلەش زەنجىرىگە دەخلى قىلىشىدەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە كۈنتاختا بازىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تايىنىپ قېلىشىدەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش، دۇنيا كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەپ، بۇ ساھەدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى نورمال ئەخلاقىي ئ‍ۆلچەملەرگە مۇۋاپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. «كۈنتاختا ئىمپېرىيەسىنىڭ گۇناھلىرى» ناملىق بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان ئاساسلىق مۇتەخەسسىسلەردىن «برىكستروۋ ئىنستىتۇتى» كىلىمات ۋە ئېنېرگىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ قوشۇمچە دىرېكتورى سىۋېر ۋاڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە كۈناختا سانائىتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بۇ مەھسۇلاتنىڭ دەسلەپكى ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچلىرىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. سىۋېر ۋاڭ 21-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ ساھەدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ. بولۇپمۇ بۇ كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا مەركەزلەشكەن. بۇ يەردە بارلىق كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىغا ئىلىتىلىدىغان ئىككى خام ئەشيا تەركىبى بار. بۇنىڭ بىرى مېتالورگىيەلىك پولىسىكون. يەنە بىرى مېتالورگىيەلىك پولىسىلىكوندىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان كۈنتاختا پولىسىلىكونىدۇر. دۇنيادىكى بۇ ئىككى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر قانچە ئاساسلىق كارخانىلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ رايونىغا جايلاشقان. ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلار، شۇنداقلا بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆزى تورىدا ئېلان قىلغان دوكلاتلاردىن قارىغاندا، ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا قاتناشقان. بۇ ب د ت نىڭ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلگەن».

سىۋېر ۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، كۈنتاختا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان غەيرىي ئەخلاقى ئالاقىسىگە خاتىمە بېرىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرىنى خىتاينىڭ سىرتىغا يۆتكەش ئىكەن.

سىۋېر ۋاڭ: «بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ سىرتىدا چوڭ كۆلەملىك يېڭى كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى قۇرۇپ چىقىشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. بۇ كۈنتاختا سانائىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ شىنجاڭدىكى ئەخلاق ئ‍ۆلچەملىرىگە خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بازارنىڭ ئۇلاردىن ۋاز كېچىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا تايانماسلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ. بۇ شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭدىن چېكىنىپ چىقمىسا بازاردىن قوغلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، «نۆۋەتتە خىتاي كارخانىلىرى دۇنيا كۈنتاختىسى تەمىنلەش زەنجىرىدە ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، خىتاي كارخانىلىرىغا بولغان تايىنىش تېخىمۇ ئاشىدۇ» دەپ قارالماقتىكەن.

دوكلاتتا، «خىتاي كارخانىلىرىنىڭ كۈنتاختىسى پولىسىلىكونىدىن تارتىپ، كرىمنىي ۋافىرىغىچە، كۈنتاختىسى باتارىيەسىدىن تارتىپ كۈنتاختىسى زاپچاسلىرىغىچە بولغان قۇياش ئېنېرگىيەسى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا، مۇتلەق يۇقىرى ئ‍ورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بولۇپمۇ خىتايدىكى كارخانىلار كرىستال سىلىكون كۈلچىسى ۋە بۇ كۈلچىلەرنى ۋافىرلارغا ئايرىپ كۈنتاختا باتارىيەلەرىگە ئىشلىتىشتە دۇنيا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 95 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ دەسلەپكى ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچى ئۇيغۇر رايونىغا مەركەزلەشكەنىكەن.

ئەنگلىيەدىكى ھاللام شىفېلت ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كېنىدي مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسسور لاۋرا مۇراېي 21-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاۋرا مۇرفېي مۇنداق دەيدۇ: «دوكلاتتا كۆرسىتىلگەندەك رايوندا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بارلىق ئاساسى كارخانىلارنىڭ ھەممىسى يا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىنى ئىشلەتكەن يا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتناشقان شىركەتلەردىن پايدىلانغان ياكى ھەر ئىككىسىگە ئىشتىراك قىلغان. بولۇپمۇ بىز بۇ دوكلاتتىن ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن بارلىق پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە بۇلغانغانلىقى قەيت قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز».

«برىكستروۋ ئىنستىتۇتى» نىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئ‍ۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىى ئەمگەككە چېتىشلىق كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە بولغان چۇقانلار كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شىركەتلەرنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىدىن قول ئۈزۈشتە ئىككىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. پروفېسسور لاۋرا مۇرفېينىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ ئىككىلىنىشىدە مەھسۇلات باھاسى ھالقىلىق رول ئويناۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

لاۋرا مۇرفېي مۇنداق دېدى: «شۇنداقلا ئۇلار شۇنىڭدىنمۇ ئەندىشە قىلىدۇ. چۈنكى، خىتاي مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلىتىش، شۇنداقلا پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىشتا كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلغان ئېلېكتر ئىشلىتىش ئارقىلىق پولىسىلىكوننىڭ باھاسىنى سۈنئىي رەۋىشتە ئەرزان تۇتۇپ كەلدى. پولىسىلىكوننىڭ باھاسىنى قالايمىقان تۆۋەنلىتىش، شىركەتلەرنىڭ باشقا جايغا يۆتكىلىشتە ئوخشاش خام ئ‍ەشيا ھەم تۆۋەن باھانى قوغلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. لېكىن بۇ دوكلاتتىكى يېڭى بىر نۇقتا، پولىسىلىكون سانائىتى ئۆزىنىڭ تېخنىكا يېڭىلاش يولىدا شىنجاڭنىڭ پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرىغا تايىنىشنى توختاتقان تەقدىردە، پولىسىلىكون باھاسىنىڭ يەنىلا تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.»

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دەسلەپكى ھالقىسىدىكى خام-ئەشيا بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارغا، شۇنداقلا رايوندىكى قازاق، قىرغىز قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك، سىستېمىلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا، بۇ كرىزىستا خەلقئارا شىركەتلەر ۋە خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار مەھسۇلات تەننەرخىنىڭ چۈشۈرۈلۈشىگە سۈكۈت قىلىپ، بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت دوكلاتلاردا بۇ كرىزىستىكى ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈككە شېرىك، دەپ ئەيىبلەنگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، رايوندىكى كۈنتاختا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر ۋە رايوندىكى باشقا قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈر ئېنېرگىيە تورى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولۇپ، پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىدىغان بەزى كارخانىلار كۆمۈر ئېنېرگىيە تورى جايلاشقان سانائەت رايونلىرىغا ئورۇنلاشقانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.