31-ئاۋغۇست گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.
يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان گېرمانىيەدىكى بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى پائالىيەتلىرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. 31-ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىكى گيوتى ئۇنىۋېرسىتېتى، فرانكفۇرت ئۇنىۋېرسىتېتى، فرانكفۇرت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 8 ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، شەھەر مەركىزىدىكى گيوتې مەيدانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىشلىرىنى باشلىغان.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئەسلىدە فرانكفۇرت ۋە ماينىز شەھەرلىرىدىكى 8 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى پىلانلانغان. ئەمما ياۋروپادا خىتايدىن تارقالغان كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ 2-قېتىملىق دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن، گېرمانىيەدە بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئەۋجىگە چىققان بىر كۈنگە توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 20 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ توپلىشىپ نامايىش قىلىشىغا ئىجازەت بەرمىگەن. بۇنىڭ بىلەن 8 ئۇنىۋېرسىتېتتىن 2-3 تىن ئوقۇغۇچى ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىپ، بۇ نامايىشنى ئېلىپ بارغان.
گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدە ياشايدىغان بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ نامايىشىنى قوللاش ئۈچۈن فرانكفۇرت شەھىرىگە يېتىپ بارغان. كارلسرۇخې شەھىرىدىن كېلىپ بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىچە، 2 سائەت داۋاملاشقان بۇ نامايىش گيوتې مەيدانىدا باشلىنىپ، خىتاينىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاخىرلاشقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا گېرمان ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت، ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرىدىن كەلگەن ئوخشاش بولمىغان ئىرق، مىللەتكە تەۋە بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشقان.
نامايىشچىلار گيوتې مەيدانىدىن يۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، خىتاينىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا كېلىپ توختىغان. بۇ يەردە خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ نۇتۇقلار سۆزلىگەن. بىر گېرمان ئوقۇغۇچىسى قوللىرىنى خىتاي كونسۇلخانىسىغا شىلتىپ تۇرۇپ: «بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر! ھەي خىتاي كونسۇللىرى، چىقىپ بىزنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەر!» دەپ ۋارقىرىغان.
نامايىش مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان پاجىئەلىك ۋەقەلەر ھەققىدە توختالغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆزلىرىنىڭ ھېچ بولمىسا بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىش، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى قوللىغان بىلەن باراۋەردۇر. بىزنىڭ بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھېچ بولمىسا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار.»
يەنە بىر گېرمان ئوقۇغۇچى نۇتقىدا خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرى داۋام قىلىۋاتقان گېرمانىيەنىڭ داڭلىق شىركەتلىرىدىن «ئادىداس»، «زېمىنس» قاتارلىق شىركەتلەرنى «خىتاينىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقلىرىغا شېرىك بولۇۋاتىسەن!» دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن.
گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇخې شەھىرىدىن بېرىپ بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەكبەر قاسىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، گەرچە نامايىشنىڭ كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما تەسىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
0:00 / 0:00