لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتى كېڭەيمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.02.09
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتى كېڭەيمەكتە خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن «مىللەت نۆۋەتتە» ئىسمى بىلەن داۋاملاشقان پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 8-فېۋرال، ئىستانبۇل.
RFA/Azigh

18-دېكابىر لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا باشلانغان نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ ئالدىدا داۋاملاشماقتا. ئىستانبۇل ۋالىيلىقى تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ بەشىكتاش ۋە سارىيەر رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن پائالىيەت چەكلىمىسى سەۋەبلىك 3-فېۋرال كۈنى پائالىيەت خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يۆتكەلگەنىدى.

خەلقنىڭ ۋە تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ پائالىيىتى پۈتۈن دۇنيادىكى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ بەس-بەستە ئاۋاز قوشۇشى بىلەن زورايماقتا.

خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن «مىللەت نۆۋەتتە» ئىسمى بىلەن داۋاملاشقان پائالىيەت، 8-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى ۋە خىتاينىڭ ئالمۇتا كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.

8-فېۋرال كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان پائالىيەتچىلەردىن بايبولات كۈنبولاتئوغلى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي سىياسەتلىرىدىن زەربە كۆرۈۋاتقان ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، خىتايدىن ئائىلىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى، قازاقىستانغا كېلىشىگە رۇخسەت قېلىشىنى، ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار پائالىيەتكە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى. كامېرالارنىڭ ئالدىنى توسۇۋېلىپ سۈرەتكە تارتىشىمىزنى توسۇشقا تىرىشتى. خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ھېچكىم چىقىپ جاۋاب بەرمىدى. پائالىيەتچىلەر پائالىيىتىنى داۋملىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى».

پائالىيەت ئوخشاش كۈندە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىمۇ داۋاملاشقان بولۇپ، تۈركىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى پائالىيەتنىڭ داۋاملىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى كۆرۈنۈشلەرگە قارىغاندا، بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ پائالىيەتچىلەرنى كورۇنا ۋاباسى تەدبىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك باھانىلەر بىلەن تارقىتىۋىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى مەلۇم. پائالىيەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ توسقۇنلۇقى تۈپەيلى پەقەت چۈشكىچىلا داۋام قىلغان. پائالىيەتچىلەر ساقچىلارنى تەڭقىسلىقتا قويماسلىق ئۈچۈن پائالىيىتىنى چۈشكىچە داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن بۇرھان ئۇغيول ئەپەندىم مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا ئەتىگەندە چىقتۇق. كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ كونسۇلغا كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇردۇق. ئائىلىمىزنى قويۇپ بەرگىن، ۋەتىنىمىزدىكى قىرغىنچىلىقنى توختات دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدۇق. كونسۇلخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەن لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. بىزنىڭ كۆپەيگىنىمىزنى كۆرۈپ يەنە ساقچىلارنى يۆتكەپ كەلدى. ئۇلار كۈچىگە تايىنىپ بىزنى كونسۇلخانا كوچىسىدىن پەسكە چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولدى. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پىداكارلىقى بىلەن بۇلارمۇ بوشاپ جايىمىزدا تۇرۇپ پائالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزغا رۇخسەت قىلدى».

«مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتى ئەنقەرەنى مەركەز قىلغان ئاساستا ئالمۇتا ۋە ئىستانبۇلدىمۇ داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، پائالىيەتنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتە نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.