بايىنغولىندا كېلەر 3 يىلدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغان 19 مىڭ كىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ لاگېردىكىلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆتكەن ئاينىڭ 13-كۈنى ئالاقىدار ئىدارە جەمئىيەتلەرگە ھۆججەت چۈشۈرۈپ، كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە 19 مىڭ كىشىنى قۇرۇلۇش ساھەسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر ھۆججەتتە كۆرسىتىلگەن ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى داۋامىدا بۇ 19 مىڭ كىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ لاگېرىدىكىلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 13-ئىيۇل كۈنى تارقاتقان ھۆججىتىدە يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە قۇرۇلۇش ساھەسىدە 19 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ھۆججەتتە يەنە بۇ جەرياندا 36200 مىڭ ئادەم قېتىم كەسپىي تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ھۆججەتتە بۇ پىلاننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە بۇ پىلان ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەدبىرلەردىن بىرى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان.

ھۆججەتتىكى مەزمۇنلار ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ، جۈملىدىن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېقىنقى 3 يىللىق سىياسىي ۋەزىيىتى بۇ لايىھەنىڭ لاگېردىكىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئىشارەت قىلماقتا. شۇڭا بىز بۇ لايىھە ھەققىدە بايىنغولىندىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن مەلۇمات سورىدۇق. بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. بىز ئارقىدىن مەزكۇر ھۆججەتتە قالدۇرۇلغان ئالاقىلىشىش نومۇرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان خادىم ئۆز ئىشخانىسىنى «19 مىڭ كىشىنى 3 يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى ئالاقە ئىشخانىسى» دەپ تونۇشتۇردى. بۇ خادىمدىن پىلانلانغان بۇ 19 مىڭ كىشىنىڭ بايىنغولىندىكى لاگېرىدىكىلەر، يەنى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكىلەر ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ پىلاندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغانلارنىڭ ئارىسىدا لاگېدىكىلەرنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، يەنە باشقا ھەرقايسى ساھە ۋە مەكتەپتىكىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆتكەن يىلى ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە ئوقۇغۇچىلىرى» نىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغانلىقى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى؛ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى باياناتلىرىدىمۇ «ئاتالمىش كەسپىي تەربىيە مەكتەپلىرى» نىڭ تاقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغۇچىلار ئارىسىدا لاگېدىكىلەرنىڭمۇ بارلىقىدىن ئىبارەت يۇقىرىقى ئۇچۇر شۆھرەت زاكىرنىڭ بايانلىرىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ كۆرسەتتى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە» دولقۇنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە ۋە شىددەت بىلەن داۋام قىلغان جايلاردىن بىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بىز مەزكۇر ئىشخانا خادىمىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان 19 مىڭ كىشى ئىچىدە لاگېرىدىكىلەر سانىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ياكى قانچە پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى سورىدۇق. مەزكۇر خادىم نۆۋەتتە بۇ پىلاننىڭ تېخى ئىجرا باسقۇچىدا ئىكەنلىكى، ئېنىق سان-سېپىر ۋە نىسبەتنىڭ يىل ئاخىرىدا ئايدىڭلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز بۇ خادىمدىن «لايىھەگە ئاساسەن تەربىيەلەش مەركىزىدىكىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى دېيىشكە بولامدۇ؟» دەپ سورىدۇق. بۇ خادىم «توغرا، شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى.

بىز مەزكۇر خادىمدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغانلارنىڭ ئاساسلىقى كورلادىكى قايسى لاگېردىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ تەپسىلىي مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

لاگېرلاردىكىلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزدىن چۆچۈگەن بۇ خادىم ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق بىر خاتا ئىش قىلمىغانلىقى، پەقەت مەركەز ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا كورلادا ئاز دېگەندە 4 ئورۇندا لاگې بارلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى. بىز مەزكۇر خادىمدىن مانا مۇشۇ 4 لاگېر ئىچىدە قايسى لاگېردىن كۆپرەك كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. بۇ خادىم ئۆز خىزمەت دائىرىسىنىڭ لاگېرلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىلگىرى رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا كورلادىكى لاگېرلاردا تۇتقۇنلار سانىنىڭ ھەدىددىن زىيادە كۆپلۈكى، شۇڭا قاماقخانا ۋە تۈرمىلەرنىڭمۇ لاگېر ئورنىدا قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان. بىز مەزكۇر خادىمدىن بۇ قېتىمقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئەنە شۇ لاگېرلارغا ئادەم سىغماي قېلىش ۋەزىيىتى بىلەن ئالاقىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. بۇ خادىم بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرىشكە سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقىدار ئورگانلاردىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىز بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغان 19 مىڭ كىشى ئىچىدە لاگېردىكىلەرنىڭمۇ بارلىقى دەلىللەندى. ئەمما، ئەمما بۇلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا لاگېردىن تولۇق قۇتۇلىدىغانلىقى ۋە ياكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا مەجبۇرى ئىشچى) قۇل ئىشچى) غا ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ياكى مەكىتتە بولغاندەك ئائىلىلىكلەر لاگېرىغا يۆتكىلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.