خىتاي كونسۇلخانىسى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنى "جىنايىتىنى" ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2020-12-22
Share
خىتاي كونسۇلخانىسى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنى "جىنايىتىنى" ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان 22-دېكابىر كۈنى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى. 2020-يىلى 22-دېكابىر. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Ehsan

22-دېكابىر كۈنى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن تەكرار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى. لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى 14-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدىن لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە سولانغان ۋە غايىب قىلىۋېتىلگەن ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى قايتا-قايتا خىتاي كونسۇلخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسلارنى تاپشۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق كونسۇلخانا تا ھازىرغىچە، لاگېر قۇربانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى 18-دېكابىردىن ئېتىبارەن خىتاي ھۆكمىتىدىن ئىلتىماسلىرىنى رەسمىي يوسۇندا تاپشۇرۇۋالغانغا ۋە ئائىلىلىرى ھەققىدە ئىزاھات بەرگەنگە قەدەر ھەر كۈنى كونسۇلخانا ئالدىدا يىغىلىپ خىتاي ھۆكمىتىدىن جاۋاب كۈتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تىركىشىشى نەتىجىسىدە، خىتاي كونسۇلخانىسى رەسمىي بولمىغان ئۇسۇلۇپتا پائالىيەتچىلەرگە خەت بەرگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم نەق مەيداندىن مەلۇمات بەردى.

خىتاي كونسۇلخانىسى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن خەتتە، پائالىيەتچىلەرنى كونسۇلخانا تەرىپىدىن بەلگىلەپ بەرگەن "جىنايى" قىلمىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا "جىنايىتىنى" قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان. خەتتە يەنە لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ "جىنايى" قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇناھىنى تونۇغاندىلا ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئۇلار بىلەن ئائىلىلىرى ھەققىدە كۆرۈشىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

خەتتە، پائالىيەتچىلەردىن بۆلگۈنچىلەرنىڭ بايرىقى بىلەن «شەرقى تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى ئىلىتىشنى توختىتىشنى ۋە بۆلگۈچى شەخسلەر بىلەن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي كەسكەنلىكىگە ئائىت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئوچۇق ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، شەرتلىرى ئورۇندالغاندىن كىيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆرۈشۈشكە قوشۇلىدىغانلىقى يېزىلغان.

خىتاي كونسۇلخانىنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن ھالقىغان ھالدا، قايسى سوت مەھكىمىسى ياكى قانۇنىي ئورگاننىڭ تەستىقى بىلەن لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىغا "جىنايەت" بېكىتكەنلىكى ۋە قايسى ئورگاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن "جىنايىتىنى" ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. تارقىتىپ بېرىلگەن خەتتە، مەزكۇر ئىزاھاتنىڭ كونسۇلخانىغا ئائىت ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق كونكرېت ئۇچۇر تىلغا ئىلىنمىغان بولۇپ، خەتكە كونسۇلخانىغا ئائىت ھېچقانداق تامغا ۋە ئىمزا قويۇلمىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرى چوڭىيىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەرقانداق جاۋابكارلىقتىن قىچىش ئۈچۈن رەسمىي ئۇسۇلدا ئىزاھات بېرىشتىن ئۇزاق تۇرماقچى ۋە بۇ ئارقىلىق كېلىپ چىققان پايدىسىز ئاقىۋەتتە خەتتىن تىنىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىگە مۇمكىنچىلىك قالدۇرۇپ قويماقچى ئىكەن.

خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىغا بەرگەن خېتىگە قارىتا پائالىيەتچىلەردىن دوكتور بۇرھان سېيت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇلار ۋەتەن داۋاسى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تىنچلاندۇرۇش ۋە ئاۋازىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن، يەنى ‹ئاۋازىڭلارنى يىغساڭلار، شەرقى تۈركىستان دېمىسەڭلار، بايرىقىڭلارنى ئىشلەتمىسەڭلار، خىتاي قارشى سۆز قىلمىساڭلار سىلەر بىلەن كۆرۈشىمەن› دەۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ مەقسىتى ۋەتىنىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئاۋازىنى يوقىتىش. بۇ ئىشنى بىزنى ئالداش ئارقىلىق بىزنى بېسىقتۇرماقچى ۋە ۋەتەننىڭ ئاۋازىنى يوق قىلماقچى دەپ چۈشەندۇق.»

ئەنقەرە ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى ئىلياس دوئان ئەپەندىم خىتاي كونسۇلىنىڭ لاگېر قۇربانلىرىغا چىقىرىپ بەرگەن خېتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكمىتىنىڭ پوزىتسىيەسى دۆلەتنىڭ رەسمىي سالاھىيىتىگە ماس كەلمىگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى ئارتىلغان.

خىتاي تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق مەۋجۇتتۇر. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ تىنچ شەكىلدە ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئېتىبارىنى چۈشۈرگەن، پۈتۈن دۇنيادىمۇ خىتاي ئېتنىك قىرغىنچى دۆلەت سۈپىتىدە تونۇلۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەش ئارقىلىق مەۋجۇت ۋەزىيەتنى يوشۇرۇپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ھۆر دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىش ۋە جانلاندۇرۇشتا باشلامچىلىق رولىنى ئوينىشى كېرەك».

خىتاينىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى سىياسىتىدىن كىيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار پارچىلانغان ئائىلىلىرى ۋە خىتاينىڭ تۈرمىلىرىگە سولانغان ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. خىتاي كونسۇلى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ تەلەپلىرىگە ۋە ئىلتىماسلىرىغا بۈگۈنگىچە جاۋاب بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان. خىتاي دىپلوماتلىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئائىلىلىرى ھەققىدە ئىزاھات بېرىش ئۈچۈن لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا شەرت قويغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت