لۇكارنو فىلىم فېستىۋالىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىندى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.08.12
lukarno-filim-04 فىلىم فېستىۋالىدا شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت رەئىسى ئېگناززو كاسىسنىڭ ئالدىغا چىققان ئۇيغۇر، تىبەت نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر. 2024-يىلى 12-ئاۋغۇست، لۇكارنو
RFA/Hebibulla Izchi

بۈگۈن يەنى 12-ئاۋغۇست كۈنى، شىۋېيتسارىيەنىڭ لۇكارنو شەھىرىدە باشلانغان خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا د ئۇ ق، مەركىزى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار ھەرىكىتى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى تىبەت، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن.

لۇكارنو فىلىم فېستىۋالى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ دۇنياۋى فېستىۋال. بۇ فېستىۋالدا دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن فىلىملىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن لوكارنوغا كەلگەن فىلىم شىركەتلىرى، رېژىسسورلار ۋە ئارتىسلار قىزىل گىلەمدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى فېستىۋالى لۇكارنودىكى 12 كىنوخانا ۋە ئۈستى ئوچۇق تەنتەربىيە سارايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى لوبى تەشكىلاتى بولغان «شىۋېيتسارىيە خىتاي سودا ئۇيۇشمىسى» ئۆزىنىڭ تەشۋىقات فىلىملىرىنى قاتناشتۇرىدىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەركىزى شىۋېيتسارىيەنىڭ لۇكارنودىكى «لۇكارنو كىشىلىك ھوقۇق فوندى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە د ئۇ ق، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى، شىۋېيتسارىيە تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشى بىلەن، 12-ئاۋغۇست كۈنى لۇكارنودا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «تىبەتلەرگە ئەركىنلىك» دېگەن تېمىدا نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتىدىن بەتتىنا ئەككەر تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2024-يىلى 12-ئاۋغۇست، لۇكارنو
تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتىدىن بەتتىنا ئەككەر تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2024-يىلى 12-ئاۋغۇست، لۇكارنو
RFA/Hebibulla Izchi

بۇ ھەقتە شىۋېيتسارىيە تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتىدىن بەتتىنا ئەككەر خانىم، تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى، لۇكارنودىكى تىبەت جەمئىيىتى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ لۇكارنو فىلىم فېستىۋالىدا نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ باردۇق. بىز پائالىيىتىمىزنى شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتى كاسىس فىلىم فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىشىغا كەلگەندە باشلىدۇق. دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن كەلگەن دىپلوماتلار، سىياسەتچىلەر، سەنئەتكارلار ۋە داڭلىق ئارتىسلارنىڭ فىلىم فېستىۋالىغا كىرىشىگە ئۈلگۈرۈپ ئېلىپ بارغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى ۋە قوللىرىمىزدىكى پىلاكاتلارنى، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت بايراقلىرىمىزنى كۆردى».

شىۋېيتسارىيەدىكى مەزكۇر فىلىم فېستىۋالى مۇناسىۋىتى بىلەن 12-ئاۋغۇستنى شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى «دىپلوماتىيە كۈنى» دەپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ كۈنى لۇكارنودا شىۋېيتسارىيەدىكى چەت ئەل ئەلچىلىرى، دىپلوماتلار ۋە دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن كەلگەن فىلىم ئىشلىگۈچىلەر، ئارتىسلار ۋە رېژىسسورلارغا ھۆكۈمەت زىياپىتى بېرىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى رەئىسى ئەركىن زۇنۇن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2024-يىلى 12-ئاۋغۇست، لۇكارنو
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى رەئىسى ئەركىن زۇنۇن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2024-يىلى 12-ئاۋغۇست، لۇكارنو
RFA/Hebibulla Izchi

بۇ دىپلوماتىيە كۈنىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ۋە خىتاي-شىۋېتسارىيە سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى رەئىسى ئەركىن زۇنۇن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز شىۋېيتسارىيەگە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىشنى خاتىرىلىتىش ۋە خىتايدەك شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر دىكتاتور دۆلەت بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئىمزالاشنىڭ تارىخىي خاتالىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش» دەيدۇ.

بۇ فىلىم فېستىۋالىدىن بۇرۇنلا خىتاينىڭ بۇ يەردە ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان «لۇكارنو كىشىلىك ھوقۇق فوندى» ۋە «شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا تەشكىللەپ روياپقا چىقارغان بولۇپ، 12-ئاۋغۇست شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى رەئىسى ئېگنازو كاسسىنىڭ ئالدىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام «خىتايدەك بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش شىۋېيتسارىيەنىڭ قىممەت قارىشىغا زىت،» دەپ رادىيومىز ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇ پائالىيەتتە مەخسۇس «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ، «تىبەتكە ئەركىنلىك» دېگەن خەتلەر بېسىلغان مىڭدىن جىق مايكا بۇ فېستىۋالغا قاتناشقىلى كەلگەن كىشىلەرگە تارقىتىلغان بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە مەدەت بېرىپ نەق مەيداندىلا ئۈستىدىكى كۆڭلىكىنى چىقىرىپ بۇ مايكىلارنى كىيىشىپ فېستىۋالغا قاتناشقان. تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتىدىن بەتتىنا ئەككەر خانىم يەنە بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

فىلىم فېستىۋالىدا شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت رەئىسى ئېگناززو كاسىسنىڭ ئالدىغا چىققان ئۇيغۇر، تىبەت نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر. 2024-يىلى 12-ئاۋغۇست، لۇكارنو
فىلىم فېستىۋالىدا شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت رەئىسى ئېگناززو كاسىسنىڭ ئالدىغا چىققان ئۇيغۇر، تىبەت نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر. 2024-يىلى 12-ئاۋغۇست، لۇكارنو
RFA/Hebibulla Izchi

ئۇ سۆزىدە «بىز بۈگۈن بۇ يەردە قىلغان بۇ پائالىيەتلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولسا، ھۆكۈمەت بىزنىڭ بۇ نارازىلىقىمىزغا دىققەت قىلسا دېگەن ئۈممىتىمىز» دەيدۇ.

د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى رەئىسى ئەركىن زۇنۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ فېستىۋالدا 14-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي فىلىم شىركەتلىرىمۇ بىر قىسىم قىزىل فىلىملارنى ۋە ئاتالمىش غەربىي يۇرت تەسۋىرلەنگەن تەشۋىقات فىلىملىرىنى قۇيىدىغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نارازىلىق پائالىيىتى يەنە ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.