د ئۇ ق پارىژدا «خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئانا تىلى ھوقۇقى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئۇيغۇر ئانا تىلى جىددىي بىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار پارىژ شەھىرىگە يىغىلىپ «خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئانا تىل ھوقۇقى» ناملىق يىغىن چاقىرغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر يىغىندا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە قىممەتلىك دوكلاتلارنى بېرىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئاڭلىغايسىلەر.