ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاساسىي مائارىپتا تەربىيىلىنىشى مۇھىم

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2016.09.26
mektep-oqughuchi-qosh-til-gimnastika.jpg مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەيدانغا تىزىلىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-8-نويابىر، قەشقەر.
AFP

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىن چەتئەلگە چىقىپ پەرزەنتلىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى چەتئەللەردە ئوقۇتۇشقا باشلىدى.

بولۇپمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي چەكلىمىگە ئۇچراپ دىنىي ئوقۇتۇشتىن مەھرۇم قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە پەرزەنتلىرىنى چىقىرىپ، ئىسلام دىنغا بولغان تەشنالىقى سەۋەبلىك، پەرزەنتلىرىنى دىنىي كۇرسلارغا بېرىش بىلەن چەكلىنىپ، ئوقۇش يېشىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئاساسىي مائارىپ تەربىيىسىگە سەل قارايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

ئاساسىي مائارىپ تەربىيىسىدىن مەھرۇم قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ نوقۇل ھالدا دىنىي تەربىيە ئېلىپ، قارى، موللا بولۇپ جەمئىيەتكە چىقىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ كېلەچىكى قانداق بولىدۇ؟ بۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە قانداق شەكىلدە ھەسسە قوشىدۇ؟ بۇلار قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كېيىنكى تۇرمۇشنى قامدايدۇ؟ دېگەندەك سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

بىز بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن دىنى تەشۋىقات ۋە تەلىم -تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەبىبۇللا كۈسەنىنى زىيارەت قىلدۇق.

ھەبىبۇللا كۈسەنى ئوقۇش يېشىدىكى پەرزەنتلەرنى ئاساسىي مائارىپ تەربىيىسىدىن ئايرىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، ئاساسىي مائارىپ تەربىيىسىدە بولمىغان پەرزەنتلەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالدى بىلەن ئاساسىي مائارىپ تەربىيىسى پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئەقەللىي ۋە ئەڭ مۇھىم تەربىيىلىنىش باسقۇچىدىن ئىبارەتتۇر.

ھەبىبۇللا كۈسەنى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى پەننىي مەكتەپكە بەرمەي ياكى ئۆزى ئۆيىدە پەرزەنتلىرىنىڭ پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشىگە ياردەمدە بولماي، نوقۇل ھالدا قارى قىلىپ تەربىيىلەپ چىققان پەرزەنتلەرنىڭ جەمئىيەتتە ئۆز ئورنىنى تاپالماي قېلىشتەك كرىزىسقا يولۇقۇۋاتقانلىقىنى، شۇ كۆز قاراشتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپمۇ، يەنە شۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھالىتىدە پەرزەنتلىرىنى تۈركىيە ۋە مىسىردەك دۆلەتلەردە پەننىي مەكتەپكە ئەۋەتمەي، ئەكسىچە پەقەت قۇرئان كۇرسلىرىدا ئوقۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچىسى، مائارىپشۇناس ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دىنى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىغا توغرا شەكلىدە يىپەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى پەندىمۇ، دىندىمۇ تەربىيىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ھەبىبۇللا كۈسەنى چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگۈچە تولۇق ئوقۇش بىلەن بىرگە، دىنىي بىلىملەرنىمۇ ئەتىگەن،ئاخشاملىرى ۋە شەنبە، يەكشەنبە كۈنلۈك دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كۇرسلارغا بېرىپ دەرس ئېلىپ تولۇقلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

قۇرئان كەرىمىدە تۇنجى ئايەتنىڭ «ئوقۇ» دەپ چۈشكەنلىكىنى سۆزلىگەن ھەبىبۇللا كۈسەنى پەن بىلەن دىننىڭ ھەمنەپەس ئىكەنلىكىنى، دىننىڭ ئىلىم-پەن ئۆگىنىشنى، پەن-مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ، ئاخىردا پەرزەنتلەرنى چوقۇم ئاساسىي مائارىپ تەربىيىسىدە ئوقۇتقاندىلا، ئاندىن پەرزەنتلەرنىڭ دىنىي مائارىپ تەربىيىسىدە لاياقەتلىك بولۇپ تەربىيىلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرچە، قانچىلىك ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ مىسىر، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى ئىسلام دىنى كۇرسلىرىدا ئوقۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ئەمما، ئەھۋالدىن خەۋىرى بار زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، مۇنداق پەرزەنتلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكىدىن كۆپەيمەكتە ئىكەن.

بۇ پروگراممىنى سىلەر ئۈچۈن شىۋېتسىيەدىن ئېھسان تەييارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.