ميۇنخېندا ئانا تىل مۇئەللىمىنىڭ كۆچەتلىرى مېۋە بېرىشكە باشلىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.12.14
germaniye-miyunxen-uyghur-ana-til.jpg ميۇنخېندا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى نۇرنىسا مۇئەللىم بىلەن.
RFA/Gulchehre

ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرتىنى ئانا تىلىدا تەربىيىلەشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ كەلمەكتە، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ميۇنخېن شەھىرىدە نۇرنىسا خانىم، بۇ جايدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان پىداكار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ خاسلىقى بالىلارغا ياقىدىغان چۆچەك، ناخشا ئۇسۇللار، رەسىم سىزىش، شېئىر-قوشاقلارنى يېزىشقا ئوخشاش ئۆزگىچە رەڭدار شەكىللەر، خاس مېتود ۋە مېھرىبانلىق بىلەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، گېرمانىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنى،ئانا تىلىدا تەربىيىلەشتىن باشقا يەنە ئۇلاردا مىللىي ئۈرپ-ئادەت ۋە مىللىي خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە، بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى مېۋە بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، يېقىندا نۇرنىسا خانىم 10 نەپەر ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن مىيونخىندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بالىلار چۈچەكلىرى فېستىۋالىغا قاتنىشىپ، زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. بۇ خوش خەۋەرلەرنىڭ تەپسىلاتنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە يەتكۈزۈدۇ.

گېرمانىيىدە ئۇيغۇر سەنئىتى، مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان نۇرنىسا خانىم يىللاردىن بۇيان يەنە تۈرلۈك رىقابەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، مىيۇنخېندا تۇغۇلۇپ ۋە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىدىن دەرس بېرىپ كەلمەكتە. يىللاردىن بۇيان نۇرنىسا خانىم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلەش بىلەنلا قالماي، بالىلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنى گېرمانىيىدە تونۇشتۇرۇشقىمۇ سەھنە ھازىرلاش ئۈچۈن ئالاقە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىمۇ ئېلىپ بارماقتا. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، گېرمانىيىدىكى تۈرلۈك مىللەت ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشىغا ئالاھىدە پۇرسەتلەر يارىتىپ بەرمەكتە.

زىيارىتىمزىنى قوبۇل قىلغان نۇرنىسا خانىمنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، نۇرنىسا خانىم ئۆزى ئوقۇتۇپ كېلىۋاتقان 6 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان 13 نەپەر ئوقۇغۇچى بالىلار بىلەن 4-دېكابىر مىيۇنخېندىكى گاستايىش چوڭ كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق بالىلار چۆچەكلىرى فېستىۋالىغا قاتنىشىپ، گېرمان ۋە ئۇيغۇر تىلىدا «تۈلكىنىڭ تەقسىماتى» قاتارلىق ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى ئوبرازلىق سەھنىلەشتۈرۈپ كۆرسەتكەن. بۇ فېستىۋال گېرمانىيىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان، مىيۇنخېندىكى مورگېن چەتئەللىكلەر ئۇچۇر ئالاقە مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 12 مىللەت بالىلىرى ئايرىم-ئايرىم ئۆز تىللىرىدا پروگراممىلار ئورۇنلىغان.

بولۇپمۇ، مەيداندا چىرايلىق مىللي كىيىملىرى، چىمەن دوپپىلىرى بىلەن قىياپەت جەھەتتىمۇ پەرقلىق گەۋدىلەنگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلارنىڭ نۇرنىسا خانىم ۋە ئۇسۇل ئۇستازى خالىسە خانىملار يېتەكچىلىكىدە ئورۇندىغان ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى ۋە ئۇيغۇر چۆچەكلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە زوقىنى قوزغىغان ۋە ھەممىدىن يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن.

بۇ، مىيۇنخېندىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىشى ئىكەن. نۇرنىسا خانىم يېقىندا يەنە، مەدەنىيەت ئىشلىرىدىكى تىرىشچانلىقى ئۈچۈن باۋارىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق چۆچەك فېستىۋالىغا قاتناشقان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن مىيۇنخېندا ياشاۋاتقىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان ئەلانۇر خانىم، ئىلگىرى ئۆزىمۇ مىيۇنخېندىكى ئۇيغۇر دەرنىكىدە ئۇيغۇر ئانا تىلىدا دەرس بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە نۇرنىسا خانىمنىڭ مىللىي قىياپەت ۋە ئانا تىلىدا ئوبرازلىق ۋە كۆپ خىل شەكىللەردە كۆرسەتكەن نومۇرلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتتە تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە زوقىنى قوزغىغانلىقىنى، نۇرنىسا خانىم ۋە بالىلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭمۇ نۇرنىسا خانىمدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ۋە يەنىمۇ قوللاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

نۇرنىسا خانىم زىيارىتىمىز ئاخىرىدا بىزگە يەنە بىر خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. يەنى، مىيۇنخېندا ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي دوكلات پروگراممىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر ۋە گېرمان تىلىدا تۇنجى ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى كىتابى چىقىش ئالدىدا بولۇپ، نۇرنىسا خانىم ئاپتورلۇقىدا روياپقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان كىتابقا « ئۇيغۇرلارنىڭ تەكلىماكان ھايۋانلىرى قانداق؟ » دەپ نام بېرىلگەن. بۇ ئۇيغۇر چۆچەكلىرى كىتابىغا بالىلارنىڭ رەڭلىك سىزما رەسىملىرى قىستۇرۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇشلارمۇ كىرگۈزۈلگەن. بالىلار خىزمىتى، بولۇپمۇ تەربىيە خىزمىتى مىننەتسىز سۆيگۈ ۋە مېھرىبانلىق، سەبىر تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق خىزمەت. بالىلارغا ئامراقلىقىنى يوشۇرالمىغان نۇرنىسا خانىم ئۆزىنىڭ بالىلارنىڭ خۇشاللىقىدىن بەخت تاپىدىغانلىقىنى«مەن بالىلار بىلەن بىللە بولسام سولغان گۈل قايتا ئېچىلغاندەك بولىمەن» دەپ ئوبرازلىق تەسۋىرلەيدۇ.

گېرمانىيىدە يىللاردىن بېرى ھەرخىل مەدەنىي، ئەدەبىي ۋە سەنئەت نومۇرلىرىنى تەشكىللەپ، ئورۇنلاپ كېلىۋاتقان نۇرنىسا خانىم سۆزىدە، بالىلارغا ئانا تىل تەربىيىسى بېرىش مۇھىم بولغاندەك ئۇلاردا مىللىي خاراكتېر يېتىلدۈرۈش، ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش بىلەن تەڭ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە قانداق سىڭىش ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشمۇ، ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى ھەمدە نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە يەنە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتە نۇرغۇن رىقابەت مەۋجۇتلۇقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچ قېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «مېنىڭ قىلغانلىرىم پەقەت دەريادىن بىر قانچە تامچە سۇ» دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.