ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بۇ يىل 40 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقىتىدىكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.06.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
uyghur-akademiye-2017-yighin-amerika-2.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار خاتىرىسى. 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا.
RFA/Qutlan

يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەگە ئۆز خىراجىتى بىلەن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىپ بېرىشى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەبلىك زور ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتچە.

بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان بەزى مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچىلەر ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەسىس قىلغان «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىپ، مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى ۋە نامزاتلار سانىنى كۆپەيتتى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2017-2018-ئوقۇش يىلىدا يەنە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان 40 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپاتىغا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇكاپات شەرتلىرىگە لايىق كېلىدىغان 40 نەپەر نامزات تاللىنىدىكەن.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ۋە ئىقتىسادىي شەرت-شارائىتى قاتارلىق بىر قاتار ئەمەلىي ئەھۋاللارغا قاراپ تۇرۇپ، 40 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» نىڭ بىر مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ پۇل ئىئانە قىلىشى بىلەن 2014-يىلى تەسىس قىلىنغانلىقىنى، ھەر يىلى 10 نەپەردىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل يەنە بىر مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ 40 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىقتىسادىي ياردەم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

«تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ۋە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان بولۇپ، دوكتۇرانتلارغا 700 تۈرك لىراسى، ماگىستىر ئاسپىرانتلارغا 500 تۈرك لىراسى ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا 400 تۈرك لىراسى بېرىلىدىكەن.

بۇ قېتىملىق «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پەرىدە تۇرسۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇش نەتىجىلىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى قىيىن شارائىتتا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ كۆپ يۆلەك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەنۋەر ئەخمەتمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ قېيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنداق شارائىتتا مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ بېرىلىشى ئۇنى ۋە تۈركىيەدىكى باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تولىمۇ سۆيۈندۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

«تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بۈيۈك ئاقارتقۇچى ۋە ئىسلاھاتچى مەمەتئېلى تەۋپىقنىڭ مىللىي مائارىپ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇ ياندۇرغان مەرىپەت مەشئىلىنى ئۇلغايتىش شۇنداقلا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش مەقسىتى بىلەن 2014-يىلى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىرقانچە مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن تەسىس قىلىنغان بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى 2014-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇشتا ئەلا، مىللىي رۇھى كۈچلۈك بولغان ھەمدە تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى 2014-يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن جەمئىي 59 نەپىرىگە «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» نىڭ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.