شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2017.02.20
shiwetsiye-ana-til-mektipi.jpg شىۋېتسىيەدىكى ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى.
RFA/Éhsan

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەت خەلقى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تىل-يېزىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەسچىت، مەكتەپ ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېچىپ كەلمەكتە.

شىۋېتسىيە مائارىپ ئورگانلىرى مەسئۇللىرىمۇ مەكتەپلەردىكى چەتئەللىك بالىلارغا ئانا تىل دەرسى ئۆتۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرمەكتە.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىمۇ بۇ ئەۋزەللىكلەردىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ بۇ سىياسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماقتا.

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمنىڭ ئاكاللا رايونىدىكى كوردوبا خەلقئارالىق باشلانغۇچ مەكتىپىدە 15 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قالالىشى ئۈچۈن، شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇللىرىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىرقانچە قېتىم كۆرۈشۈپ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر تىلى مەكتەپنىڭ چەتئەل تىلى دەرسلىك تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى ۋە بىر نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەپتىدە 3 سائەت ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈشى تەستىقلاندى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوردۇبا خەلقئارا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ھازىر جەمئىي 15 نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنتى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن 2017 -يىلى 13 -فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ، ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنلىرى 3 سائەت ئۇيغۇر ئانا تىلى دەرسى ئۆتىلىشكە باشلىغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيارنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ 2017-يىللىق پىلانىغا ئانا تىلنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە شىۋېتسىيە مائارىپىنىڭ ئانا تىل دەرسلىكىنى تەسىس قىلىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانى كۆپ بولغان مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى تەسىس قىلغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

شىۋېتسىيەدىكى مەخمۇت قەشقىرى مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابباس ئەپەندى بۇ مەكتەپتە ئىزچىل ئوقۇغان ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش، يېزىش، ئوقۇش جەھەتلەردە قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي ئاڭلاتتى.
ئابباس ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىشتا ئۆزلىرىنىڭ ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرى ھەققىدە تەجرىبىلىرىنى ئاڭلاتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.